تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئاياللار كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 5 – ماي كۈنى يىغىن چاقىرىپ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى «2013 – يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» قىلىپ سايلىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيىدىكى «خابېر تۈرك»، « ت ر ت تۈرك» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلدى.
ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رابىيە ئىلكتۈركنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چىدىغۇسىز زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكى، بۇ خانىم قىزلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن شۇڭا رابىيە قادىر خانىمنى «2013 – يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» دەپ سايلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: RFA