ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ شەكىللىنىشى
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان تىللار ئىنتايىن نۇرغۇن بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
1.ھۇن تىلى: كۆپىنچە ئالىملار ھۇن تىلىنى تۈركىي تىل دەپ قارايدۇ،ھۇن تىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان ئىگىز ھارۋىلىقلارنىڭ تىلى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ئازراقلا پەرقلىنىدۇ.
2.تۈرك تىلى: بۇ تىل تۈرك خانلىقى دەۋرى(مىلادى 552~774-يىللار) دە كەڭ قوللۇنۇلغان ھۆكۈمران تىل بولۇپ،تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى تۈرك قەبىلىلىرى،توققۇز ئوغۇز،ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى،قىرغىزلار،تاتارلار ۋە باشقا غەيرى رەسمى تۈركى تىللىق قەبىلىلەرگە ئورتاق تىل بولغان.كېيىن ئۇيغۇرلار باش كۆتۈرۈپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ،«ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى» نىڭ قۇرۇلىشى بىلەن،تۈرك خانلىقى پارچىلىنىپ،تۈرك تىلىمۇ بىرقانچە دېئالېكتىغا بۆلىنىپ كەتتى.
3.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى: ئۇيغۇر خانلىقى(مىلادى 744~840-يىللار) زامانىسىدا قەدىمكى تۈرك تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ،قەدىمكى تۈرك تىلى بىلەن كۆپ پەرقى يوق.
4.توخار تىلى: ئارىيانلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللار ئىلگىرى ئارال دېڭىزى ئەتىراپى ۋە روسىيە يايلاقلىرىدا ياشىغان بولۇپ،نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەتىراپقا يۆتكۈلۈشكە باشلاپ،بىر قىسمى ئىتالىيەگە،بىر قىسمى ئىرانغا،بىر قىسمى ھىندىستانغا، يەنە بىر قىسمى تارىم بوستانلىقىغا كۆچكەن. تارىم بوستانلىقىنىڭ شىمالىدىكى كۇچا،قارا شەھەر،تۇرپان،دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلارغا كىرگەنلىرى قوللانغان ئورتاق تىل دەل توخار تىلىدۇر. شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان تىللار ئىچىدە توخار تىلىمۇ بار دىيىشكە بولىدۇ.بۇ توغرىدا ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىممۇ توختۇلۇپ «تارىمدىن تامچە»ناملىق كىتاۋىنىڭ 488-بېتىدە مۇنداق خۇلاسە چىقارغان :«كۇچا تىلى دىگەنلىك يۆچى تىلى دىگەنلىكتۇر، يۆچى تىلىنىڭ كېيىنكى ئاتىلىشى‹توخرى› تىلىدۇر».
5.ساك تىلى: ساكلار مىلادىدىن بۇرۇنقى2000 ~1000-يىل ئارلىقىدا بارچۇق،ئۇدۇن ۋە كېرىيە ئەتىراپلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان.ئۇلار ئىشلەتكەن تىل ئەينى ۋاقىتتا «خوتەن ساك تىلى»دەپ ئاتالغان ئىدى.
تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئارىيانلارغا تەۋە توخارلار ۋە ساكلار گەرچە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى پۈتۈنلەي ئۆلۈپ تۈگىگەن ئەمەس. ئۇلار يەنىلا ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئەجدادى ـــ ئاساسى غولىدۇر.
6.سوغدى تىلى: بۇ تىل ئىران تىلىنىڭ شەرقىي قىسىم دېئالېكتىغا مەنسۇپ بولۇپ،مىلادى 2-ئەسىردىن5-ئەسىرگىچە ئارلىقتا سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتىدا كۆپلەپ سودا قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلى تەركىۋىگە سىڭىپ كىرگەن تىلدۇر.
7.ئەرەپ تىلى: مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سۇلتان سوتۇق بوغراخان ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت دېنى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن،ئىسلام دېنىنىڭ مۇقەددەس تىلى بولغان ئەرەپ تىلى قارخانىلار دۆلىتىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن «بەيگىگە چۈشكەن ئاتتەك» ئوخشاش دەرىجىدە قوللۇنۇلغان. ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئەرەپ يېزىغى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىغى ئىجات قىلىنغان.
8.خەنزۇ تىلى: مەھمۇت قەشقەرى تۈركى تىللار دىۋانىدا تىلغا ئالغىنىدەك« بۇددىست‹قۇچۇ› ئۇيغۇرلىرىدا يەنە بىرخىل تىل بولۇپ ئۇ چىنلىقلانىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى،يازغاندا سولدىن ئوڭغا يېزىلاتتى».دېمەك ئەينى يىللىرى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئۆز مۇددىئالىرىنى خەنزۇ يېزىغىدىن پايدىلىنىپ ئىپادە قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن،شۇڭا ئۇيغۇر تىلى تەركىۋىدە قىسمەن خەنزۇ تىلى ئېلمېنتلىرىمۇ ئۇچىرايدۇ ⑸دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىنىڭ 302-بېتىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى توغرىسىدا مۇنداق قۇرلار بار:
10-ئەسىردە ئىسلام دىنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىي بۆلكىگە تارقالغان.بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالاقىلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان. شۇندىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر دىنىي دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجداتلىرىمىز ئەرەپ يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېساپلىنىدۇ.
———————
ئىزاھ:
⑸: غەيرەتجان ئوسمان، «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى» 368~397-بەتلەر، شىنجاڭ ئونۋېرستېتى نەشىرىياتى،2007-يىل 5-ئاي.
مەنبە: قارا ھىجران مۇنبىرى