ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدىنىش
ئىمىن تاجى تۈرگۈن
( شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)
ئۇيغۇرلار- مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان مەدەنىي تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا جۇغراپىيىلىك جايلىشىش موھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىرتقى مەدەنىيەتكە ھىرىسمەن بولۇشتەك مىللىي پىسخىكىسى بىلەن ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇيغۇر دىن مەدەنىيىتىنى ياراتقان . شۇڭا ‹‹ شەرقى ئاسىيانىڭ تاغلىق ئۆلكىسىدىكى ھەر قانداق بىر خەلق غەربى ياۋرۇپا ئالىملىرىنى ئۇيغۇرلاردەك ئۆزىگە تارتالمىغان››①. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مول دىنىي مەدەنىيىتىنىڭ ئاجايىپ سىھرى كۈچىنىڭ تەسىرىدۇر ، ئەلۋەتتە.
1-ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات.
دىن – بىر خىل ئىجدىمائىي ئىدىئولوگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخىدا موھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن. دۇنيادا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان مىللەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈشكۈلدۇر. مۇشۇ نوقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ، دىن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ موھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ دىن مەدەنىيىتى تولۇق چۈشىنىلىپ تەتقىق قىلىنسا ، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا زور ئاساس سىلىنغان بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار- دۇنيادا كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرغان مىللەت بولۇپ، دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتكەن مىللەت كەمدىن- كەم ئۇچرايدۇ. ‹‹ ئۇيغۇرلار –ئۆز تارىخىدا تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇش ، ھايۋان ، ئۆسۈملۈكلەرگە تېۋىنىشتىن باشقا ، يەنە شامان دىنى، بۇددا دىنى، زوررۇ ئاستىر دىنى، مانى دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئېتىقاد قىلغان . بۇلاردىن باشقا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تەرىقەت دىنىمۇ تارقىلىپ كىرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇددا دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ تارقالغان ۋاقتى ئۇزۇن، تەسىر دائىرىسى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغان. مانى دىنى بولسا ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرغان ئىككى خانلىقتا دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن›› ②.
قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە، دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر تۆت زاتىدە يارالغان. بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆمۈر سۈرۈش يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇققا مۇناسىۋەتلىك دىگەن قاراش بولغان. يەنى، يورۇقلۇق – ئىسسىقلىقنىڭ ، كۈننىڭ ، ھاياتلىقنىڭ ، ياخشىلىقنىڭ ،بەختنىڭ نىشانى. قاراڭغۇلۇق بولسا – سوغۇقنىڭ ، تۈننىڭ ، ئۆلۈمنىڭ ، يامانلىقنىڭ نىشانى دەپ قارالغان. تۇپراق، ئادىمىزات ، جان- جانىۋار ، دەل- دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىسى. كۆك ئاسمان- يۇرۇقلۇق ۋە ھۆل- يىغىننىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان. تەبىئەتنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تەبىئەت ئوبىكتلىرى ئايرىم –ئايرىم ھالدا تەڭرىلەر ۋە ئىلاھىيەت كۈچلىرىدۇر دىگەن قارشى تەدىرىجى ھالدا تۆت ئاساسى تەڭرى – ئىلاھى ئالام كۈچى دىگەن قاراشقا ئۆزگەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تۆت تادۇغا ماسلاشقان يەر تەڭرى، كۆك تەڭرى ، سۇ تەڭرى ۋە ئوت(كۈن) تەڭرى ئىلاھىيەت قارشى شەكىللەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرلار شۇ خىل ئەقىدىلەر ئاساسىدا ھەر خىل تەبىئەت جىسىملىرىغا ( ھادىسىلىرىگە) ، دەل- دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە③ۋە ھايۋانلارغا تېۋىنغان. بۆرە – قەدىمكى ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشىغان كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوقۇنۇش ئوبىكتى بولۇپ كەلگەن. بەزى ئۇرۇق –قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چوقۇنۇش ئوبىكتى بولغان. مەسىلەن ، ئات، كالا، شىر ( ئارسلان) ، بۇغرا( نار تۆگە) ، بۈركۈرت ، ئاققۇ، شۇڭقار ۋە قارلىغاچ قاتارلىقلار.
شامان دىنى- ئىنسانلار تارىخىدا ئىپتىدائىي دىندىن سۈنئىي دىنغا ئۆتۈش مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن دىن بولۇپ، بۇ دىن ئورال- ئالتاي ئەتراپلىرىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ دىن دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى بۈگۈنكى كبندىمۇ روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دىنغا ئۇيغۇرلار ئالاھىزەل 2000 يىل ئەتراپىدا ئېتىقاد قىلغان›› ④
‹‹ توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى›› دىكى بايانلارغا قارىغاندا ، مانى دىنى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىغا 763 – يىلى تارقىلىپ كىرگەن. بۆگۈ قاغان بۇ دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە شامان دىنىمۇ ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ مەۋىۇد بولۇپ تۇرۇۋەرگەن.بۇنىڭغا شۇ چاغدىكى قاغانلار ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن شامان باخشىلىرىنى ئىشقا سىلىپ ئۇرۇش باشلاشنىڭ ياخشى پەيتىنى تاللاتقۇزۇشتەك مەلۇماتلار مىسال بولالايدۇ.
9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى بۆگۈ تېكىن 866 – يىلى تىبەتلەرنى مەغلۇب قىلىپ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. قۇچۇلۇقلار ئەسلىدە شامان، مانى ۋە نىستۇرىيان دىنىغا ئوخشاش كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ دىنغا ئىزچىل ئېتىقاد قىلغان. كېيىن بۇددا دىنى ئومۇملىشىپ خانلىقتا ھەر خىل ساڭراملار ۋە بۇددا دىنى ئۆڭكۈرلىرى ۆپلەپ ياسالغان. تۇرپاندىكى بىزەكلىك مېڭ ئۆيى ، پىچاندىكى تۇيۇق مېڭ ئۆيى ۋە بايدىكى قىزىل مېڭ ئۆي قاتارلىقلار بۇددىزىمنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى كۆرسىتىدىغان مىساللاردۇر. تارىخى مەلۇماتلاردا بۇ دىن 13 – ئەسىردە قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدا ئۆز تەسىرىنى يوقاتقان.
بۇددا دىنى- بۇ دىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 – ئەسىردە ھازىرقى ھىندىستان بىلەن نىپال چىگرىسىغا توغرا كىلىدىغان قەدىمكى كاپلوۋاستۇ پادىشالىقىنىڭ شاھزادىسى گاۋۇتاما سىدىدخارتا تەرىپىدىن بەرپا بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا بۇددا دىنى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي يولىنى بويلاپ كەشمىر ئارقىلىق ئۇدۇنغا تارقالغان. كېيىن قەشقەر، كۈسەن ، تۇرپان قارالىق جايلارغا تارقالغان. دەسلەپ ھىنايانا مەزھىپى تارقىلىپ كىرگەن ، كېيىن ماھايانا مەزھىپى غەربى يۇرتنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
غەربى يۇرتتا بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بىرىنجى دەۋرى، غەربى يۇرت شەھەر بەگلىكلىرى دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1- ئەسىردىن مىلادى 9- ئەسىرگىچە) ، ئىككىنجى دەۋرى، قۇچۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ( مىلەدى 868- يىلىدىن كېيىنكى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ) . بىرىنجى دەۋرىدە ئەڭ ئاۋۋال تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ، شىمالى بويلىرىدىكى قاتناش يوللىرىدا راۋاجلىنىپ ئۇدۇن ۋە كۈسەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۇددا دىنى مەركىزى بارلىققا كەلگەن ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغىمۇ ئىلگىرلەپ تارقالغان. ئىككىنجى دەۋرىدە بولسا بۇددا دىنى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا دۆلەت دىنى قىلىنىپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
نىستۇرى دىنى- خىرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ، ئۇنى سۈرىيىلىك نىستۇرى ( 380-451 – يىللار) بەرپا قىلغان.
‹‹ داكچىن نىستۇرىي دىنىنىڭ جۇڭگۇغا تارقىلىش تۇغرىسىدىكى ئابىدە›› دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۇئەن يىللىرى ( 635 – يىللار) نىستۇرى راھىبى ئالوبىن مۇقەددەس كىتابنى ئىلىپ پىرسىيىدىن ئېلىمىزنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە كىلىپ ، دەستۇرلارنى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا نىستۇرى دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ بولغان ئىدى . ئەڭ كىچىككەندىمۇ مىلادىيە 6 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭدا نىستۇرى دىنىنىڭ راھىبلىرى بار ئىدى ›› ⑤
جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ لى زوڭ خان دەۋرىدە ، ئەرمىنىيە بىلەن پارس قولتۇقىدىن نانغۇت، خانبالىققا قەدەر بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى نستۇرىيان دىنى رايونى ئىچىدە ئىدى. ئىپىسكوپلار تەرىپىدىن ئەلچى تۇرغۇزۇلغان جايلار 20 نەچچە رايونغا يىتەتتى. ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشىقەر 19 – دىنىي رايونغا تەۋە ئىدى›› ⑥ئىتالىيىلىك ساياھەتچ ماركوپولومۇ ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە قەشقەردىن بېيجىڭغىچە بولغان يول بويىدا نىستۇرىيان دىنىدىن خالىي بىرەر جاينىڭ يوقلىقىنى خاتىرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەشقەر، خوتەن ، بۈگۈر ، ئىلى، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا نىستۇرىيان دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋۈلغىلى بولىدۇ.
چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا خىرىستىئان دىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر دۆلىتى ھەتتا تەرسالار دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان . تەرسا پارسچە سۆز بولۇپ، ساسانىيلار دەۋرىدە پارسلار خىرىستىئانلارنى تەرسا دەپ ئاتىغان ئىكەن ›› ⑦. بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدەنەەن ئەنگىلىيىلىك ئالىم ھىنرى يۇلى ‹‹ ئۇيغۇرلار دۆلىتى ۋە يېزىنىڭ تەرسا دەپ ئاتىلىشى نىستۇرىيان دىنىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىدىن بولغان›› ⑧ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى ‹‹ دىۋاني لوغەتىت تۈرك ›› ناملىق قامۇس ئەسىرىدە : ‹‹ باچاق- خىرىستىئانلارنىڭ روزا كۈنى›› ⑨دەپ ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆز دەۋرىدە خىرىستىئان دىنى كەڭ ئەۋج ئىلىش بىلەن بىرگە ، يەنە ئىسلام دىنى ئاللىبۇرۇن يىلتىز تارتىپ بولغان قاراخانلار سۇلالىسى زېمىنىدىمۇ ئۆز تەسىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز.
ئىسلام دىنى- مىلادى 6-7 ئەسىرلەردە ئەدەب يىرىم ئارىلىدا مۇھەممەد پەيغەمبەر (570- 632- يىللار) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ سېرتقا قارىتا ئىلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ بارغان. ئەرەب سەركەردىسى قۇتەيبە ئىسلام دىنىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىڭەيتىشتە ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان. مىلادى 9-10 ئەسىرلەردە قەشقەرەە تارقالغان ۋە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن خانلىقتا تارقىلىشقا كەڭ يول ئىچىلغان ۋە ئوغلى مۇسا دەۋرىگە كەلگەندە دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن. قاراخانلار سۇلالىسى ئىدىقۇت ۋە ئۇدۇن خانلىقىغا قارىتا دىنىي ئۇرۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كىڭەيتكەن. تۇرپان ۋە قۇمۇلدا 15-16 ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئاندىن ئىسلاملىشىش ئەمەلگە ئاشقان.
مانا بۇ تارىخى پاكىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ۋە ھەر قايسى دىنلارنىڭ بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ھالەتلىرىدۇر. تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئىزدەنگەنلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق كۆپ قېتىم دىنى ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1- پەك يولى ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى دىنلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتەك پەۋقۇلەددە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك بىلەن تەمىن ئەتتى.
جۇغراپىيىلىك موھىت- بىر مىللەتنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ۋە پىسخىكىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ زور بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. دۇنيانىڭ قەدىمكى ، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى شۇنى پاكىت ئارقىلىق كۆرسەتتىكى ، بىر مىللەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ، ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك موھىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرالىسا ، تارىختا پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ ، ئۆزى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تارىخىغا خىلى زور تەسىر كۆرسەتكۈدەك تارىخلارنى ، مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى روياپقا چىقىرالىغان . ئەكىسچە بولغاندا ، زەئىپلىشىپ ئۆز ئەجدادىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتەك ئەقەللىي تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمىغان. بۇنداق مىساللار تارىختا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، يېڭى دىڭىز يولى ئىچىلىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئالاقە ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش يولى ئاساسەن يىپەك يولى ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلغان. بۇ جەرياندا يىپەك يولى ۋادىسىغا جايلاشقان مىللەتلەر ، ھاكىمىيەتلەر گۈللەپ ياشنىغان. لېكىن يېڭى دىڭىز يولىنىڭ ئىچىلىشى بىلەن جۇغراپىيىلىك يىتىم قىلىش سەۋەبىدىن يىپەك يولى ۋادىسىدىكى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى يوقىتىپ قويغان.
‹‹ يىپەك يولى›› دىگەن بۇنامنى گىرمانىيىلىك جۇغراپىيشۇناس رېچخوفىن 1839- يىلى ‹‹ جۇڭگۇ›› ناملىق كىتابىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن. بۇ نام تا بۈگۈنگىچە ئىلىم دۇنياسىدا ئورنى مۇقىملىشىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى يىپەل يولى غەربى خەن سۇلالسىنىڭ پايىتەختى چاڭئەندىن باشلىنىپ ، خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ ، دۇنخۇاڭنى مەركىزى تۈگۈن قىلغان ھالدا غەربكە قاراپ ئۈچ پاراللىل يولغا بۆلۈنگەن.
جەنۇبتىن شىمالغا سانىغاندا بىرىنجى يول- دۇنخۇاڭدىن چىقىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىن غەربكە قەراپ سوزۇلۇپ ھازىرقى چارقىلىق ، چەرچەن ، نىيە ، كىرىيە ۋە يەركەنلەردىن ئۆتۈپ تاشقورغاندىكى پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ باكتىرىيە ، پارتىخىيە ئېرانلارغا باراتتى. كىشىلەر بۇ يولنى ‹‹ جەنۇبىي يول›› دەپ ئاتايتتى.
ئىككىنجى يول- دۇنخۇڭادىن چىقىپ تيارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىنى بويلاپ غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ بۈگۈنكى تارىم ئويمانلىقى ، قارا شەھەر ، كۇچالاردىن ئۆتۈپ ئاقسۇغا باراتتى ياكى ئۇنىڭ يىنىدىكى ئۈچتۇرپاندىن چىقىپ تىيانشاندىن ئۆتۈپ ئىسىسىق كۆلگە باراتتى. ئاندىن جەنۇبقا قاراپ سەمەرقەندكە باراتتى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراق بولغان قەشقەردىن چىقىپ پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ پەرغانە ئويمانلىقى ۋە بۇخارادىن ئۆتۈپ ئېران ئېگىزلىكىگە باراتتى. كىشىلەر بۇ يولنى ‹‹ ئوتتۇرا يول›› دەپ ئاتايتتى.
ئۈچىنجى يول- دۇنخۇڭادىن چىقىپ قۇمۇلغا كىلىپ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئىتىكىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلۇپ بارىكۆل ، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ئارقىلىق تىيانشان ئېغىزى – تەلكىنى بويلاپ ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ كاسپىي دىڭىزى ۋە قارا دىڭىزلاردىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا دىڭىزغا باراتتى. كىشىلەر بۇ يولنى ‹‹ شىمالىي يول›› دەپ ئاتايتتى.
‹‹ يىپەك يولى›› ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل دىنلار بىلەن ئۇچرىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك موھىت بىلەن تەمىنلىشىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىدىن تەھلىل ئىلىپ بارىمىز.
ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلار مۇشۇ يىپەك يولى بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دىن بارلىققا كەلگەن جاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئارلىقىنىڭ يىقىنلىقى ئۇيغۇرلارنى كۆپ خىل دىنلار بىلەن ئۇچراشتۇرغان. مەسىلەن ، شامان دىنى- ئالتاي- ئورال ئەتراپىدا بارلقىققا كەلگەن دىن بولۇپ ، ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە بۇ رايون بىلەن بولغان جۇغراپىيىلىك يىقىنلىقى ۋە بۇ دىنغا شۇ ۋاقىتتا شىمالدىكى بارلىق قۇۋملارمىڭ ئېتىقاد قىلىشىدەك ئەۋزەل شارائىت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دىن بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئاخىرى بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشغا موھىم شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
بۇددا دىنىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىردە ھىندىشتاندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مىلادى 1- ئەسىرلەردە كەشمىر ئارقىلىق ئۇدۇنغا تارقالغان. كېيىن تەدىرىجى ھالدا قەشقەر ، كۈسەن ، قارا شەھەر ۋە ئىدىقۇتقا تارقىلىپ بۇ جايلار بۇددا دىنىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن مەركىزىگەئايلانغان ۋە مۇشۇ يوللار ئارقىلىق 6- ئەسىرلەردە مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقالغان.
مانى دىنىنى بابىللىق مانى ئىجاد قىلغان . ئۇ مىلادى 216- يىلى تېگىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مادىننودا تۇغۇلغان. 242 – يىلىدىن باشلاپ ئۆز دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ‹‹ تەڭرى بىر ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھەر خىل ›› دىگەن قارشى ھورمۇز 1 دەۋرىدە كۆپ قەبىلىلىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتە مەلۇم رول ئوينىغان بولسىمۇ ، بەھرام1 دەۋرىدە مانى دارغا ئېسىلىپ تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان. مانى قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇرتلىرى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ ، سىر دەرياسى بىلەن چۇ دەرياسى ئارلقىىدا ياشاۋاتقان سوغدىلار ۋە توققۇز ئوغۇزلار ئارىسىغا تارقاتقان. ئەرەب سەيياھى ئەل مەسئۇدى ‹‹ توققۇز ئوغۇزلار غەربتە خۇراساندىن ، شەرقتە كۈسەنگىچە بولغان . پادىشاھى ئېلىكخاندىن ئىبارەت بولغان. تۈركلەر ئىچىدە پەقەت شۇلارلا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى›› ⑩ دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىبىن نازىم ‹‹ ئۇلار ( مانى دىنى مۇخلىسلىرى) قىچىشقا مەجبۇر بولۇپ بەلخ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، قاغاننىڭ زېمىنىغا كەلگەندە توختىغان›› ⑪دەپ يازىدۇ. ئۇ تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن قاغاننىڭ زېمىنى غەربى تۈرك دۆلىتىنىڭ زېمىنى يەنى ماۋراھۇننەھىر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سوغدىلار تۈرك خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرب ئەللىرى بولغان ئالاقىسىدە ۋاستىچى بولغان ئىدى. سوغدى سودىگەرلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ئىقتىسادى، سىياسى تەسىرگە ئىگە بولغان ۋە بۇ يەردە سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بۇ دىننىڭ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
زوررۇ ئاستىر دىنىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە ئەنە شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تارقىلىپ كىرگەن ⑫بولۇپ تاكى ئىسلامىيەت شىنجاڭدا ئومۇملاشقانغا قەدەر 1000 يىلدىن كۆپرەك مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.
نىستۇرى دىنىنى سۈرىيىلىك نىستۇرى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ مەزھەپ خىرېستىئان دىنىنىڭ ئورتۇداكساك ئەقىدىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن ، نىستۇرى خىزمىتىدىن ئىلىپ تاشلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇرتلىرىنۇ شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىدە قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاچقا تەرەپ- تەرەپكە قىچىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىن شەرقتە ئاۋۋال ئىرانغا ، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ۋە بۇ يەرلەردىن ئىچكىرى رايونلارغا تارقالغان. بۇ دىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقادچىلىرى ۋە بۇ دىننى تارقاتقۇچىلار سوغدىلار بولۇپ ، ئۇلار سوغدىيانا، بۇخارا، تاشكەنت ، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلاردا ياشاپلا قالماستىن بەلكى يەنە غەربى يۇرتنىڭ تۇرپان ، لوپنۇر قاتارلىق جايلىرىدىمۇ سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلىشىپ ‹‹ توققۇز جاۋۇپ ئۇيغۇرلىرى›› دەپ ئاتالغان.
ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر 7- ئەسىردە ئەرەب يىرىم ئارىلىدا بۇ دىن ئارقىلىق بارلىق ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۇ دىن قۇتەيبىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا دىن تارقىتىشى ئارقىلىق 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قەشقەر قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بەزى مەلۇماتلاردا قۇتەيبىنىڭ قوشۇنى قەشقەرگە يىتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.
بىز يۇقىرقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ جۇغراپىيە جەھەتتىن ياۋرۇ- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ ، بۇ رايوندا ئۈچ چوڭ دىن (بۇددا ، خىرېستىئان ۋە ئىسلام دىنى) ،ئۈچ چوڭ ئىقتىساد (چارۋىچىلىق ، دىھقانچىلىق ۋە سودا) ، ئۈچ چوڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ( ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ، ھىندى ۋە يۇنان مەدەنىيىتى) ۋە ئۈچ چوڭ تىل سىستېمىسى ( ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرى سىستېمىسى ۋە خەنزۇ- تىبەت تىللىرى سىستېمىسى) ئۆز- ئارا ئۇچرىشىپ بىر –بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن⑬مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ۋە مەدەنىيەت موھىتى ئۇيغۇرلارنى كۆپ خىل تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرغان.
دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن ۋە باشقا كىچىك دىنلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى ۋادىسىدا ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇغراپىيىلىك جەھەتتە يىقىن رايونلاردا بارلىققا كەلگەن. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ ھەممىسى ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن. (بۇددا دىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە ھىندىستاندا، خىرېستىئان دىنى مىلادى 1- ئەسىردە پەلەستىندە ، ئىسلام دىنى مىلادى 7-ئەسەردە ئەرەب يىرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن) بولۇپمۇ بۇ دىنلارنىڭ كېيىنكى كىڭىيىش پائالىيىتى چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقلىق تارقالغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونى ئۈچ چوڭ دىننىڭ شەرققە تارقىلىشىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان.بۇ ھەقتە شىنجاڭنى ئۈچ چوڭ دىننىڭ شەرققە تارقىلىشىدا ئىككىنجى ئانا ماكانلىق رولىنى ئۆتىگەن دىيەلەيمىز.
ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك موھىتتا شەرق-غەرب مەدەنىيىتىدىن قوبۇل قىلىشقا تىگېشلىك بولغان مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ئايانماي قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ دىننىي مەدەنىيىتيىنى بىيىتقان. ئەرەب ئالىمى فىلىپ ھىتتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىسىنى ‹‹ بۇ تۆت تېمىنىڭ ھەممە يىرىگە دىرىزە ئىچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ ۋە پۇراقلىرىنى ئايرىماي شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ››⑭ دەپ تەسۋېرلىگەن.
دىمەك يۇقىرقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا ، يىپەك يولى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل ، دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىشىغا ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك موھىت بىلەن تەمىن ئەتكەن.
2- قاغاننىڭ قارارى، خانلىقنىڭ سىياسى، ئىقتىساتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئھتىياجى، ھاكىمىيەت تالىشىش ۋە خەلق مايىللىقىنىڭ ئورتاق بىرلىشىشىدەك ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرىشىغا سەۋەب بولغان موھىم ئىچكى ئامىلدۇر.
قاغان قەدىمكى دەۋردە بىر خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسى رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ قاغانلىقنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ۋە ھەربى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىن خەۋەردار بولۇپ ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ، خەلقنى باياشات قىلىشنى ئويلىشى كېرەك .
‹‹ تۇققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى ›› دىكى خاتىرلەرگە قارىغاندا ، مانى دىنى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان (759-779- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان ) تەرىپىدىن مىلادى 763- يىلى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن .
شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارغا مانى دىنىنى سوغدىلار تارقاتقان . بۇ يەكۈن بارتولد⑮ يۈ تېيەنخىڭ⑯ ۋە خامىلتون⑰ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە لىن ۋۇ شۈ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: ئالاقىدار تارىخى ماتېرياللارغا قارىغاندا ، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سوغدىلارنىڭ مانى دىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سودىگەرلەر ، يەنە بەزىلىرى بولسا كەسپىي دىندارلاردۇر . يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئىجدىمائىي تۇرمۇشىدا موھىم رول ئوينىغان سوغدىلار ئېتىقاد قىلغان دىن مانى دىنىدۇر . بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشىنى سوغدىلارنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ››⑱
سوغدىلار (ياكى سوغدىيانلار) – ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ئىران خەلقلىرىنىڭ بىرسى . بۇ خەلق مىلادىدىن ئاۋالقى 4-5- ئەسىرلەردىن مىلادى 10- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ، بولۇپمۇ مىلادىدىن ئاۋالقى 6- ئەسىرلەردە ئىچىلىشقا باشلىغان يىپەك يولى سودىسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىغان خەلقتۇر .
قەدىمكى گېرىك يازغۇچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا ، سوغدىلار ماۋراھۇننەھىردە (ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئارلىقىدا ) ياشىغان . ئەرەب ۋە ئىران تارىخچىلىرىنىڭ يېزىشىچە ، سوغدىلار زەرەپشان دەرياسى بىلەن قەشقەر دەريالىرى ۋادىسىدا ياشىغان . مەھمۇد قەشقەرى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا بايان قىلىشىچە ، سوغدىلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرى بۇخارا بىلەن سەمەرقەند بولغان . شۇنىڭدەك ئۇ زاماندا بىر بالاساغۇن ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن ، لېكىن ، بۇلار تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىككى خىل تىلدا (سوغدىچە ۋە تۈركچىدە ) ئوخشاش سۆزلەيدىغان بولغان ۋە تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن سوغداقلار دەپ ئاتالغان . سوغدىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھەققىدە يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە ، ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ۋە ‹‹ ھودۇدۇل ئالەم ›› دە زىكرى قىلىنغىنىدەك ، بىشبالىق ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا سوغدىلارنىڭ بەش كەنتى بولغان يەتتە سۇ ، تىيانشاننىڭ ھەر قايسى موھىم ئۆتكەللىرى ، لوپنۇر رايونى ، خېشى كارىدورى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىمۇ سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ كەنتلىرى بولغان . بۇنىڭ ئىچىدە لوپنۇر رايونىدىكى سوغدى كەنتى مەشھۇر بولغان .
يۇقىرقى بايانلاردىن قارىغاندا ، سوغدىلار ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانى ئاساسىي لىنىيە قىلغان يىپەك يولى سودىسى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىدە ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان .
بۆگۈ قاغاننىڭ بۇ دىننى قوبۇل قىلىشىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە سىياسى ئىھتىياج ۋە ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلىيالايمىز .
سىياسى ئىھتىياج نوقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ، پىكىر ئىختىلاپلىرى ۋە دىنىي كېرىزىس يۈز بەرگەن ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ ئىجدىمائىي تۈزۈمى تېز سۈرەتتە فىئوداللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، بولۇپمۇ بۆگۈ قاغان دەۋرىگە كەلگەندە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسى، ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تاڭ سۇلالىسى تەرەپتىن كەلگەن فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئۇيغۇرلاردا فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرى تېكلىنىشى، ئوردىلارنىڭ سىلىنىىشى، شەھەرلەرنىڭ تەرەققى قىلىشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىىق تۇرمۇشىدىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشىنى تېزلەتتى ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگەردى ، بۇ ئۆزگىرىشلەر بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. فىئوداللار خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى بولدى. بۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. خانلىقنىڭ بىرلىككە كىلىشىدىن ئىبارەت چوڭ ئۆگىرىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇش ئىھتىياجى تۇغۇلدى ›› ⑲
ئىقتىسادىي جەھەتتە، يىپەك يولى ۋادىسىدىكى سودىغا ماھىر بۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ، بۆگۈ قاغان سوغدى سودىگەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق خانلىقنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بولغان . بۇ ھەقتە فەن ۋىنلەن مۇنداق يازىدۇ : ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنى سودا جەھەتتىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن، سوغدىلارنىڭ ھەقىقى ياردىمىگە ئىرىشىش ئۈچۈندۇر ››⑳
دىمەك ، يۇقىرقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا ، لىن ۋۇشۈ ، فەن ۋىنلەن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىكى مەقسىدى سوغدى سودىگەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرق- غەرب ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش لىنىيىسىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت دېگەن قاراش ئىلىم ئەھلىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن .
قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىىلىپ بېكىتىلگەن ، لېكىن مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ يەنە باشقا دىنلار ئەرىن ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان . بۇ خىل رىئال ئەھۋال قۇچۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسى ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. سىياسى جەھەتتىن قارىغاندا ، باسقا دىنلار قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ھىچقانداق خەۋپ ئەكىلەلمىگەن . ئىقتىسادىي جەھەتتىن ، ھەر خىل ئىقتىسادىي تەركىبلەر ، ھەر خىل دىنلارنىڭ ئەرىن تارقىلىشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلىغان ، مەدەنىيەت جەھەتتە ، قۇچۇدا كۆپ خىل دىن ، تىل ۋە يېزىقلارنىڭ ئورتاق بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىدەك كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت بەلبىغى شەكىللەنگەن. بۇ خىل ھالەت بۇددا دىنىنىڭ قۇچۇدا خىلى بۇرۇنلا تارقىلىپ غەربى يۇرتتىكى تۆت چوڭ بۇددا دىنى مەركىزى(خوتەن ، قەشقەر ، كۇچا ۋە تۇرپان) نىڭ بىرى بولۇشتەك دىنىي مەركەزلىك ئورنى قۇچۇ خانىنىڭ بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشكە تەسىر كۆرسەتكەن موھىم ئامىلنىڭ بىرىدۇر . شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ خىل تاللاشلا توغرا بولغان . چۈنكى ، 500 يىلدىن ئارتۇقراق بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش رايونى بولغانلىقىدەك بۇ خىل ھالەت بۇددا دىنىنىڭ قۇچۇدىكى ئەڭ ئاساسلىق دىن بولۇشىنى بەلگىلىگەن ئامىلدۇر . بۇ خىل تاللاش قاغاننىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش ۋە قۇچۇنىڭ يىپەك يولىدىكى ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا موھىم شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەن .
ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىىنىشىمۇ ئەينى ۋاقىتتكى سىياسىنىڭ قورالى بولۇشتەك رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يەنى ھاكىمىيەتنى جىددى قولغا ئىلىشنى سىياسى نىشان قىلغان ساتۇق ئۆز ئەتراپىغا تاغىسىغا قارشى گورۇھتىكى كىشىلەرنى توپلىغان . بۇنىڭغا سامانىيلار خانلىقىدىن كەلگەن ئەبۇ ناسىر سامانىي ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان ۋە ساتۇقنى ئەڭ بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەر قىلغان كىشىدۇر . ساتۇق بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ كۈچى ئارقىلىق تاغىسى بازىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆزى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى كىڭەيتىش يولىدا قۇچۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇدۇن خانلىقىغا قارىتا دىنى ئۇرۇش ئىلىپ بارغان . ئوغلى مۇسانىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلانغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ۋادىسىدا تېخىمۇ كەڭ تارقىىلىشقا باشلىغان .
يۇقىرقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا ، قاغاننىڭ قارارى ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدىكى سىياسى نىشانى ، خانلىقنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان سىياسى ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى بىر خىل دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىپ بىر خىل ئىدېئولوگىيە بايرىقى ئاستىدا ھاكىمىيەت تۇتۇشنى بەلگىلىگەن .
3. ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسى كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشقا ئىلىپ بارغان موھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ ئامىلنىڭ بىرىدۇر .
ھەر قانداق بىر مىللەت ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ، جۇغراپىيىلىك موھىتنىڭ تەسىرى ، ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ، پىسخىك موھىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىگگ خاس بولغان پىسخىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
تارىخ تەتقىقاتچىسى ، ئېكىسپىدىتسىيىچى ئۆمەرجان ئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان جۇغراپىيىلىك موھىتى بىلەن پىسخىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: ‹‹ تەكلىماكان قۇملۇقى – ئۇيغۇرلارنىڭ تەن ساپاسى ، تەپەككۇر شەكلى ۋە مىجەز خارەكتېرىگىمۇ نىگىزلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن . .ۇيغۇرلاردا لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ۋە خىيالى ، ئوبرازلىق ، ئەپسانىۋىي تەپەككۇر شەكلىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كىلىشىگە تەكلىماكان ئېتەكلىرىدىكى ھەمىشە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ئالۋۇن (ئېزىتقۇ) ھادىسىسى ھالقىلىق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن . چوڭ قۇملۇقنىڭ كۈندۈزى قاتتىق ئىسسىپ ، كېچىسى بىراقلا سوۋۇپ كىتىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىنىڭ تېز قىزىپ ، تېز سوۋۇشتەك ئىككى ياقىلىمىلىق خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىپ قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن›› (21)
ھەقىقەتەن ، بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىسى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىن – بىر خىل ئېدىئولوگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن .ۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. ئىنسانلارنىڭ دىننى بارلىققا كەلتۈرۈشى ۋە ئۇنى قىزغىن قوبۇل قىلىشى دىننىڭ كاملىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پىسخىكىسىغا مەلھەم ئىزدەشتىن ئىبارەت شۇنداقلا ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان تەڭرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشتىن ئىبارەت .
دىننىڭ بارلىققا كىلىشىمۇ ، يەنى ئۇنى ئىجاد قىلغۇچىنىڭ جۇغراپىيىلىك موھىتى ، پىسخىك ئۆزگىرىشى ۋە دىن ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ دىنلار بارلىققا كەلگەن جۇغراپىيىلىك موھىت ۋە ئۇنىڭ تارقىلىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھەر قايسى دىنلارنىڭ بارلىققا كەلگەن تارىخى شارائىتى ئوخشىمىغاچقا دىندا رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان دىنىي ئەھكاملارمۇئاشۇ دەۋرنىڭ چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ. بەزى دىنلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ، پىسخىكىسىغا ئىنتايىن ماس كىلىپ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلىدىغان ئاساسلىق دىنى بولۇپ قالىدۇ. دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى ياكى بىر مىللەتنىڭ ياشاش ماكانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىر دىن بۇ مىللەتتە قىسمەن ھالدا ئاجىزلىشىشى ياكى ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە بوشلۇق پەيدا قىلىپ ، باشقا بىر خىل دىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پىسخىكىسىغا مەلھەم ئىزدىشى مومكىن. مانا مۇشۇنداق شارائىتلار بىر مىللەتتە دىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا دىننىڭ سىياسىنىڭ قورالى ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ دەسمايىسى ۋە روھى يۆلەنچۈك ئىزدەشتەك ( دىنىي كېرىزىس سەۋەبىدىن ) ئامىللار بىر مىللەتتە دىننىڭ كۆپ قېتىم ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان موھىم ئامىللاردۇر .
ئۇيغۇرلار 840- يىلى غەربى يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن بۇددا ۋەئىسلام دىنلىرىنى بايراق قىلغان خانلىقلارنى قۇرالىدى؟ مانى دىنى 762- يىلى قوبۇل قىلىنغان دېگەندىمۇ 840- يىلىغىچە 80 نەچچە يىللىق تارقىلىش ۋە يىلتىز تارتىش تارىخىغا ئىگە بىر دىننىڭ غەربى يۇرتقا كەلگەندىن كېيىن ئاساسلىق دىن بولۇشتىن قېلىشى بۇ دىننىڭ چارۋىچىلىق رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ئەڭ ماس كىلىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىك تەرىپىدىن بەلگىلەندى. تارىم ۋادىسى شۇ ۋاقىتتا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تېرىقچىلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ھەم بۇ ۋاقىتتا تارىم ۋادىسىغا بۇددا ۋە ئىسلام دىنلىرى خىلى كەڭ تارقىلىپ بولغان ۋە تارىم ۋادىسى بۇ دىنلارنىڭ شەرققە تارقىلىشىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدىغان ئۆتەڭلەرگە ئايلانغان.
قېسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك موھىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن سىرتقى مەدەنىيەتكە ھىرىسمەن بولۇش ۋە دىننى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس قەدەملىك ئۆزگەرتىپ مىڭىشتەك بىر قاتار ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرى بىلەن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئۈچ چوڭ دىن ۋە باشقا كىچىك دىنى مەزھەپلەرگە ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ئېتىقاد قىلىپ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇيغۇر دىن مەدەنىيىتىنى ياراتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ تەسىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېنىق كۆرۈپ يىتەلەيمىز . شۇڭا بۇ ھەقتە تەتقىقات ئىلىپ بارماقچى بولغان ھەر قانداق تەتقىقاتچى ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان ھەر قايسى دىنلار ھەققىدە مۇپەسسەل چۈشەنچە ۋە بىلىشلەرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۇيغۇر دىن مەدەنىيىتىنى مۇۋەپىقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقالمايدۇ. شۇڭا مەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتە مۇپەسسەل چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇر دىن مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ خەزىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا تىلەكداشمەن.