خىتايدا ئايرۇپىلاندا بومبا بار دەپ يالغان مەلۇمات بېرىلگەن ۋە خەۋەر بەرگەن كىشى تۇتۇلغان. خەلقئارالىق خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە بەرگەن خەۋەردە تۈنۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ھاۋا يولىدا ئۇچىدىغان بىر قانچە ئايرۇپىلاندا بومبا بار دېگەن خەۋەر بىلەن بىيجىڭ، گۇئاڭجۇ، تىئەنجىن، چوڭچىڭدىن شاڭخەيگە ئۇچقان ئايرۇپىلانلارنىڭ بەزىلىرى ھاۋادىن قايتۇرۇپ قوندۇرۇش ، بەزىلىرىنى ئۇچۇشتىن كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاۋا قاتنىشىنى خېلى بىر ۋاقىتقىچە كونتۇرۇلۇقتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاۋارە بولغان. خەۋەر بەرگەن كىشىنىڭ خىتاينىڭ شەرقى رايۇنلىرىدىكى يەنجىڭ ئىسىملىك بىر كەنتتە ياشايدىغان 43 ياشلاردىكى جى فامىلىلىك بىرى بولغانلىقى ئېنىقلىنىپ قولغا ئېلىنغان.
بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنە بىيجىڭ، شىئەن،شاڭخەي ۋە چوڭچىڭ ھاۋا يولىدىكى ئايرۇپىلاندا بومبا بارلىقى خەۋىرى بېرىلگەن ۋە بۇ خەۋەرنىڭ ب يالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن پاراكەندىچىلىك چىقارغان بىر ئادەم گۇئاڭدۇڭ ۋىلايىتىنىڭ دۇئاڭگاڭ كەنتىدىن تۇتۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىدا خەلقنى ئالاقە زادىلىققا سالىدىغان ساختە مەلۇمات بەرگۈچىلەرگە جىنايىتىنىڭ سالمىقىغا قارىتا 15 يىلغىچە تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ئايرۇپىلاندا بومبا بار دەپ خەۋەر بەرگەن بىر كىشى تۆت يىللىق تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغانكەن.
ئۆزلىرىنى ئاجايىپ كۈچلۈك دەپ قاراشقا باشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېزا قىشلاقلاردىكى ئاددى كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇنداق چاخچاقلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغىدەك دەرىجىگە كېلىشى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەن ھالغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەسمۇ؟ يېشى قېرىقتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئويۇن ئوينىشى دىللىرىدىكى غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ باشقا بىر ئۇسۇلدىكى پارتىلىشىمۇ قانداق؟
مەنبە: Istiqlal
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر