چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا ۋاشىنگتون زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا ۋاشىنگتون زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا ۋاشىنگتون زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە جەنۋە يىغىنىدىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە بەششار ئەسەد بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ دىققەت بىلەن يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇخبىرلارغا ۋاشىنگتون زىيارىتىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بەردى.

رايونلۇق مەسىلىلەرنى يىپتىن – يىڭنىسىغىچە مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە جەنۋە يىغىنىدىن كېيىن بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ ئىچىدە بەششار ئەسەد بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى ئۇلارنىڭمۇ ئويلاشمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق» دېگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكىدىن قايتقاندىن كېيىن، رۇسىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا رايوندىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىر مۇخبىر باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ غەززە زىيارىتىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتىن توغرا بولمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى سورىدى.

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان : «ئەلۋەتتە، ئەمما دەل ئەكسىنى كۆردى. بىلگىنىڭلاردەك، جون كېررىيغا دەسلەپتە بۈلەنت ئارىنچ، ئارقىدىن مەن مۇۋاپىق جاۋابنى بەردۇق. بۇ يەردىكى مۇزاكىرىلەردە تىنچلىق نۇقتىسىدىن بىزنى قوللىدى» دېدى. ئۇ ئۇچرىشىشلاردا ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىننەتدار بولغانلىقلىرىنى ۋە دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاساسەن ئوخشىمىغان قاراشقا ئىگە مەسىلىلىرىمىز بولمىدى.»

مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىدە ئۈمىدسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى سورىدى.

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنىڭمۇ ئۈمىدىنى يوقاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلەر يىلى ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە رېفېراندۇمنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنى سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.

 

مەنبە:  TRT Uyghur

Leave a Reply

Scroll To Top