بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن تۈرك تەشكىلاتى بىرلىشىپ بېلگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ئانتىراتتىن شەھىرىدە 17-مارت «تۈرك دۇنياسى نورۇز بايرىمى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۇز بايرىمى خاتىرىلەنگەن سورۇنغا بارلىق تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ بۇ بايراقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
بۇ نورۇز پائالىيىتىگە بېلگىيە دۆلەت ئەربابلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەزەربەيجان تەشكىلاتى، ئىراق تۈركمەنلىرى تەشكىلاتىدىن ۋەكىللەر قاتنىشىش بىلەن بىرگە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسلەر بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ئالىي ئۆزگۈن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. بۇ پائالىيەتنى بېلگىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان.
مەنبە: RFA