ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر
كۈرەشچان ئەجدادلار
(بالىلار داستانلىرى)
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى
مۇندەرىجە
قەھرىمانلار مەكتەپتە
باتۇر قىز نۇزۇگۇم
سادىر پالۋان ھەققىدە
لۇتپۇللانى ئەسلەيمىز
رىزۋانگۈلنىڭ پىداكارلىقى
شىخودىكى يېتىم قىز
قەھرىمانلار مەكتەپتە
ناغرا سۇناي ئاۋازى،
ياڭرار چەكسىز پەلەككە.
مەكتەپ ئىچى پۈركەندى،
لالىزار گۈل چېچەككە.
جاراڭلىدى ھەرياندا،
تەنتەنە كۈي شاۋقۇنى.
ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىن،
چاقنار شادلىق ئۇچقۇنى.
قەھرىمانلار ۋەكىلى،
كەلدى بىزنىڭ مەكتەپكە.
بەستىلىك، باتۇر قامىتى،
ئىلھام بەردى يۈرەككە.
رەيھان چەگدى گالاستۇك،
قەھرىمانلار بوينىغا.
روشەن سۇندى گۈلدەستە،
قورال تۇتقان قولىغا.
پارلار يۈكسەك جەسۇرلۇق،
باتۇرلارنىڭ ھۆسنىدە.
ئاي يۇلتۇزلۇق مىدالى،
نۇر چاچىدۇ كۆكسىدە.
كىچىك جەڭچى سەھنىدە،
قەھرىمانلىق ھەققىدە.
پاراسەتلىك جىڭىدىن،
سۆزلەپ بەردى ھېكايە:
«يېشىم ئىدى ئون يەتتە،
ئوقار ئىدىم مەكتەپتە.
ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاتلىنىپ،
جەڭچى بولدۇم دەسلەپتە.
ئازادلىق دەپ غۇلجىدا،
قاتتىق ئۇرۇش باشلاندى.
خىتاي زۇلمىغا قارشى
پۈتۈن خەلق ئاتلاندى.
جاھىل دۈشمەن ھەر يەردە،
قۇرغان ئىكەن ئىستىھكام.
يۈرىكىمدە دۈشمەنگە،
يانار ئىدى ئىنتىقام.
توسالغۇنى ئېچىشقا،
مەرتلەر چىقتى مەيدانغا.
ئەجەل ئوقى تۇيۇقسىز،
تەگدى بىزنىڭ مەردانغا.
بەكمۇ خەتەر جىددىي پەيت،
دۈشمەن ئاتار توختىماي.
مەن ئاتلاندىم، يامغۇردەك
ئوقلارغىمۇ قارىماي.
بىزنى توسقان شۇ ئاكوپ،
قوماندانلىق ئۆيىكەن.
ئۆي ئىچىدە دۈشمەننىڭ،
باشلىقلىرى تولىكەن.
كىچىك ئاكوپ ئاغزىدىن،
كۆرۈپ تۇردۇم ھەممىنى،
غەزەپ بىلەن ياندۇردۇم،
پارتلىغۇچى بومبىنى.
سېكۇنت ساناپ پەم بىلەن،
پەيتنى تازا ھېسابلاب.
پارتلاتقۇچنى ئېتىپلا،
يوشۇرۇندۇم دۇمىلاپ.
گۈمبۈر قىلدى كارامەت،
تولدى ئەتراپ توزاڭغا.
دۈشمەنلەرنىڭ خەيلىرى،
ئۇچۇپ كەتتى ئاسمانغا.
ئۆتتۇق يېڭى ھۇجۇمغا،
ياڭراپ كاناي ئاۋازى.
كۆتۈرۈلدى پەلەككە،
غەلبىمىزنىڭ پەرۋازى…»
قىزغىن چاۋاك، ئالقىشلار،
بۆلدى ئۇنىڭ سۆزىنى.
تەسىرلىك ياش قاپلىدى،
ھەممىمىزنىڭ كۆزىنى.
جەڭچىلەرگە چىن دىلدىن،
رەھمەت ئېيتتۇق يېنىشلاپ.
ناخشا كۈيلەر ياڭراتتۇق،
باتۇرلارغا بېغىشلاپ.
قەھرىمانلىق روھىڭلار،
بىزگە بېرەر زور مەدەت.
ئۆگىنىمىز سىلەردىن،
ئېلىپ چەكسىز كۈچ – قۇۋۋەت.
بىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ،
ئەقىل كۈچكە تولىمىز.
ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا،
باتۇر ئەۋلاد بولىمىز.
باتۇر قىز نۇزۇگۇم
بىر يۈز ئەللىك يىل بۇرۇن،
ۋەتەن ئىدى زۇلمەتتە.
ئاچ – يالىڭاچ يوقسۇللار،
ياشار ئىدى كۈلپەتتە.
ئەزىزانە قەشقەردە،
مانجۇ بەگلەر ئىشرەتتە.
دېھقانلارنى زالىملار،
ئېزەتتى ھەر تەرەپتە.
سەۋرى ئېشىپ چېكىدىن،
قوزغالدى ئەل شىددەتتە.
ياۋغا قارشى قوزغىلاڭ،
بولدى ھەربىر تەرەپتە.
كىچىككىنە نۇزۇگۇم،
ھۆرلۈك دېگەن تىلەكتە.
ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشكە،
قاتناشتى ئۇ غەيرەتتە.
قانخور مەنچىڭ باستۇردى،
ئىنقىلابنى شۇ پەيتتە.
قانچە باتۇر باشچىنى
دارغا ئاستى دەھشەتتە.
پالۋانلارنى چىرىكلەر،
تۇتتى تەرەپ – تەرەپتە.
بۇ تۇتقۇندىن قالمىدى،
نۇزۇگۇممۇ بىر چەتتە.
غالجىرلاشقان دۇۋاڭ بەگ،
بەكمۇ ياۋۇز ھەرىكەتتە.
تۇتقۇنلارنى ئىلىغا
يۆتكىدى تېز سۈرئەتتە.
نۇزۇگۇمنىڭ ئاتىسى،
قالدى مىسكىن غۇربەتتە.
جىگىرىنى ئۇزۇتۇپ،
پەريات چەكتى ھەسرەتتە:
«خەير، قىزىم نۇزۇگۇم،
ئەقلى قارا قۇندۇزۇم.
كۈلپەت چۈشتى بېشىڭغا،
تۇتقۇن بولدۇڭ يۇلتۇزۇم.
شېرىن قىزىم نۇزۇك ئاي،
ئاكاڭدىنمۇ ئايرىلدىم.
ھېچكىم مەندەك بولمىغاي،
قاناتىمدىن قايرىلدىم.»
كىم مۇساپىر بولمىغان،
ئەل ئىشقىدا كۈرەشتە،
يۈرەر ئالغا نۇزۇگۇم،
ئۈمىد بىلەن بىر سەپتە.
«داۋان ئېگىز، ئات ئورۇق»،
ماڭار نۇزۇك ھەسرەتتە.
ھۆرلۈك ئوتى ياناتتى،
ئەلنى سۆيگەن يۈرەكتە.
شىلدىرلىشار مەدەتتە،
گۈل – چېچەكلەر بەس – بەستە.
شېھىت بولغان مەرتلەرگە،
تىزىپ قىزىل گۈلدەستە.
چاقار چاقماق ئوت بولۇپ،
دۈشمەنلەرگە غەزەپتە.
ياغار يامغۇر شارقىراپ،
زالىملارغا نەپرەتتە .
ئەنە ئىلى دەرياسى،
ئاقار سۈرلۈك دەھشەتتە.
ۋادىلاردا ئاھۇ – زار،
زۇلۇم ھۆكۈم سۈرمەكتە….
يۈردى نۇزۇك ئىلىدا،
مۇساپىر بوپ، خار بولۇپ.
ئەمەلدارنىڭ قولىدا،
پارچە نانغا زار بولۇپ.
باقى ئاتلىق بىر يىگىت،
ئىشلەر ئىدى شۇ بايغا.
كۆيۈندى ئۇ ھەرقاچان
نۇزۇگۇمغا – مالايغا.
سىردىشاتتى ئىككىسى،
پىنھاندا دەرد تۆكۈشۈپ.
قىلمىشىنى خىتاينىڭ،
نەپرەت بىلەن سۆكۈشۈپ.
شۇ ئەتراپتىن نۇزۇكنىڭ،
ئاكىسىمۇ تېپىلدى.
دەردكە تولغان ئۈچ يۈرەك،
بىر – بىرىگە قېتىلدى.
ئاتمىش ياشلىق ئەمەلدار،
زالىم چوقۇر چال ئىدى.
نۇزۇك ئۇنىڭ قولىدا،
قەدرى يوق بىر مال ئىدى.
ئۆچ كۆرەتتى نۇزۇگۇم،
بۇ مۇتىھەم بۇزۇقنى.
قارانىيەت ئەمەلدار،
ئالماق بولدى نۇزۇكنى.
كۆز سالمىدى نۇزۇگۇم،
تۈرلۈك ئوزۇق – تۈلۈككە.
ئالتۇن ئۈزۈك، ھالقا ھەم،
تاۋار – دۇردۇن مۈلۈككە.
باش ئەگمىدى ئۇ پەقەت،
تىل - ھاقارەت تۆھمەتكە.
ۋىجدانىنى ساقلاشچۈن،
رازى ئىدى ئۆلمەككە.
زالىملارنىڭ زۇلمىنى،
تارتتى نۇزۇك يەتكۈدەك.
ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق،
جاي يوق قېچىپ كەتكۈدەك.
باشقا تاغدەك غەم چۈشتى،
چېپىش كېرەك يىلاننى.
قۇتۇلۇشقا مەلئۇندىن،
تۈزدى ئۇ بىر پىلاننى.
زورلۇق بىلەن توي بولدى،
كۈن ئولتۇرۇپ كەچ بولدى.
ئەمەلدار ھەم چىرىكلەر،
ھاراق ئىچىپ مەس بولدى.
ھۇجرا ئۆيگە مەس چوقۇر،
كىرىپ كەلدى دەلدەڭلەپ.
چىقتى نۇزۇك ئالدىغا،
ئۆتكۈر خەنجەرنى تەڭلەپ.
باتۇرلارچە ئۇردى ئۇ،
دەل يۈرەككە خەنجەرنى.
غەزەپ بىلەن ئۆلتۈردى،
شۇ ئەمەلدار خۇمپەرنى.
قاچتى نۇزۇك كېچىلەپ،
يامغۇر ياغدى شارقىراپ.
قۇمۇشلۇقنىڭ ئىچىگە،
يوشۇرۇندى ئالدىراپ.
زەيلىك ئۇنىڭ كۆرپىسى،
قۇمۇش بولدى ياستۇقى.
قۇمۇشلۇقنى تىترەتتى،
ئۇنىڭ مۇڭلۇق قوشىقى:
«قۇمۇش ئارىلاپ كۈن چۈشتى،
يالغۇز باشقا مۇڭ چۈشتى.
مەن نۇزۇكنى تۇتقىلى،
چېرىكلەر قوغلاپ چىقتى.
قۇمۇشلارغا ئوت قويماي،
مەن نۇزۇكنى تۇتالماس.
مەن نۇزۇكنى تۇتقاندا،
تەندە بۇجان ساق قالماس.»
ئۈچ كۈن ئىزلەپ چېرىكلەر،
غالجىر ئىتقا ئوخشىدى.
قۇمۇشلۇققا ئوت قويۇپ،
قورشاپ تۇتتى، قىينىدى.
ياتتى نۇزۇك ئالتە ئاي،
زەي يامۇلدا قىينىلىپ.
قىيىن - قىستاق، سوراقتا،
تېنى قانغا مىلىنىپ.
پەرمان كەلدى ئۆلۈمگە،
چىقتى نۇزۇك مەيدانغا.
ئۇنىڭ غەزەپ ساداسى،
ياڭرىدى يەر – جاھانغا:
«زالىم پەلەك چۆگىلەر،
زومىگەرلەر مەيلىچە.
كۈندۈزىمۇ مەن ئۈچۈن،
بولدى گويا تۈن كېچە.
تور تاشلىدى كۆك ئاسمان،
مېنىڭ دەردىم ئۆزگىچە.
زەرداپ بىلەن قان تولدى،
يۈرەكتىن تا كۆزگىچە.
مەن ئۆلۈرمەن بىمەھەل،
ئاتا – ئانام كۆرگىچە.
ئادالەتسىز بۇ ئىشنى،
ئۇنۇتماڭلار ئۆلگىچە!»
جاللاتلارنىڭ قىلىچى
تەگدى نازۇك بەدەنگە.
قەيسەر نۇزۇك جېنىنى
پىدا قىلدى ۋەتەنگە.
نۇزۇك ئۆلدى ۋە لېكىن،
ئار نۇمۇسنى ساقلىدى.
ئېزىز ئانا ۋەتەننىڭ،
ئىشەنچىنى ئاقلىدى.
ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم،
كۈرەش بىلەن تۇغۇلدى.
دۈشمەنلەرگە تىز پۈكمەي،
پۈتۈن ئەلگە تونۇلدى.
نۇزۇگۇمنىڭ قوشىقى
داستان بولدى تىللاردا.
باتۇرلۇقى ئۇنتۇلماس،
ئۆمۈرۋايەت دىللاردا.
سادىر پالۋان ھەققىدە
زومىگەرنىڭ ئوۋقۇشى
موللا توختى يېزىسى
ۋەيران ئىدى ئۆتمۈشتە.
كىچىك سادىر بۇ سىرنى
تەشنا ئىدى بىلىشكە.
قورسىقى ئاچ سادىرغا
ئۆيدە نان يوق يېيىشكە.
تىترەر ئىدى سوغۇقتا
كىيىمى يوق كىيىشكە.
ئاز ئۇن تېپىپ ئاپىسى
تاماق ئېتىپ بېرىشكە.
بۇيرىۋەتتى سادىرنى
تاغقا ئوتۇن تېرىشكە.
قۇرۇق ئوتۇن – شاخ ئىزلەپ
چىقتى ئۇ تاغ ئۈستىگە.
تەڭ كېلەلمەس ھېچنەرسە
ئۇنىڭ ئىشچان بەستىگە.
دەل شۇ چاغدا زومىگەر
كەلدى ئاتلىق يۆتىلىپ.
غالچىلىرى ئەگەشكەن
ئوۋ قۇشىنى كۆتۈرۈپ.
تاغ ئۈستىدە كۆرۈپ ئۇ
ئالا – بۇلا بىر نېمە.
قويۇپ بەردى قۇشىنى
سۈرۈشتۈرمەي ھېچنېمە.
ئۇچۇپ چىققان ئوۋ قۇشى
كۆكتە بىردەم پىرقىراپ.
خۇددى ئوقتەك شۇڭغۇدى،
پەسكە قاراپ چىقىراپ.
كەلگەن پېتى سادىرغا
ۋەھشىلەرچە چاڭ سالدى.
چىڭ قاماللاپ كۆتۈرۈپ
ئەپكەتكىلى تاس قالدى.
تۇتۇپ ئېلىپ يىلتىزنى
زىرەك سادىر قولىدا.
تەپتى تازا نەچچە رەت
ۋەھشى قۇشنىڭ بېشىغا.
دومۇلىدى تېپچەكلەپ
سادىر ئۇيان بۇيانغا.
تەڭ كېلەلمەي قاچتى قۇش
قانات قېقىپ ئاسمانغا.
پاتقان ئىدى دۈمبىگە
قۇشنىڭ زەھەر تىرنىقى.
ئايان بولدى سادىرغا
زومىگەرنىڭ قىلىقى.
سادىركەن دەپ زومىگەر
كۈلۈپ كەتتى قاقاقلاپ.
يارايسەن، دەپ قۇشىنى
ماختاپ كەتتى چاۋاكلاپ.
چاقناپ كەتتى سادىرنىڭ
نەپرەت تولغان كۆزلىرى.
ياندى كىچىك قەلبىدە
ئىنتىقامنىڭ ئوتلىرى.
ئۆچ ئالغۇچى بالا
كىچىك سادىر چوڭ بولۇپ
ئەمدى ئون بەش يېشىدا.
تۇرار ئىدى سۇ تۇتۇپ
قوناقلىقنىڭ بېشىدا.
كەلدى ئەبگا تۆت چىرىك
بىر دېھقاننى چىڭ باغلاپ.
ئۇردى تىللاپ دېھقاننى
ئۆزلىرىنى شىر چاغلاپ.
سادىر ئوقتەك ئېتىلىپ،
توختاش! – دېدى ۋارقىراپ.
قورققىنىدىن چىرىكلەر
تۇرۇپ قالدى گاڭگىراپ.
چىرىكلەرنى قورقۇتتى،
پىقىرتىپ ئۇ كەتمەننى.
قېچىپ كەتتى دەرھاللا
قۇتۇلدۇرۇپ دېھقاننى.
كەتتى بۇ ئىش شۇ ھامان،
ھەممە يەرگە تارىلىپ.
مۆكۈپ يۈردى يوشۇرۇن،
سادىر ئۆيدىن ئايرىلىپ.
ئاق چېدىردا بىر ئۆيگە
سادىر كەلدى بىر كېچە.
يىغىلىشىپ دوستلىرى
ناخشا ئېيتتى تاڭغىچە.
ئاڭلاپ بۇنى غالچا بەگ
باشلاپ كەلدى چىرىكنى.
قورشاپ ھەممە ئەتراپنى
توسۇپ ئالدى ئىشىكنى.
ئۇرۇش بولدى بىرھازا،
كۆپ بالىلار قۇتۇلدى.
دوستلىرىنى قاچۇرۇپ
سادىر يالغۇز تۇتۇلدى.
باغلاپ ئۇنى چىرىكلەر
ھەيدەپ كەلدى يامۇلغا.
ئۇرۇپ قىيناپ، سوراق قىپ
پالىۋەتتى قۇمۇلغا.
چەكسىز ئازاب چەكتى ئۇ،
مۇساپىرلىق يولىدا.
ئۇيۇپ قالدى قىزىل قان
ئۇنىڭ پۇت ۋە قولىدا.
سادىر قورقماي دۈشمەنگە
غەزەپ – نەپرەت ئوقۇدى.
كېيىن خەلق ئىچىدە
مۇنداق قوشاق توقۇدى:
«سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپتە تۇتۇلغاندا،
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
سادىرنى تۇتۇپ بەرگەن،
ئاق چېدىردىكى شاڭيۇ.
جان باقماق ئۈچۈن ساتتىم،
قۇمۇل شەھىرىدە ياڭيۇ.»
سادىر پالۋان
سادىر قېچىپ قۇمۇلدىن
يېنىپ كەلدى ئىلىغا.
چۈشتى يەنە نەچچە رەت،
چىرىكلەرنىڭ قولىغا.
تام تېشىپ ئۇ سۆڭەكتە،
قاچتى بىر رەت تالاغا.
ئۇنى باققان چىرىكلەر
قالدى تازا بالاغا.
دۈشمەن ئۇنى يامۇلدا،
خۇددى ئىتتەك تالىدى.
قېچىشىدىن ئەنسىرەپ
ئۈرۈمچىگە پالىدى.
زىرەك سادىر ئۇ يەردىن
قېچىپ كەلدى بەكمۇ تېز.
چىدىمىغان دۈشمەنلەر
قوغلاپ كەلدى ئىزمۇ – ئىز.
يول ئۈستىدە ئۇ يەنە
چىرىكلەرگە تۇتۇلدى.
ھەربىرىگە بىر تەڭگە
پۇلنى بېرىپ قۇتۇلدى.
تۇتۇش ئۈچۈن سادىرنى
چىقتى ئېلان ئۆيلەرگە
ئەۋەتىلدى چىرىكلەر
يېزا، قىشلاق، كۆيلەرگە.
كىم ئەپ كەلسە سادىرنىڭ
كاللىسىنى شەنگەنگە.
ۋەدە بەردى ئۇنىڭغا
بېرىش ئۈچۈن مىڭ تەڭگە.
بىر توپ چىرىك بىر كۈنى
قوغلاپ كەلدى سادىرنى.
قورشىۋالدى تىرىكلا،
تۇتۇش ئۈچۈن باتۇرنى.
سادىر پالۋان ئوق ئېتىپ،
خىتاينى يەر چىشلەتتى.
قايمۇقتۇرۇپ دۈشمەننى،
ئاجايىپ پەم ئىشلەتتى.
جۇۋىسىنى سېلىپ ئۇ،
يۆگەپ قويدى بىر تاشقا.
غالجىرلاشقان چىرىكلەر
ئېتىۋەردى شۇ ياققا.
سادىر مۆكۈپ بىر چەتكە،
دۈشمەن كەلسە ئىچكىرلەپ.
دومۇلاتتى ئۇلارنى،
ئالدىرىماي بىر – بىرلەپ.
بۇ زەربىدىن دۈشمەنلەر
تېرە – پىرەڭ بولۇشتى.
تۇتالماستىن سادىرنى،
كۆزىگە قان تولۇشتى.
ئۇ دۈشمەنلەر كۆزىگە،
تىكەن بولۇپ قادالدى.
ئۇنىڭ ئىسمى ئېلىدا
سادىر پالۋان ئاتالدى.
سادىر پالۋان بەك چاققان،
قېچىپ كەتتى چوڭ تاغقا.
مەسخىرە قىپ دۈشمەننى
قاتتى مۇنداق قوشاققا.
«قوغلاپ چىققان چىرىكنىڭ
مىنگەن ئاتلىرى قاشقا.
چىرىك ئاتىدۇ تاشقا،
سادىر ئاتىدۇ باشقا.»
سادىر پالۋان يامۇلغا
ئون ئۈچ قېتىم سولاندى.
قېچىپ كەتكەچ ھەر قېتىم،
بالا ۋاقىسى بۇلاندى.
پالۋان كەلدى
زالىم خىتاي ئەمەلدار،
بۇيرۇق ئالدى چوڭىدىن.
ئېلىپ چىقتى سادىرنىڭ،
ئايالىنى يامۇلدىن.
قورقۇتماق بوپ خەلقنى،
چوڭ مەيدانغا توپلىدى.
قۇرۇپ سوراق مۇنبىرى،
پەرمانىنى توۋلىدى.
خىتاي مۇشتلاپ ئۈستەلنى،
جىددى سوراق باشلاندى.
بىگۇناھ بۇ ئايالغا
چىل بۆرىدەك تاشلاندى.
سادىر دېگەن گەدەنكەش،
نەگە قاچتى ئېيتىپ بەر.
ئۆلتۈرىمىز بولمىسا،
نەگە مۆكتى تېپىپ بەر!
تۇردى ئايال مەردانە،
جاۋاب بەرمەي سوئالغا.
خەلق ئالدىدا خىتايلار
چۈشتى ئوسال ئەھۋالغا.
ئۆلتۈرۈڭلار ! – دېدى ئۇ،
دەھشەت سېلىپ ۋارقىراپ.
ئۇنىڭ قانخور كۆزلىرى
كەتتى بىردىن پارقىراپ.
توختا! – دېدى تۇيۇقسىز،
توپ ئىچىدە بىر ئادەم.
كەلدى ئۇنىڭ ئالدىغا،
تاشلاپ دادىل چوڭ قەدەم.
ئۇنىڭ قارا ساقىلى
چۈشكەن ئىدى كۆكسىگە.
قاڭشالىرى ياراشقان،
قامەتلىك زور بەستىگە.
توۋلىدى ئۇ زالىمغا،
گۇناھسىز بۇ ئايال – دەپ.
تۇتۇپ كەلدىم سادىرنى،
مىڭ تەڭگەڭنى ئەكەل، – دەپ.
خىتاي راسا ھەيران بوپ،
يوغان ئاچتى كۆزىنى.
چوڭ ساقاللىق ئۇ كىشى،
تونۇشتۇردى ئۆزىنى.
ساقىلىنى يۇلۇپ ئۇ،
ئاتتى خىتاي ئالدىغا.
زالىم تونۇپ سادىرنى
مۆكتى دەرھال دالدىغا.
خىتاي قاراپ سادىرغا،
ئىشەنمىدى كۆزىگە.
قورققىنىدىن چەكچىيىپ،
كېلەلمىدى ئۆزىگە.
سادىر كەلدى! دېگەن سۆز،
جاراڭلىدى ھەر ياندا.
قورقۇپ كەتكەن چىرىكلەر،
قاچتى ئۇيان – بۇيانغا.
چۇقان سالدى چىرىكلەر
سادىر كەلدى دېيىشىپ.
ئاتلىرىنى تاپالماي
بىر – بىرىگە مىنىشىپ.
قول كۆتۈردى نەچچىسى،
دادۇ – پەريات سېلىشىپ.
جاھىل باشلىق جان بەردى،
نەق مەيداندا ئېلىشىپ.
باياندايدىكى قانلىق جەڭ
ياشلار ئىزدەپ سادىرنى،
تاغقا قاراپ يول ئالدى.
چىدىماستىن زۇلۇمغا،
خەلق تامام قوزغالدى.
ياشلار گويا كەلكۈندەك
بېسىپ كىردى بازارغا.
چىرىكلەرنىڭ ئۆيىنى
ئايلاندۇردى مازارغا.
ھەربىي باشلىق، ئەمەلدار،
زالىم خىتاي، چىرىكلەر.
مۆكتى سېپىل ئىچىگە،
چىڭ تاقالدى ئىشىكلەر.
بەكمۇ ئېگىز چىڭ ئىدى،
بايانداينىڭ سېپىلى.
خەلق ئاڭا كىرىشنىڭ
تاپالمىدى ئېپىنى .
سادىر چىقتى شۇ پەيتتە،
كولاپ سېپىل تەكتىنى.
كۆمۈپ تالاي دورىنى،
تۇتاشتۇردى پىلتىنى.
گۈمبۈر! قىلدى بىردىنلا،
ئۇچۇپ چۈشتى پوتەيلەر.
پالتا تەككەن كۆتەكتەك
چاچراپ كەتتى كۆسەيلەر.
ئاسمان پەلەك ئۆرلىدى،
جوزىدىكى موتەيلەر.
خۇددى ئەخلەت چاۋادەك
كۆككە چىقتى سوخەيلەر.
پاتپاراق بوپ قېچىشنى،
يامۇلدىكى دوتەيلەر.
كۆيۈپ كەتتى كۈل بولۇپ،
بۇلاپ كەلگەن گوكەيلەر.
قول كۆتۈردى چىرىكلەر،
دادۇ – پەريات سېلىشىپ.
باشلىرىنى چاڭگاللاپ،
كاللىسىدىن ئېلىشىپ.
دىر – دىر تىترەپ باشلىقى،
بىر قوشۇق قان تىلىدى.
بۇتلىرىغا باش ئۇرۇپ،
باشلىرىنى سىلىدى.
ئالۋاستىدەك چۇگۇلدى،
ئۇنىڭ ئۆرۈم چاشلىرى.
ياغدى بوران يامغۇرەك،
غەزەپ نەپرەت تاشلىرى.
شىددەت بىلەن قوزغالدى،
ئىلىخونىڭ ياشلىرى.
قانلار ئاقتى دەريادەك،
لەيلەپ چىرىك باشلىرى.
جاھىل خىتاي ئېلىشىپ،
ئۆلۈمىگە تەن بەردى.
پۇت قولىنى كۆتۈرۈپ،
نەق مەيداندا جان بەردى.
ئازادلىقتىن ھەممە خەلق
خۇشاللاندى دىلىدىن.
رەھمەت ئېيتتى سادىرغا
خەلقلەر چىن قەلبىدىن.
سادىر پالۋان قوشىقى
ھەممە ئەلگە تارالدى.
كۈرەشچان بۇ خەلقتىن
شۇنداق باتۇر يارالدى.
لۇتپۇللانى ئەسلەيمىز
تۇرغۇن ئاكام ئەسلىدە
لۇتپۇللانىڭ دوستى ئىكەن.
ئاشۇ ھەقتە بەك قىزىق
ھېكايىگە ئۇستىكەن.
دەپ ئاڭلىشىپ بالىلار،
شۇيان قاراپ يۈگرەشتى.
سالام بېرىپ ئۇنىڭغا،
ئاندىن تىنچلىق سوراشتى.
چۇقۇرۇشۇپ بالىلار،
ئەتراپىغا ئولاشتى.
چىڭ ئېسىلىپ پېشىغا،
ئەركىلىشىپ ئويناشتى.
ھەممە تەرەپ – تەرەپتىن،
سوئال تاشلاپ كولاشتى.
بىر دەمدىلا شۈك بولۇپ،
تۇرغۇنكامغا قاراشتى.
تۇرغۇن ئاكا چېچىنى،
سىلاپ قويۇپ سىپايە،
سۆزلەپ بەردى ئۇلارغا،
بەك تەسىرلىك ھېكايە:
«ئۇ چاغ ئەتراپ جاھالەت،
كۈندۈز گويا تۈن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ – يوقسۇلنىڭ
يۈرەك باغرى خۇن ئىدى.
شۇ زۇلمەتلىك نىلقىدا،
كىچىك لۇتۇن تۇغۇلدى.
زېرەك، چاققان، قورقماس بوپ
ساغلام بەدەن چوڭ بولدى.
لۇتۇن ئۆسۈپ ئەمگەكتە،
بولدى باتۇر، مەردانە.
بىلىم ئېلىش ئىشقىدا،
بولدى گويا پەرۋانە.
تەشنالىقى قانمىدى،
كۆلچەكلەردىن سۇ ئىچىپ.
ئۈرۈمچىگە ئاتلاندى،
قانچە داۋان، تاغ ئېشىپ.
كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ ئۇ،
قەلبى تولدى بىلىمگە.
ئازادلىقچۈن دەيتتى ئۇ،
تۆھپە قوشسام ئېلىمگە.
ئاشتى ئۇنىڭ قەلبىدە،
مۇھەببىتى ۋەتەنگە.
لاۋۇلدىدى نەپرىتى،
گۈلخان بولۇپ دۈشمەنگە.
يازاتتى ئۇ توختىماي،
شېئىر، داستان، دراما.
ئوقار ئىدى ياقتۇرۇپ
چىن قەلبىدىن كەڭ ئامما.
رەسسام ئىدى مۇتەللىپ،
دائىم رەسىم سىزاتتى.
كونىلىققا قەلەمدە،
چوڭقۇر گۆرلەر قازاتتى.
ئۆسمۈرلەرگە ئۇ دائىم،
ئۇستاز ئىدى كۆيۈمچان.
ئۆگىتەتتى ناخشا – ساز،
بالىلارغا ھەر قاچان.
ئويغاتتى ئۇ خەلقنى،
جەڭدە قىزىل توغ بولۇپ.
ۋەتەن دېسە يۈرىكى،
ياندى گويا چوغ بولۇپ.
دۈشمەن كۆرۈپ بۇ ھالنى،
شائىرنى «مىق » بىلىشتى.
ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا
ئۇنى سۈرگۈن قىلىشتى.
شائىر لۇتۇن ئاقسۇدا،
يۇلتۇز ئوخشاش پارلىدى.
ئۇ يەردىمۇ دۈشمەنلەر،
ئەل سۆيگەننى خارلىدى.
شائىر قۇرۇپ تەشكىلات،
ئۇيۇشتۇردى ئاممىنى.
قوراللاندى پالۋانلار،
ئەلگە ئاتاپ ھەممىنى.
قوزغىلاڭنىڭ ھارپىسى،
سەزدى دۈشمەن بۇ ئىشنى.
مەرتلەر تۇتقۇن قىلىنغاچ،
ئاقتۇردى ئەل يېشىنى.
لۇتۇن دۈشمەن ئالدىدا،
كېچە – كۈندۈز سوراقتا.
ئۇرۇش – قىيناش، ئالداشقا،
باش ئەگمىدى سولاقتا.
غالجىرلاشقان ئىتلاردەك،
دۈشمەن ئۆلۈم ئالدىدا.
لۇتپۇللانىڭ تېنىنى،
پارچە قىلدى جادىدا…
جاراڭلىدى تۈرمىدە،
ياڭراق ھۆرلۈك ساداسى.
ئازادلىققا تەلپۈنگەن،
مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى.
باتۇر لۇتۇن مەرتلەرچە،
جۇدا بولدى تېنىدىن.
ئېزىز كۆرگەچ ۋەتەننىڭ،
مەنپەئەتىنى جېنىدىن.
قىساس ئۈچۈن قوزغۇلۇپ،
تۇشمۇ – تۇشتىن باتۇر ئەل.
ھۇجۇم قىلدى دۈشمەنگە،
بولۇپ گويا كەلكۈن، سەل.
لۇتپۇللانىڭ ئارزۇسى،
قالدى بىزگە ئامانەت.
كۈرەش بىلەن كېلىدۇ.
تاڭلا بەخت - سائادەت.»
كىچىك دوستلار ئېيتىڭلار،
كىم دۈشمەن، كىم قەھرىمان.
خەلقى ئالەم ئالدىدا،
ھەق ۋە ناھەق بەك ئايان.
بۈگۈن قەبرە ئالدىدا،
لۇتپۇللانى ئەسلەيمىز.
ئۇنىڭ ئۆلمەس روھىغا،
مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز.
تۇرغۇن ئاكام شۇنداق دەپ،
ھېكايىنى تۈگەتتى.
ئوقۇپ بەردى ئۇلارغا
«بىزنىڭ كىچىك مەمەت»نى
تەسىرلەنگەن بالىلار،
تۇرغۇنكامغا قاراشتى.
باتۇر لۇتۇن ئوبرازى
قەلىبلەرگە ئورناشتى.
رىزۋانگۈلنىڭ پىدكارلىقى
مۇقەددىمە
يېشىل بوستان غۇلجىدا،
گۈل ئېچىلغان گۈزەل چاغ.
تولدى ماتەم ئىلكىگە،
ئالمىزارلىق ھەرەمباغ.
ھەيۋەتلىك بىر قەبرىگە،
گۈلچەمبىرەك قويۇلغان.
ئالتۇن ھەلدە بۈيۈك نام
نەقىش قىلىپ ئويۇلغان.
ياش بوغۇنلار قەبرىگە
كەلدى ئېلىپ گۈلدەستە.
بىر بوۋاينى چۆرىدەپ،
ئولتۇرۇشتى ھەۋەستە.
ئاپئاق چاچلىق بوۋاينىڭ
تۇرقى مەغرۇر، سىپايە.
سۆزلىدى ئۇ ئۆتمۈشتىن.
ئېچىنىشلىق ھېكايە.
ئىنتىقام
زۇلۇم سۈرگەن بىر زامان،
ھۆسەينىيە مەكتەپتە.
تالاي مىسكىن ئوغۇل – قىز،
ئوقار ئىدى ھەسرەتتە.
چىچەن، ئۆتكۈر رىزۋانگۈل
بەك تىرىشچان قىز ئىدى.
قەيسەر، قەتئىي ھەم تىتىك
ھەممە ئىشتا تېز ئىدى.
رىزۋانگۈل ھەم دوستلىرى
چىقتى بىر كۈن سەيلىگە،
قۇچىقىنى توشقۇزدى،
خۇش پۇراق گۈل لەيلىگە.
ئۈچ مەست چىرىك ئورماندا،
كىردى قىزلار كەينىگە.
تەڭ كەلمەستى ھېچنېمە،
ئاچ بۆرىدەك پەيلىگە.
غالجىرلىشىپ چىرىكلەر،
ئورمانلىقنى بىر ئالدى.
خۇددى توخۇ تۇتقاندەك،
ھەممە قىزغا چاڭ سالدى.
يول قويمىدى ئۇ قىزلار،
چىرىكلەرنىڭ مەيلىگە.
سالدى رىزۋان شاپىلاق،
بىر چىرىكنىڭ يۈزىگە.
شاراقلىتىپ مىلتىقنى،
ئۇ مەست خىتاي ئېتىلدى.
چىقتى شۇندا بىر پاي ئوق،
خەلىچە بۈۋى يىقىلدى.
قىزلار قاتىل چىرىككە،
غەزەپ بىلەن ئېسىلدى.
چىرىكلەرنىڭ غەۋغاسى،
بىردەملىككە بېسىلدى.
ئورمانچى ھەم چوپانلار،
يېتىپ كەلدى شۇ پەيتتە.
چىرىكلەردىن ئۆچ ئالدى،
كۈچلۈك غەزەپ – نەپرەتتە.
ئۇر – ئۇر بىلەن ئۈچ چىرىك،
جەھەننەمگە يول ئالدى.
رىزۋانگۈلنىڭ قەلبىگە،
بىر ئىنتىقام ئورنالدى.
ئۇستاز سۆزى
شۇ كۈنلەردە چېكىگە،
يەتكەن ئىدى ئاسارەت.
ئاچتى خەلق كۆزىنى،
زۇلۇم، تۈرمە، ھاقارەت.
مەكتەپلەردە ئۇستازلار،
سۆزلەر ئىدى مەنىلىك،
ھەربىر سۆزى دۈشمەنگە،
قارشى چوڭقۇر تەنىلىك.
سۆزلەر ئۇلار زۇلمەتلىك،
ۋەزىيەتتىن شىكايەت.
بىرەر قىزلار كۆڭلىگە،
تاڭ ۋەسلىدىن بىشارەت:
«غالجىرلىشىپ ئەمدى جان
تالاشماقتا دۈشمەنلەر.
پات ئارىدا گۈم بۇلار،
خەلقىمىزگە ئۆچمەنلەر.
مېھنەتكەشلەر غەزىپى،
گويا يانغىن يانار تاغ.
دۈشمەن چوقۇم كۈل بولار،
ئەل پارتلىغان ئاشۇ چاغ.
ئەرك گۈدۈكى ياڭرايدۇ،
نويابىردا ئىلىدا.
تەييارلانسۇن ھەممە ئەل،
ساقلاپ بۇنى دىلىدا.»
تەسىرلەندى ھەممە قىز،
ئاڭلاپ ئۇستاز سۆزىنى.
ھاياجاندا رىزۋانگۈل،
ئاچتى ئەقىل كۆزىنى.
ھەمشىرە
نويابىردا ئابرالدىن،
كەلدى ئەرك كەلكۈنى،
ھەر تەرەپكە تۇتاشتى،
غەزەپ – نەپرەت يالقۇنى.
كېلىپ ئابرال لەرزىگە،
پارتلىدى زور بىر ۋولقان.
كۆتۈرۈلدى پەلەككە:
«قانغا – قان ھەم جانغا – جان!»
پارتىزانلار بەكمۇ تېز،
ئىگىلىدى تۈرمىنى.
ئوغاق، بولقا، توقماقتا،
ئازاد قىلدى نىلقىنى.
غېنى باتۇر غۇلجىغا،
شىددەت بىلەن ئاتلاندى.
پۈتۈن خەلق قوزغۇلۇپ،
كوچا جېڭى باشلاندى.
پاچاقلاندى كۈمپەيكۈم،
تۈرمە بىلەن باش ساقچى.
تىكىۋەتتى قۇيرۇقنى،
چىرىك ئەسكەر، پايلاقچى.
كۆك كۆۋرۈكتە جەڭچىلەر،
جىددى رەتكە سېلىندى.
ھەمشىرە بوپ ئالتە دوست،
تىزىملىككە ئېلىندى.
ھەربىي كىيىم ياراشتى،
رىزۋانگۈلنىڭ بەستىگە.
تەلپۈنەتتى يۈرىكى،
ئازادلىقنىڭ ۋەسلىگە.
يەلكىسىدە سومكىسى،
ئوڭ قولىدا ناسولكا.
جەڭگە كىردى رىزۋانگۈل،
باشلانغاندا ئاتاكا.
قانلىق جەڭ
يانىۋاردا ئاپئاق قار،
ياغدى تىنماي ئاسماندىن.
سوغۇق، نەشتەر شۋىرغان،
ھۇۋلار ئىدى ھەرياندىن.
جان تالاشقان دۈشمەنلەر،
شىتابىغا مۆكۈشتى.
ياساپ قاتتىق ئىستىھكام،
ئوق يامغۇرى تۆكۈشتى.
ھۇجۇم قىلدى جەڭچىلەر،
ھەرەمباغنىڭ غەربىدىن.
ئىلگىرىلىدى قار كېچىپ،
شاھاجىمنىڭ بېغىدىن.
رىزۋانگۈلمۇ ئوت ئاچتى،
ئۆتۈپ زۈمچەك قەبرىدىن.
غالجىرلاشتى دۈشمەنلەر،
كۈتۈلمىگەن زەربىدىن.
گىرانات، ئوق ئاق قارنى،
ئۇچۇراتتى توختىماي.
پىلىموتى دۈشمەننىڭ
يىغلار ئىدى ھېچ تىنماي.
ئىككى جەڭچى ئوق تىگىپ،
چۈشتى قارغا يىقىلىپ.
رىزۋانگۈلمۇ ئۇچقاندەك،
كەلدى تېزدىن ئېتىلىپ.
قۇتقازدى ئۇ جەڭچىنى،
مۈشكۈل جاپانى يېڭىپ.
ئاققان قاننى توختاتتى،
يارىسىنى چىڭ تېڭىپ.
شۇم ئوق تەگدى تۇيۇقسىز،
كوماندىرنىڭ بېشىغا.
رىزۋان ئۇنى ئەپكەلدى،
چولاق تامنىڭ قېشىغا.
يۆگىدى ئۇ ئاۋايلاپ،
كوماندىرنىڭ بېشىنى.
ساقلاپ قالدى خەتەردىن،
ئۇنىڭ ئېزىز جېنىنى.
گۈلدۈرلىدى گىرانات،
چوڭ ئاتاكا باشلاندى.
پارتلاپ دۈشمەن ئاكوبى،
ھەممە ئالغا ئاتلاندى.
دەل شۇ پەيتتە بىر جەڭچى،
يەنە قارغا يىقىتىلدى.
رىزۋانگۈل شۇ تەرەپكە،
چاقماق كەبى ئېتىلدى.
ئاھ! شۇم ئەجەل – قارا ئوق،
تەگدى ئۇنىڭ بېشىغا.
رىزۋانگۈلمۇ يىقىلدى،
يارىدار يىگىت قېشىغا.
ئۇنىڭ تال – تال چاچلىرى،
قىزىل قانغا بويالدى.
چىشلىرى چىڭ كىرىشىپ،
كۆزى مەھكەم يۇمۇلدى.
ئاھ رىزۋانگۈل ھەمشىرە،
ئاچ كۆزۈڭنى قەھرىمان.
لېكىن سادا چىقمىدى،
يالتىرايتتى قىزىل قان.
قانلىق جەڭدە رىزۋانگۈل،
تۆكتى ئىسسىق قېنىنى.
ۋەتەن ئۈچۈن مەرتلەرچە،
پىدا قىلدى جېنىنى.
شۇنداق قىلىپ رىزۋانگۈل،
بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلدى.
ھەمشىرە ھەم جەڭچىلەر،
قاناتىدىن قايرىلدى.
ئىنتىقام ! دەپ جەڭچىلەر،
جەڭگە ئاتتى ئۆزىنى.
ئازاد بولدى دۈشمەندىن،
ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى.
خاتىمە
تارام – تارام ياش ئاقتى،
ياش ئۆسمۈرلەر كۆزىدىن.
ئالدى چوڭقۇر تەربىيە،
ئۇ بوۋاينىڭ سۆزىدىن.
ھەممە بىردەك قەبرىگە،
ھۆرمەت بىلەن قاراشتى.
ئۇ پارتىزان – بوۋايغا،
قىزىل گۈللەر تاقاشتى.
شىخودىكى يېتىم قىز
(شىخودىكى جەڭدىن خاتىرە)
ئىس تۈتەك ئىچىدە قالدى پۈتۈن ئەل،
قانچىلاپ شەھەرلەر كۆيمەكتە ئوتتا.
دولقۇنلار چاچرىتىپ دەرتلىك دەريادا،
سۇ ئەمەس، قىپقىزىل قانلار ئاقماقتا.
شىخونىڭ بازىرى گويا خارابە،
گۆرلۈككە ئوخشايدۇ سۈرلۈك كېچىدە.
بىر جەسەت يېنىدا يالغۇز يېتىم قىز،
دات – پەريات ئۇرىدۇ ھەسرەت ئىچىدە:
«جان ئانا، مېھرىبان، كۆيۈمچان ئانا،
ئاچقىنا كۆزۈڭنى يەنە بىر قېتىم.
مېھرىڭدىن قانغۇدەك ھۇزۇرلانمىدىم،
قالدىممۇ مەن ئەمدى بولۇپ بىر يېتىم.
ئاھ ئانا، جانا ئانا، جانىجان ئانا،
مەن يېتىم قىزىڭغا ئەمدى كىم پانا.
ئېيتقىنا، جانا ئانا، ماڭا ئېيتقىنا،
داداملار شەھەرگە كېلەمدۇ يانا؟!»
قىزچاقنىڭ ئېسىدىن چىقماس ئانىنىڭ،
«ياتلارغا ئېيتمىغىن سىرنى» دېگىنى.
«داداڭمۇ كېلىدۇ يېقىن ئارىدا،
قۇتقۇزۇپ ئالىدۇ بىزنى» دېگىنى.
قىزچاقنىڭ دادىسى پارتىزان بولۇپ،
ئالدىنقى كۈنىلا كەتكەنتى تاغقا.
قالغانتى شۇ چاغدا ئانا ھەم قىزچاق،
كۆزىگە ياش ئېلىپ، قاراپ شۇ ياققا.
چاقنىدى چاراسلاپ شەھەر كۆكىدە،
جاھاننى تەۋرىتىپ دەھشەتلىك چىقىن.
يامرىدى دەريانىڭ كەلكۈن سۈيىدەك،
قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەۋەتلىك ئېقىن.
ئەتىسى دۈشمەنلەر كەلدى باستۇرۇپ،
تاراسلاپ يامغۇردەك ئوقلار ئېتىلدى.
گۈلدۈرلەپ ئەتراپقا چۈشتى بومبىلار،
قىرىلدى ئادەملەر، ئۆيلەر يىقىلدى.
شەھەرنى ھەرياقتىن قورشاپ دۈشمەنلەر،
ساق قالغان خەلقنى يىغدى مەيدانغا.
تۇتماق بوپ قوزغالغان ئەزىمەتلەرنى،
جار سالدى خائىنلار چېپىپ ھەريانغا.
مەيداننىڭ تۆرىدە بايراق خادىسى،
كۆك بايراق لەپىلدەپ نۇر چاچار ئىدى.
چاقنىغان ئاييۇلتۇز پۈتۈن خەلقنى،
كۈرەشكە يېتەكلەپ يول ئاچار ئىدى.
بىر خائىن يامىشىپ چىقتى خادىغا،
تۆۋەنگە تاشلىدى ئاشۇ بايراقنى.
قادىدى تەسلىكتە ئۇنىڭ ئورنىغا،
يات بايراق ئېسىلغان ئەسكى تاياقنى.
بىتاقەت بوۋايلار، مىسكىن مومايلار،
ئاييولتۇز بايراقنى ئالدى يوشۇرۇپ.
دۈشمەنلەر چىدىماي پىلىموت ئاتتى،
كۆپ ئادەم يىقىلدى قانغا بويۇلۇپ.
قىزچاقنىڭ دادىسى ئاسقان بايراقنى،
ئانىسى قوينىغا يوشۇردى دەرھال.
دۈشمەنلەر ھەرقانچە غالجىرلىشىپمۇ،
بايراقنى تاپالماي تىترەيتتى غال – غال.
ھېلىقى خائىنلار كەلدى ئارىلاپ،
ئانىنىڭ چېچىدىن تارتىپ سۆرىدى.
تەرجىمان ئىشلىتىپ خىتاي ئەمەلدار،
ئۇنىڭدىن ۋارقىراپ سوراق سورىدى:
چاپسان ئېيت، يولدىشىڭ كەتتى قاياققا؟
بىلمەيمەن!
شەھەردە يوشۇرۇن كىمنى قالدۇردى؟
بىلمەيمەن!
قەيەرگە يوقالدى ھېلىقى بايراق؟
بىلمەيمەن!
ئاتىمەن ئېيتمىساڭ، جاۋاب بەر پاتراق!
بىلمەيمەن!
دۈشمەنلەر ھىلە قىپ، ئالدىماق بولۇپ،
خەلقتىن تېگىشلىك دەككىسىن يىدى.
ئەمەلدار ئامالسىز شىلتىپ قولىنى،
خائىنغا ئۆزىچە بىر نېمە دېدى.
بەتلەندى تاپانچا خائىن قولىدا،
ئېتىلدى ئەجەللىك بىر ئوق ئانىغا.
بويالدى ۋەتەننىڭ بۈيۈك بايرىقى،
قەھرىمان ئانىنىڭ ئىسسىق قېنىغا.
«يوقالسۇن زۇلۇم!» دەپ ئانا يىقىلدى،
ئامىنە ئۈستىگە ئاتتى ئۆزىنى.
ئاڭلىدى ئانىنىڭ كۆكسىنى تۇتۇپ،
باياتىن شىۋىرلاپ ئېيتقان سۆزىنى.
تۇيۇقسىز پىلىموت ئېتىلدى يەنە،
بىگۇناھ خەلقلەر قىرغىن قىلىندى.
ئانا دەپ ۋارقىراپ ئامىنە دەرھال،
قىزىل قان ئىچىدە يەرگە يىقىلدى.
تولدۇرۇپ مەيداننى قانغا – جەسەتكە،
كېتىشتى دۈشمەنلەر كوچا ئارىلاپ.
چۆللەردە ئاچ قالغان چىلبۆرىلەردەك،
بۇلاشقا كىرىشتى ئىشىك مارىلاپ.
ئامىنە بىر چاغدا كېلىپ ھوشىغا،
ئانا دەپ ئورنىدىن تۇردى چاچراپ.
يىغلىدى، زارلىدى، قايغۇ ئەلەمدە،
ئانىسى ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ.
بىر مەھەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى قىز،
پارتىزان دادىسى ئېسىگە كېلىپ.
ئورنىدىن دەست تۇرۇپ ئاتلاندى ئالغا،
ئانىسى قوينىدىن بايراقنى ئېلىپ.
قىزچاقنىڭ يۈرىكى گويا چوغ بولۇپ،
كۆزىدىن چاقنىدى غەزەپ ئۇچقۇنى.
ئانىنىڭ قاتىلى ۋەھشى دۈشمەنگە،
قەلبىدىن ئۇرغۇدى نەپرەت يالقۇنى.
تۈن كېچە قاراڭغۇ، جىمجىتلىق ئىدى،
قىزچاققا ئۇيقىمۇ بولمىدى نىسىپ.
يۈگرىدى ئامىنە، شەھەر سىرتىغا،
يۈگرىدى بايراقنى باغرىغا بېسىپ.
قىز كەلدى بىر چاغدا دۈشمەن سېپىگە،
كۆرۈندى رەتمۇ – رەت تانكا، زەمبىرەك.
ساناشقا باشلىدى ئىچىدە ئۇنى،
پارتىزان ئەترەتكە ئېيتىشقا تىزرەك.
تېز دەيتتى كوچىلار ھەمدە دەرەخلەر،
تېز دەيتتى ئۆرۈلگەن ئۆي ۋە بىنالار.
تېز دەيتتى مەيداندا ياتقان شېھىتلەر،
قىز دەيتتى يەردىكى قىپقىزىل قانلار.
زەمبىرەك، تانكىنىڭ، ئاپتوموبىلنىڭ،
پوتەينىڭ، ئەسكەرنىڭ سانى ئېلىندى.
ئاتاكا باشلىنىپ ئۇنىڭ ئويىدا،
دۈشمەنلەر ھەممىسى تارمار قىلىندى.
ئۆتتى ئۇ باتۇرلۇق، چەبدەسلىك بىلەن،
قاراۋۇل پونكىتى، ئاكوپ يېنىدىن.
قوينىدا بايراقنى، ئەستە ساناقنى،
ئارتۇقراق كۆرەتتى ئېزىز جېنىدىن.
جىرادىن دومىلاپ تۆۋەن چۈشتى ئۇ،
ۋە يەنە ئۆرلىدى ئۈستىگە قاراپ.
تەر بىلەن بەدىنى سۇ بوپ كەتسىمۇ،
ياماشتى تىك تاغقا جاپاغا چىداپ.
چىققاندا ئامىنە تاغنىڭ ئۈستىگە،
كۆرۈندى نۇر چېچىپ سۈبھى تاڭ قۇياش.
كۆرۈندى سانسىز تاغ چوققىلىرىدا،
ئاييۇلتۇز بايراقلار جەۋلان قىپ تۇتاش.
ئامىنە بايراقنى يايدى ئاسمانغا،
كۆك بايراق شامالدا يەلپۈنەر ئىدى.
يېتىم قىز تۈگىمەس ھاياجان بىلەن،
يىراققا – تۇغلارغا تەلپۈنەر ئىدى.
جىسەكچى پارتىزان كۆردى دۈربۈندا،
قىزچاقنىڭ تەلمۈرۈپ تۇرغانلىقىنى.
فرونتنىڭ ئالدىدا ئېگىز چوققىدا،
يېڭى بىر ئىستىھكام قۇرغانلىقىنى.
پارتىزان يۈگرىدى قىزچاققا قاراپ،
قىزچاقمۇ يۈگرىدى ئاڭا ئالدىراپ.
تونىدى ئامىنە ئۆز دادىسىنى،
بوينىغا ئېسىلدى مەھكەم قۇچاقلاپ.
«دۈشمەنلەر ئانامنى…»دېدى ئامىنە،
قوينىدىن بايراقنى چىقاردى بەك تېز.
كۆرسىتىپ تۇمانلىق شەھەر تەرەپنى،
سۆزلەلمەي ھوشىدىن كەتتى تۇيۇقسىز.
بېشى قان، قولى قان، بايرىقىمۇ قان،
قىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرار پارتىزان.
چاقنايدۇ كۆزىدىن قىساس غەزىپى،
لاۋۇلدار قەلبىدە قانلىق ئىنتىقام.
سېزىلمەس ئۇنىڭغا ئەمدى يېتىملىك،
باشلىغاچ ئۆمرىدە يېڭى بىر قەدەم.
ئېسىگە چۈشكەندە باتۇر ئانىسى،
نارسىدە قەلبىگە تولاتتى ئەلەم.
قولىدا ئاپتومات جەڭچى ئۇ بۈگۈن،
جىسەكتە تۇرماقتا ھوشيارلىق بىلەن.
ئۆگەتتى ئۇنىڭغا قەھرىمان قوشۇن،
ئىنقىلاب قىلىشنى تۇتقۇزۇپ قەلەم.
ئامىنە ئەپكەلگەن سانلىق مەلۇمات،
شتابقا شۇ كۈنى قىلىندى خەۋەر.
تۇيۇقسىز زەربىگە پىلان تۈزۈلۈپ،
ئىنتىقام – قىساسقا باغلاندى كەمەر.
شۇ كېچە ئامىنە تۇراتتى پوستا،
كۆرۈندى يىراقتىن ئادەم قارىسى.
مۆكۈپ ئۇ دالدىغا چەبدەسلىك بىلەن،
كۆزەتتى، يېقىنلاپ قالدى ئارىسى.
– توختا! – دەپ ئورنىدىن چاچراپ چىقتى ئۇ،
بىردىنلا جايىدا قالدى تۇرۇپلا.
كەلگەن ئۇ كىشىنىڭ ئىللىق چېھرىگە،
بىر يەردە كۆرگەندەك سەپ سالدى تازا.
ئەھمەتجان تاغا! – دەپ ئېتىلىپ ئۇ قىز،
باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى ئېسىلىپ.
ئەھمەتجان ئۇ قىزنىڭ بېشىنى سىلاپ،
پارتىزان بولۇپسىز،- دېدى، – يېتىلىپ.
ھاياجان ئىلكىدە ئۇ قىز شاتلىنىپ،
سۆيۈندى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي كۆزىنى.
ئانىسى ھەققىدە، يۇرتى ھەققىدە،
سۆزلىدى بىر – بىرلەپ يۈرەك سۆزىنى.
پارتىزان تاغىلار كەلدى يۈگۈرۈپ،
بەختلىك مىنۇتقا تەڭلا ئۈلگۈرۈپ.
ئەھمەتجان بىر – بىرلەپ سورىدى ئەھۋال،
ھەممىگە يېقىملىق كۈلۈپ، كۆيۈنۈپ.
چاقنايتتى نۇرانە كۆزىدىن چاقماق،
ئەھمەتجان تەبەسسۇم بىلەن باققاندا.
ھەممىنى كۈلدۈرۈپ قىلاتتى چاقچاق،
قىزچاقنىڭ دادىسى – ئۆز سەپدىشىغا:
– قىزىڭىز يولۋاستەك ئېتىلىپ كېلىپ،
توسىدى ئالدىمنى تونۇشتۇرۇش دەپ.
ھەممىمىز ئۇنىڭدىن رۇخسەت ئالايلى،
توسۇلۇپ قالمىسۇن پۈتۈن قوشۇن كەپ.
قاقاھلاپ كۈلۈشتى ھەممە پارتىزان،
قوشۇنمۇ سوزۇلۇپ كېلىشتى شۇئان.
ئارمىيە، خەلقنىڭ شاتلىق ساداسى،
ياڭرىدى پەلەككە بولۇپ زور ۋولقان.
تەقەززا ئىلكىدە تاڭمۇ سۈزۈلۈپ،
رازۋېتچىك جەڭچىلەر بەردى سىگىنال.
ئاتلاندى قىسىملار شىخوغا قاراپ،
دۇربۇندا قارايتتى ئىمىنوف گېنېرال.
قىزچاقنىڭ كۆزەتكەن توچكىلىرىغا،
توختىماي گۈلدۈرلەپ توپلار ئېتىلدى.
دۈشمەنگە شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىنىپ،
تۇش – تۇشتىن جاراڭلىق كاناي چېلىندى.
رازۋېتچىك ئەترەتكە كونا پارتىزان-
قىزچاقنىڭ دادىسى يولباشچى بولغان.
خەتەرلىك پەيتتە ئۇ بەختكە قارشى،
ئاكوپنى پارتلىتىپ پىدا قىلدى جان!
تۇيۇقسىز زەربىدىن، قاتتىق ھۇجۇمدىن،
تىترىشىپ دۈشمەنلەر تاپتى نەق زاۋال.
قېچىشتى ئالدىراپ ماناسقا قاراپ،
قىسىملار ئالدىغا ئاتلاندى دەرھال.
جەڭچىلەر تاغ ئېشىپ، جىرا ئارىلاپ،
تېزلىكتە يول ئالدى تاغلارغا قاراپ.
قوشۇنغا ئەگىشىپ قايغۇغا چۆكۈپ،
كېلەتتى ئامىنە ئاتلىق خىيالچان.
ئولتۇرار يېتىم قىز ئاتنىڭ ئۈستىدە،
كېلەتتى ئەھمەتجان چۇلۋۇر يېتىلەپ.
نان بېرىپ، سۇ بېرىپ كۈيۈمچان ئاتا،
قارىدى ئۇنىڭغا كۈندۈز – كېچىلەپ.
ئۆتتى كۈن، ئۆتتى ئاي، ئۆتۈشتى يىللار،
ئۆرۈلدى زەربىدىن نۇرغۇن سېپىللار.
جەڭگىۋار قوشۇندا قانلىق ئۇرۇشتا،
چېنىقتى، كۈرەشتى سانسىز يېتىملار.
ئىنقىلاب، جەڭلەردە – ئائىلىسىدە،
يېتىم قىز جەڭچى بوپ ئۆسۈپ يېتىلدى.
ئازادلىق يولىدا، ھۆرلۈك جېڭىدە،
چوڭ بولۇپ ئىز بېسىپ سەپكە قېتىلدى.
شىخولۇق يېتىم قىز تۇرار كۆز تىكىپ،
مىلتىقى قولىدا قىيا ئۈستىدە.
ئەكىس ئېتەر خەلقنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ،
كۈرەشچان خىسلىتى ئۇنىڭ بەستىدە.