‹‹تارىم››ژۇرنىلىنىڭ2013-يىللىق4-سانىدا يالقۇن روزى داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ‹‹سالچىلار››ناملىق رومانىنى تەنقىت قىلدى.بۇ ئوبزۇر جەمىيەتتە بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىدى،ئوبزۇرنى ئوقۇغانلار بىردەك يالقۇن روزىنىڭ تەنقىت ماقالىسى ئىلمى بولمىغان،ماقالە خاھىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ،تىغ ئۇچىنى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا قاراتقان دەپ قارىدى.مەنمۇ ئۇنىڭ ئوبزۇرىنى ئوقۇپ راستىنلا‹‹قۇرۇق شاختىن ھۆل پۇتاق››چىقارغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.
تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.
‹‹سال توختاپ بۈگۈنگىچە ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتتى.ئەينى يىللاردىكى پىشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالەمدىن كەتتى…… بارا-بارا ئىنسانلارغا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن سال ۋە سالچىلار ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر تارىخ،بىر كەسىپ،ئوت يۈرەك ئادەملەر توغۇرسىدىكى بىر داستان ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى…مەن بۇ كىتابىمنى ئەنە ئەشۇ سالچىلار تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلىدىم.››يالقۇن روزى روماننىك كىرىش سۆز قىسىمىغا بېرىلگەن موشۇ بىر ئابزاس سۆزنى تۇتىۋىلىپلا بىر پۈتۈن روماننى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمدى بىز ئۇنىڭ قاراشلىرىغا قاراپ باقايلى.
1-ئوبزۇرچى بۇ رومانغا خاتا ھالدا تارىخى رومان قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋالغان.يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ھېچ يەردە بۇ روماننى تارىخى رومان دىگەن ئەمەس،ئۇ پەقەت‹‹سالچىلاردىن ئىبارەت‹بىر تارىخ›ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى…››دىگەن.يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ‹‹بىر تارىخ››دىگىنى پەقەت سالچىلارنىڭ كەچمىش تارىخىغىلا قارىتىلغان بولۇپ،بۇ گەپ بىلەنلا رومانغا تارىخى رومان تەلىپىنى قويىۋالساق خاتالاشقان بولىمىز.شۇڭا يالقۇن روزىنىڭ‹بۇ روماندا تارىخ تۇيغۇسى يوق›دەپ تارىخى يىلنامىلەرنى ئىزدىشى ئوشۇق ئاۋارىچىلىق ۋە تۈخۇمدىن تۈك ئىزدىگەنلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
يالقۇن روزى يەنە‹‹يازغۇچى بۇ روماندا قايسى دەۋىرنى ئارقا كۆرنۈش قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم.مانا بۇنىڭدىن ئەسەردە تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلەنمىگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ››دىگەن.يالقۇن روزىنىڭ روماندا قايسى دەۋىرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ئۇ ئۆزى بىلمەي تۇرۇپلا تارىخ تۇيغۇسى يوق ئىكەن دىيىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇ‹‹يولۇچىلارنىڭ مۇز داۋاندىن ھالقىپ ئىلى تەۋەسىگە قەدەم باسقان مەزگىلىنى ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىدىن ئىلگىركى چاغلار ئىكەن دەپ پەرەز قىلساقمۇ،ياڭ زىشىن دەۋرىمۇ،جىن شۇرېن دەۋرىمۇ،شېڭ شىسەي دەۋرىمۇ ياكى گومىنداڭ دەۋرىمۇ، بۇنى ئىنىق بېكىتىشكە ئامالسىز قالىمىز››دىگەن.يوقارقى بايانلار يالقۇن روزىنىڭ كاللىسىنىڭ ناھايىتى قاتمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››دىن ئىلگىركى چاغلار شىنجاڭدا ئەلۋەتتە گومىنداڭ دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.جىن شۇرېن ۋە شىڭ شىسەيلەرمۇ گومىنداڭچىلار، شۇڭا ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىرلەرمۇ گومىنداڭ دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ، بىراق يالقۇن روزى بۇ دەۋىرلەرنى گومىنداڭ دەۋرى بىلەن تەڭداش ئۈقۇم قىلىۋىلىپ ئۆزى قايمۇقۇپ قالغان.
ئۇ ماقالىسىدا‹‹روماننىڭ1-تومىدىن شىنجاڭنىڭ مۇئەييەن تارىخى دەۋىرنى ئىنىق كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئۈچۈرغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. موشۇنداق ئەھۋالدا يازغۇچىنىڭ بۇ روماننى‹ئەستىن كۆتۈرۈلىپ ئۇنتىلىپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغۇرسىدىكى داستان›سۈپىتىدە يېزىپ چىقىش مۇدىئاسىغا يېقىنمۇ كەلمىگەنلىكىنى مۇئەيەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.››دەپ يازىدۇ. يازغۇچىنىڭ مۇدىئاسى يالقۇن روزى دىگەندەك ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان قانداقتۇر بىر تارىخنى يېزىش ئەمەس بەلكى مەلۇم تارىخى دەۋىردىكى سالچىلاردىن ئىبارەت ئەستىن كۆتۈرىلىپ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر كەسىپ،ئوت يۈرەك ئادەملەر ھەققىدىكى بىر داستاننى يېزىش خالاس. ئەسلى ئۇنى‹‹مەلۇم تارىخى دەۋىردىكى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر كەسىپ،ئوت يۇرەك ئادەملەر ھەققىدىكى بىر داستان››دەپ چۈشەنسەك توغرا بولاتتى.
‹‹ئۇنداقتا روماننىڭ 2-تومىدىمۇ تارىخى دەۋىر توغرىسىدىكى ئىنىق ئۇچۇر يوقمۇ؟دەپ سورالسا،بۇ سۇئالغا ئۇچۇر بار،ئەمما يوقۇردا ئېيتقىنىمدەك تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى يوق،دەپ جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.››دىگەن.بۇ يەردە يەنە خاتالىق بار،تارىخى دەۋىر توغرىسىدا ئۇچۇر بار دەپ تۇرۇپ يەنە تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى يوق دىگەن.بۇ گەپ مەنتىقىگە قانداقمۇ ئۇيغۇن كەلسۇن،تارىخى ئۇچۇر بېرىلدى دىگەن گەپ ئەلۋەتتە تارىخى تۇيغۇغا ئىگە قىلىندى دىگەن گەپ بولىدۇ،ئوبزۇرچى ئۆزىنىڭ كاللىسىدا تارىخى تۇيغۇ شەكىللەنمىگەن،ئۆز كاللىسىدا شەكىللەنمىگەن تارىخى تۇيغىنى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا دۆڭگەپ قويسا بۇ قانداقمۇ توغرا بولسۇن.تارىخى تۇيغۇغا ئىگە بولۇش-بولماسلىق ئوقۇرمەن ئۆزىگە باغلىق نەرسە،بۇ ئۇنىڭ تارىخى بىلىم سەۋىيەسىگە باغلىق بولىدۇ.يالقۇن روزى سەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىلىغا كەلگەن ۋاقتىنى زومۇ – زور كەينىگە سۆرەپ ئۆز پەرىزى بوئېنىقلا شىڭ شىسەي دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى،يەنى40-يىللارنىڭ بېشى دەۋالغان.ئەمدى بىز ئۇ ئۇچۇرلارغا قاراپ باقايلى.
1-ئۇچۇر:‹‹قۇربانجان كۆۋرىكى››نىڭ ياسىلىش ۋاقتىنى ئۆز پەرەزى بوئىچە كەينىگە سۈرىۋەتكەن. ‹‹تىكەس ناھيە تارىخ ماتىرياللىرى››دا بۇ كۆرۈكنى 1934-يىلى ياسالغان دەپ يېزىلسا،‹‹ئىلى تارىخ ماتىرياللىرى››نىڭ15-قىسىمىدا 1933-1934-يىللىرى ياسالغان دەپ،خەپىز ساتتار سالىنىڭ‹‹ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى سۇ قاتناش ئىشلىرى››دىگەن ماقالىسىدە 1933-1934-يىللار ياسالغان دەپ ئىنىق دىيىلگەن بولسىمۇ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمايلا ئۆز پەرەزى بويىچە‹‹جەننەت ماكان-ئىلى››دىگەن كىتاپتىكى يىل نامىگە ئاساسەن بۇ كۆۋرۈكنى1937-يىلى ياسالغان دەپ مۇقۇملاشتۇرىۋالغان، بۇ پاكىتسىز گەپ قىلغانلىق ئەلىۋەتتە!
2-ئۇچۇر:قازاق بوۋاينىڭ جۇماققا دىگەن گېپى‹‹ئاڭلىساق،شىڭ دوبەن بايلارنى تۇتۇپ قاماپ،مال-مۆلكىنى تارتىۋىلىۋاتقۇدەكقۇ››.قۇربانجاننىڭ كۆۋرىكى سېلىنغان ۋاقىت بىلەن بۇ گەپ بولۇنغان ۋاقىت ئارلىقىدا نەچچە يىل ۋاقىت بار،بىراق ئوبزۇرچى بۇ ئىككى ئۇچۇردىن ئەينى دەۋىرنى كېسىپلا40-يىللارنىڭ بېشى دەۋالغان.مېنىڭچە بۇ 40-يىللارنىڭ بېشى بولماستىن بەلكى30-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئىش.‹‹…يەنە ئاقسۇ،چىكىرتى دىگەن جايلاردىن ياغاچ سېتىۋىلىپ بۇ كۆۋرۈكنى سالدۇرغانىكەن.شۇ قۇربانجان بىلەن مەمەتنىياز دىگەن بايلارنى ئۆلكۈلۈك ھۆكۈمەت كېيىن كۆمۈش مىدال بىلەن تارتۇقلىغان،دىيىشىدۇ››.سەمەت قاتارلىقلارنى30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئىلىغا كەلگەن دىسەك،ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دىيىلگەن بۇ گەپتىن كۆۋرۈكنىڭ خېلى بۇرۇنلا يەنى1933-1934-يىللىرى ياسالغانلىقىدەك ئۇچۇرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئېرىشەلەيمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ‹‹قۇربانجان كۆۋرىكى››نىڭ1933-1934-يىللاردا ياسالغانلىقىنى‹‹ئىلى تارىخ ماتىرياللىرى››دىن كۆرگەنلىكى ئىنىق،شۇڭا ئۇ موشۇ ۋاقىتقا ئاساسەن ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرغان.‹‹جەننەت ماكان -ئىلى››دىگەن كىتاپ‹‹سالچىلار››رومانى بىلەن تەڭ دىگىدەك نەشىردىن چىققان،بۇ يەردە ئۇ كىتاپتىن ئىستات ئېلىپ پاكىتنى بۇرمىلاشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن! يالقۇن روزى ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ نىمىگە ئېرىشمەكچى؟ئۇ سەمەت قاتارلىقلارنى ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىغا قاتناشتۇرماقچى،ئەپسوس،ئۇلار ئىلىغا كەلگەندە‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››تېخى پارتىلىمىغاندە!ئىنقىلاپ پارتىلىغىچە سەمەتمۇ پىشقان سالچىغا ئايلىنىپ بولغان ۋە سال ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرغان.
‹‹ھەممىگە مەلۇمكى شېڭ شىسەينىڭ ئىلغارلىق،باراۋەرلىك،خەلىقچىلىق دىگەن شۇئارلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ شىنجاڭ مىقىياسىدىكى ئىلغار زاتلارنى،تونۇلغان بايلارنى تۈركۈملەپ قولغا ئېلىشقا،بۇلاپ تالاشقا،ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقتى 1938-يىلىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.››بۇ يالقۇن روزى بەرگەن ئۇچۇر.
‹‹ئاڭلىساق،شىڭ دوبەن بايلارنى تۇتۇپ قاماپ،مال-مۆلكىنى تارتىۋىلىۋاتقۇدەكقۇ››بۇ روماندىكى ئۇچۇر.تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئۇچۇرلاردىن سەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىلىغا 1938-يىلى كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز،يالقۇن روزى ئۆزى كەلتۈرگەن ئىسپاتنى ئىنكار قىلىپ سەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىلىغا كەلگەن ۋاقتىنى نىمە ئۈچۈن40-يىللارنىڭ بېشى دەۋالىدۇ!؟بۇ ئەتەي پاكىتنى بۇرمىلىغانلىق،ئەمەلىيەتتى چەتنىگەنلىك!
‹‹ئىككى توملۇق بىر ئىجتىمائى تېمىدىكى رومان ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئارقا كۆرنۈش قىلىنغان تارىخى دەۋىرنى ئوقۇرمەنگە بۇنداق پەرەز قىلدۇرۇپ قىيناشمۇ تازا بىر قاملاشمىغان ئىش ھېساپلىنىدۇ.بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە ئەسەردە يازغۇچىنىڭ تارىخى تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ئەسلا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.››ئەمدى يالقۇن روزىنىڭ بۇ گەپلىرىنى تەكشۈرۈپ باقايلى؛بۇ يالقۇن روزى ئۆزى دىگەندەك ئىجىتىمائى تېمىدىكى رومان بولۇپ، تارىخى ئارقا كۆرنىشى ئىنىق،ئۇ ئۆزى يوق نەرسىلەرنى بار قىلىمەن دەپ پەرەز قىلىۋالغان.مېنىڭچە بىر ئىجدىمائى تېمىدىكى روماندا تارىخى ئارقا كۆرنۈشنى بەرمىسىمۇ،غۇۋا يورۇتۇپ بەرسىمۇ،ئوقۇرمەن ئۆزى ھېس قىلىۋالسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەمدى يالقۇن روزى موشۇنداق ئىجتىمائى تېمىدىكى رومانلارغا قاراپ باقسۇن،ئۇ رومانلاردا تارىخى ئارقا كۆرنۈش،تارىخى تۇيغۇ دىگەنلەر قانچىلىككىن!يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ‹‹سالچىلار››ناملىق رومانىدا تارىخى تۇيغۇ بولمىسا يالقۇن روزى كۈچەپ دەۋاتقان بۇ تارىخى تۇيغۇلارغا نەدىن ئېرىشكەن؟مېنىڭچە روماندا تارىخى تۇيغۇ بار،بىراق ئوبزۇرچىنىڭ قېنىدا چۇلغۇۋاتقان بىر روھ ئۇنىڭ كۆزىنى كۆرمەس قىلىپ قويغان.
‹‹بۇ پۇللارنىڭ ئىچىگە شۇ زامانلاردا كىشىلەر يىپقا ئۆتكۈزىۋىلىپ خەجلەيدىغان ئوتتۇرىسى تۆت چاسا تۆشۈك يارماق،قىزىل مىستىن قۇيۇلغان تومپۇر،كۆمۈش تەڭگىلەر،يەنە قانداقتۇر ھەر خىل رەڭدىكى قەغەز پۇللار ئارىلىشىپ كەتكەنىدى.››
يالقۇن روزى بۇ پۇللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:‹‹شۈبھىسىزكى،پۇل مۇئەييەن تارىخى دەۋىردىن ئۇچۇر بېرىش قىممىتى يوقۇرى ماددى پاكىت.‹سالچىلار›رومانىدا بۇ خىل ماددى پاكىتمۇ ئەھمىيەتسىز نەرسە بولۇپ قالغان.چۈنكى شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئاپتۇر يوقۇردا بايان قىلغان مىتال پۇللار ئىستىمالدىن قالغان ئىدى.››دىگەن.بىراق ئۇ‹‹1939-يىلى ماليە مۇتەخەسىسى ماۋزېمىن شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىپ ماليەنى تەرتىپكە سىلىپ، پۇل تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلىش،سەرنى يۈئەنگە(سومغا)ئۆزگەرتىش، ئۆلكە پۇلى بىلەن قەشقەر پۇلىنى يېغىۋىلىش، ئايرىۋاشلانمايدىغان،لېكىن تولۇق زاپاس فۇندى بولغان شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىنى تارقىتىش ئارقىلىق،پۈتۈن ئۆلكىنىڭ پۈل تۈزىمىنى بىرلىككە كەلتۈردى››دىگەن.توغرا،پۇل بىرلىككە كېلىشتىن ئاۋال بازاردا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر دىگەندەك يوقارقى پۇللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى تەبىئى ئەھۋال. سەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىلىغا چىققان ۋاقتىنىڭ1938-يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقى ئىنىقلاندى،پۈتۈن ئۆلكىنىڭ پۇل تۈزىمى بولسا1939-يىلى بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا مۇقۇم بولمىغان سىياسى ۋەزىيەتتە يوقارقى تەڭگە پۇللارنىڭ قەغەز پۇللار بىلەن بازاردا قىسمەن بولسىمۇ ئىستىمال قىلىنىشى تەبىئى ئەھۋال.
ئوبزۇرچى‹‹يازغۇچى سەمەتنى قەشقەردە ھەزرەت سەيلىسىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيغانلىقى ئۈچۈن تۇتماقچى بولغانلارنى‹يامۇلنىڭ چىرىكلىرى›دەپ يازغان بولسا،غۇلجا شەھىرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان غاپپارنى تۇتقانلارنى‹‹ساقچى››،سوتلىغانلارنى‹سوتچى›دەپ يازغان.ئوخشاش بىر يىلدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلغاندا ئىشلەتكەن بۇ پەرىقلىق ئاتالغۇلار بىزگە قايسى تارىخى دەۋىردىن ئۇچۇر بېرىشى مۆمكۈن؟››دىگەن.
‹‹يامۇلنىڭ چىرىكلىرى››-بۇ پىرسۇناژ تىلىدا بېرىلگەن سۆز،بۇ ئەينى دەۋىردىكى ئاۋام خەلىقنىڭ تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن سۆز. يامۇل-تۇرمە، چىرىك-ئەسكەر دىگەن سۆز بولۇپ،يامۇل ئۇقۇم جەھەتتىن چىڭ سولالىسىگە تەۋە بولسىمۇ،سىياسى ھاكىمىيەت ئالماشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان موشۇنداق ۋاقىتتا بۇ سۆز خەلق ئىچىدە تېخى ئىستىمالدىن قالمىغان، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىمۇ‹‹چىرىك››دەيدىغان تىل ئادىتى خەلىق ئىچىدە تاكى ئازاتلىققىچە داۋاملاشقان.
يازغۇچى يەنە پىرسۇناج تىلىدا‹‹ساقچى››،‹‹سوراقچى››دەپ ئالغان،يالقۇن روزى دىگەندەك ھەرگىزمۇ‹‹ساقچى››،‹‹سوتچى››دىمىگەن.بىرىنچىدىن ئوبزۇرچى بۇ يەردە‹‹سوتچى››دىگەن سۆزنى ياساپ چىققان بولسا،ئىكىنچىدىن ئۇ ئۆزى‹‹ئەسكەر››،‹‹ساقچى››دىگەن ئاتالغۇلارنى شېڭ شىسەي دەۋرىدىن باشلاپ ئىشلىتىش ئومۇملاشقان دىگەن،شۇڭا بۇ يەردە ئارقا كۆرنۈش قىلىنغان تارىخ ئەلۋەتتە شېڭ شىسەي زامانىسىنى كۆرسىتىدۇ-دە!
يالقۇن روزى يەنە‹‹غوجاخۇن دىگەن سالچىنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن‹1-دۇنيا ئۇرۇشى›دىگەن ئاتالغۇ تەبىئى ھالدا 1940-يىلىدىن كېيىنكى مەزگىلنى ئېسىمىزگە سالىدۇ›› دىگەن.ئوبزۇرچىنىڭ بۇ ئىسپاتى توغرا بولغان،بىراق ئاپتۇر ئاڭسىز ھالدا بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ قالغان،ئەسلى يالقۇن روزى دىگەندەك‹‹جاھان ئۇرۇشى››ياكى‹‹ياۋرۇپا ئۇرۇشى››دەپ ئالسا توغرا بولاتتى.بۇمۇ رومان ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ1940-يىلىدىن كېيىنكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ دەستىكى بولۇپ قالغان.يالقۇن روزى دىگەندەك روماننىڭ تارىخى ئارقا كۆرنىشىنى1940-يىللاردىن كېيىن دىسەك ئۇ ھالدا بۇ ۋاقىت غاپپار تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنغان ۋاقىت بىلەن زىت كېلىپ قالىدۇ،شۇڭا يەنلا سەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىلىغا چىققان ۋاقتى1930-يىللارنىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدۇ.
ئوبزۇرچى‹‹ئىلى ۋادىسىدىكى سالچىلار ۋە ياشلىقىدا قەشقەردىن ئىلىغا چىقىپ كېيىنكى ئۆمۈرىنى ئىلىدا ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق پېرسۇناج سەمەت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قۇۋان ھەم ھۆسەن بايۋەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ،ئىلىنى قاپلىغان‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى›ئۇلارنىڭ تەقدىرى ۋە روھىيىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالەتتە يېزىلغان،ئاپتۇر روماندا بۇ شانلىق ئىنقىلاپنى تۈزۈكرەك تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان…›دىگەن.يالقۇن روزىنىڭ بۇ پىكىرىنى قۇۋەتلەشكە بولىدۇ،سەمەت قاتارلىقلار گەرچە بۇ ئىنقىلاپقا قاتنىشالمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ بۇ ئىنقىلاپقا بولغان ئوتتەك ھەۋىسى ۋە ئازاتلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى يورۇتۇپ ئۆتۈپ كەتسە بولاتتى،بىراق يازغۇچىنىڭ كاللىسىدا پەقەت سالچىلار تۇرمۇشىنىلا ئەكىس ئەتتۈرۈش ئويى بولغاچقا بۇ تەرەپلەرگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەن ھەم بۇ ‹‹سالچىلار››كەچمىشىدىن ئىبارەت بۇيرۇتما ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن نەزىرىنى ئۇ تەرەپكە ئاغدۇرسا روماننىڭ خارەكتىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن.لېكىن يالقۇن روزى مىللەتنىڭ روھىيىتىگە تاقىشىدىغان موشۇ نازۇك مەسىلىنى تۇتىۋىلىپ مەمتىمىن ھوشۇرغا ھۇجۇم قىلغان.
‹‹كىشلىك ھاياتتا مۇھەببەت نەپرەت تۇيغۇسى يوق،ياخشى-ياماننى پەرىقلەندۇرگىدەك پىرىنسىپى يوق،دوست بىلەن دۈشمەننى ئايرىغىدەك ئىدراكى يوق،پايدا-زىياننى مۆلچەرلىگۈدەك چۈشەنچىسى يوق،چوڭ ئىش بىلەن كىچىك ئىشنى،موھىم ئىش بىلەن ئادەتتىكى ئىشنى ئاڭقىرالىغۇدەك دىتى يوق،ئۆزىنىڭ كۈلپەتكە تولغان تەقدىر-قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەبىگىمۇ قىزىقمايدىغان،ھاياتنىڭ ئەرزىمەس ساقتا خوشاللىقلىرىغا ئالدىنىپ،پەقەت قورساق كويىدىلا سوكۇلداپ،كۈن چىقتى،كۈن پاتتى دەپلا ياشايدىغان بىر تۈركۈم نادان ئادەملەر بولىدۇ.يازغۇچىنىڭ‹‹سالچىلار››رومانىدا‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››بىلەن‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نى قەلەمگىمۇ ئالماي‹‹ئايلار ئۆتتى،كۈنلەر ئۆتتى››دىگەن شەكىلدە ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى ماڭا ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەرنى ئەسلەتتى.››يالقۇن روزى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››ۋە‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نى رومانىڭغا سىڭدۇرمىدىڭ دىگەن بانا بىلەن مەمتىمىن ھوشۇرغا موشۇنداق ھاقارەت قىلىدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ نىمىنى يېزىپ،نىمىنى يازماسلىقىنى يالقۇن روزى بەلگىلەپ بېرەتتىمىكەن!مەمتىمىن ھوشۇر ئاشۇ مەزمۇنلارنى يازمىسا ئۇنىڭ دىگىنىدەك‹‹ماڭقۇرت››سىمان ئادەم بولۇپ قالامدىكەن؟‹‹قۇم باسقان شەھەر››،‹‹خاسىيەتلىك قار››،‹‹بۇرۇت ماجراسى››،‹‹قىرلىق ئىستاكان››،‹‹چوشقىلارغا بايرام››.. قاتارلىق نادىر رومان، ھېكايىلىرىدا سېمۇۋۇللاشتۇرۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››،‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››ۋە ھازىرقى رىيال جەميىتىمىزنى شۇنچېلىك قېنىق يورۇتۇپ بەرگەن ئىدىغۇ. ئۆز ۋاقتىدا يالقۇن روزىمۇ ‹‹قۇم باسقان شەھەر››نى ‹تەنقىت› قىلماقچى بولۇپ،ئاخىرى مىللى روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان مەزكۇر روماننىڭ قۇم-بورانلىرى ئىچىدە قېلىپ‹‹تارىخى تۇيغۇ››سى چاقناپ كەتكەن ئىدىغۇ! ‹‹ئىنقىلاپ››قا بېغىشلانمىغان ئىجتىمائى تېمىدىكى بىر روماندا‹تارىخى تۇيغۇ ياراتمىدىڭ›دەپ ئەسەر ئۈستىدە گەپ قىلماي يازغۇچىغا ھۇجۇم قىلىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ قېنى ئەمىسە قاراپ باقايلى:يالقۇن روزىمۇ تارىخى تۇيغۇ يارىتىدىغان يەردە‹ئاتالمىش تارىخى تۇيغۇ›نى يارىتالىغانمۇ؟ئۇ‹‹ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھبىسى››(‹شىنجاڭ مەدەنيىتى›ژۇرنىلى2011-يىل5-سان)دىگەن تېمىدا ماقالە يازغاندا ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى9تۈرگە يىغىنچاقلىغان،ئەجىبا ئەشۇ ماقالىدە ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپ جەمەتىنىڭ‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››غا قوشقان تۈھپىسىنى يازالماي قاپتىكەنغۇ؟ ئۇ پەقەت‹‹ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلار ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن زاۋۇتنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى باشقۇرغان.1944-يىلىدىن1949-يىلىغىچە بولغان‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى››مەزگىلىدە بۇ زاۋۇت مىللى ئارمىيەنىڭ كېيىم-كېچەك،ئۆتۈك،ھەربى ئىگەر-جابدۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان موھىم بازا بولۇپ خىزمەت قىلغان…››دەپلا قويغان.ئەمەلىيەتتە ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلارنىڭ ئىنقىلاپ روھى ۋە مۇسابايۇپلار جەمەتىنىڭ‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››دا ئۇينىغان رولى ھەم تۆھبىسىنى ئايرىم بىر تۈر قىلىپ يېزىشقا تامامەن بولاتتى، بىراق ئۇ ئۇنداق قىلمىغان. بىز ئۇنى ماقالەڭدە‹‹تارىخى تۇيغۇ››نى ئىپادىلىمەپسەن،ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلارنىڭ 10-تۆھبىسىنى يازماپسەن دەپلا،ئۇ ئۆزى دىگەندەك ئۇنى‹‹ماڭقۇرت››سىمان ئادەمگە چىقىرىۋەتسەك توغرا بولامدۇ. شۇڭا باشقىلارغا باھا بەرگەندە مەن نىمىلەرنى قىلىۋاتىمەن، خەق نىمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ دىگەننى ئويلاپ قويۇپ،ئاندىن قەلەم تەۋرىتىش لازىمدۇر. ئەگەر يالقۇن روزى‹‹مەن مۇسابايۇپلار جەمەتىدىكى ئاكا-ئۇكا ھۆسەنباي بىلەن باۋدۇنباينىڭلا تۈھبىسىنى يازغان،ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ تۈھپىسىنى يازمىغان دەپ تۇرىۋالسا، بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى،يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ رومانىدا‹ سالچىلار››تۇرمۇشىنى يازغان بولۇپ‹‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى››ۋە‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نى يازمىغان.
‹‹پۈتكۈل ئەسەر يىل بويى شاۋقۇنسىز لۈمۈشىپ ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ لاي سۇدەك تەسىرسىز داۋام قىلىدۇ.ئىككى توملۇق بىر روماننىڭ سۇژىتىنىڭ دىراماتىك توقۇنىشلاردىن خالى يېزىلىشى،ئوقۇرمەننى جازالىغاندەك بىر ئىش بولغان. ھەرقانداق ئوقۇرمەن بىرەر روماننى ئوقىغاندا بۇ روماندىكىدەك مەنىسىنىڭ تاينى، تەپسىلات-توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئيلىكى يوق زېرىكىشلىك باياننى ئوقۇشنى خالىمايدۇ››يالقۇن روزى ئۆز خاھىشى بوئىچىلا گەپ توقۇپ بۇ روماننى كەمسىتكەن،بۇ ئوبزۇرچىللىققا يات ئىللەت. ئۇ‹‹سىيۇژىتى دىراماتىك توقۇنۇشلاردىن خالى››دىگەن،ئۇنىڭچە بولغاندا روماندا بىرمۇ دىراماتىك توقۇنۇش يوق دىگەن گەپ. بىراق روماندىكى دىراماتىك توقۇنۇشلار روماننى ئوقۇشچانلىققا ئىگە قىلغان. ئۇ بۇ گەپنىڭ ئورنىغا‹‹روماننىڭ سىيۇژىت لېنيىسى ئاددى بولۇپ قالغان››دىگەن بولسا ئازراق ئىلمى بولغان بولاتتى.ئۇ يەنە‹‹ئوقۇرمەن بۇ روماندىكىدەك مەنىسىنىڭ تاينى، تەپسىلات-توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئيلىكى يوق زېرىكىشلىك باياننى ئوقۇشنى خالىمايدۇ››دىگەن. يالقۇن روزىچە بولغاندا بىرەر يازمىدا‹‹تارىخى تۇيغۇ››ئىپادىلەنمىسىلا مەنىسىنىڭ تاينى يوق بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا بۇ روماندا تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىگە تويۇنغان سۈزۈك مەنىلەر چاقناپ تۇرىدۇ. ‹‹سالچىلار››دىن ئىبارەت بۇ رومان‹‹ تەپسىلات-توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئيلىكى يوق زېرىكىشلىك بايان››بولغان بولسا، ئوقۇرمەنلەر بۇ روماننى بۇنچە قىزىقىپ ئوقىمىغان بولاتتى.
يالقۇن روزى روماننى كەسىپى نوقتىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يەنە مۇنداق يازىدۇ:‹‹بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىش،ئۈگۈنىش روھى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ،روماننىڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەل موشۇ تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ.››بۇ باياندىن روماننىڭ‹‹ مەنىسىنىڭ تاينى،تەپسىلات-توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئيلىكى يوق زېرىكىشلىك بايان››ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز.يەنە بۇ بايان مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ‹‹كۈن چىقتى،كۈن پاتتى دەپلا ياشايدىغان››،روماننىڭ‹‹ئايلار ئۆتتى،كۈنلەر ئۆتتى››دەپ يېزىپ قويۇلغان رومان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا ئەسەرگە باھا بەرگەندە پاكىتسىز گەپنى قىلمىغۇلىق!دىمەك يالقۇن روزىنىڭ بۇ يازمىسى ئۆزىنىڭ دىگىنىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدىغان‹‹زىدىيەت-توقۇنۇش››لارغا تولۇپ كەتكەن ناچار يازما.
2-يالقۇن روزى‹‹سالچىلار ئوبرازىنى يارىتىش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بۇ روماننى‹ئوت يۈرەك ئادەملەر توغۇرسىدىكى بىر داستان›دىيىشكە قەتتى بولمايدۇ.بۇ جەھەتتىمۇ ئاپتۇر بىرىنچى مۇدىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندەك ئۈزىل-كېسىل مەغلۇپ بولغان.››دەپ كېسىپلا ئېيتقان.ئۇ يەنە‹‹بىز ئادەتتە ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،ئەل-ۋەتەننىڭ ھۆر-ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان دانا يولباشچىلارنى،كىم ئۈچۈن،نىمە ئۈچۈن ياشاشنى ئىنىق بىلگەن ئوغلانلارنى ئوت يۈرەك ئەزىمەت دەپ بىلىمىز…،‹سالچىلار›رومانىدا تەسۋىرلەنگەن سەمەت قاتارلىق بىر توپ سالچىلار بولسا بۇنداق سۈپەتلەپ ئۇلۇغلاشقا ئەسلا شەرتى توشمايدىغان نادان ھەم ئاددى،ھەق-ناھەق تۇيغۇسىدىن ئەسەر يوق،ھالال-ھارامنىڭ نىمىلىكىگىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان…،گالۋاڭ،ئەمما چىداملىق ئادەملەردۇر.››دىگەن.ئوبزۇرچى بۇ يەردە كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئۇقۇمنى بۇرمىلىغان.يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر‹‹ئوت يۈرەك››ئادەملەر دىسە،يالقۇن رۇزى‹‹ئوت يۈرەك ئەزىمەت››دەپ ئېلىپ سالچىلاردىن ئىبارەت بىر توپ ئادەملەرگە ئۇقۇم جەھەتتە ئىنقىلاپ خارەكتىرىنى يۈكلىگەن.بىز ئادەتتە شوق،تېتىك،جۇشقۇن،كىشىلەرگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان قىزغىن ياشلارنى تەرىپلەپ‹يۈرىكىدە ئوتى بار ياكى ئوت يۇرەك بالا ›دەپ قويىمىز.يازغۇچىمىزمۇ سالچىلىق كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان،ئۆز كەسىپىنى جىنىدىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغان،ئۆز-ھايات ماماتى بىلەن قىلچە كارى بولماي، خەتەرلىك دەريا دولقۇنلىرى بىلەن،خادا تاش ۋە قاپچىغايدەك قىساڭلار بىلەن بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلغان ئەشۇ سۆيۈملۈك ئادەملەردىن سۆيۈنۇپ ئۇلارنى‹ئوت يۈرەك ئادەملەر›دەپ ئالغان.بۇ يەردە يازغۇچى سالچىلارغا بولغان ئۆزىنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.شۇڭا بۇنى توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئوبزۇرچى ئەشۇ‹‹ئوت يۈرەك ئادەملەر››گە ئىنقىلاپ تۈسىنى يۈكلەپلا، سېنىڭ يازغىنىڭ‹ئوت يۈرەك ئەزىمەت ئەمەس،گالۋاڭ،ھاراقكەش،ھەق-ناھەق تۇيغۇسى يوق،دوست بىلەن-دۈشمەننى ئارالمايدىغان نادان،ئەخمەق كىشىلەر››دەپ ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەنە‹‹سالچىلار››رومانىدىكى يوقارقى بايان ۋە دىيالۇگلاردىن بىز ئەل-ۋەتەن ئىشقىدا ۋۇجۇدى ئۆرتىنىدىغان‹ئوت يۈرەك ئادەملەر›نى ئەمەس،كەيىپ-ساپا كوچىسىدا سوكۇلداپ ھارمايدىغان،ئەيىش-ئىشرەت كويىدا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمايدىغان ئۇچىغا چىققان نومۇسسىز،قارام،بۇزۇق ھەم ئۆكتەم بىر توپ ئەخمەقلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز››دىگەن.مەمتىمىن ھوشۇر ھېچ يەردە يالقۇن روزى دىگەندەك سالچىلارنى‹‹ئەل-ۋەتەن ئىشقىدا ۋۇجۇدى ئۆرتىنىدىغان…››دەپ يېزىپ،ئۇلارغا ئىنقىلاپ خارەكتىرىنى يۈكلىگەن ئەمەس.قارام،ئۆكتەم،ھاراقكەش،پاھىشىۋاز،جىدەلخۇر بولۇش سالچىلارنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ شۇنداق بولىشىنى ياشاش مۇھىتى بەلگىلىگەن.خارەكتىر يارىتىش جەھەتتىن ئىيتقاندا بۇ رومان ئۇتۇقلۇق چىققان بولۇپ، سالچىلار خارەكتىرىنى دەل جايىدا يارىتىپ بىرەلىگەن.سالچىلار يىل بويى سۇ بىلەن ئېلىشىپ سۇ ئىچىدە يۈرىدىغان توپ،ئۈلۈم سايىسى ئۇلارنى ئەگىپلا يۇرىدۇ،بىللە سال ھەيداپ كېتىۋاتقان سەبدىشىڭدىن سالنىڭ قاينامغا بىر چۆكۈپ چىقىشى بىلەنلا ئايرىلىپ قالىسەن.سۇ تارتىلىپ كەتكەندە نەچچە كۈن ئاچ قوساق سۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ياتىسەن،ئائىلەڭنى،بالاڭنى سېغىنىسەن،ئۈزەڭگە يار ئىزدەيسەن،تەلۋىلىشىسەن،شۇڭا سالچىلارغا ئوغرى،قاراقچى،ھاراقكەش،پاشىۋاز بولۇشىنى ئاشۇ خىل موھىت ئاتا قىلغان.يازغۇچى سالچىلاردىن ئىبارەت بۇ توپنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى يازغان.ئۇ‹‹ئەل-ۋەتەن ئىشقىدا ۋۇجۇدى ئۆرتىنىدىغان…››ئىنقىلاپچىلارنى يازمىغان.ئۇنى داڭلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرى‹‹ئانا يۇرت››رومانىدا يېزىپ بولغان.يالقۇن روزى شۇ چاغدا ئەجەپ زوردۇن سابىرغا‹‹بۇ رومانىڭدا نىمىشقا سالچىلارنى يازمىدىڭ،‹ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى›مەزگىلىدە ئىلىدا سالچىلارمۇ ياشىغان تۇرسا،ئۇلارنىڭمۇ ئىنقىلاپقا قۇشقان تۆھبىسى بار تۇرسا››دىمىگىنىگە ھەيرانمەن.دىمەڭ بىر يازغۇچى بىر ئەسەردە مەلۇم تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساسى مەخسەت قىلىدۇ،بۇنىڭدىن چەتنىگەندە خۇددى بەش قولنى ئاغزىغا بىراقلا سېلىۋالىدىغاندەك ئىش يۈز بىرىدۇ.شۇڭا ئەسەرگە باھا بەرگەندە ئىلمى بولۇش،پاكىتلىق گەپ قىلىش كېرەك.
‹‹ئارىدىن قىرىق يىللار ئۆتكەندە ئۇ(سەمەت) بالىلىقىدا يۈرىكىگە ئوت سالغان لەيلىگۈل بىلەن غۇلجا شەھىرىدە توساتتىن ئۇچۇرىشىپ قالىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ ئۆز ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ:
-شۇ…شۇ…نەق ئۆزى شۇ…توۋا!-دەيتتى سەمەت ئۆز-ئۆزىگە،-مەن موشۇ ئايالنى ئۇچۇرىتىپ قالارمەن،دەپ ئۈمىدلىنىپ،قەشقەردىن داۋان ئاتلاپ چىقىپ ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ ھازىرغىچە ئۆيلەنمەي يۈرگەن بولسام-ھە!ئەجەپ مەن ئۇنى قېرىمايدىغاندەك،ھازىرغىچە شۇ سۇمبۇل چاچ،كېچىكىنە قىز ھالىتىدىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يۈرۈپتىمىنا…››
سەمەتنىڭ يوقارقى مونۇلۇگىغا قارىتا يالقۇن روزى مۇنداق دەيدۇ:‹‹سەمەتنىڭ بۇ مونۇلۇگىدا ئىشىق ئوتىدا بىر ئۆمۈر ئۆرتەنگەن بىر ئادەمنىڭ مەرھۇم بولۇش تۇيغۇسى ئىپادىلەنمىگەن،بەختىنى تاپالمىغان بىر بەختسىز ئەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈلمىگەن،پەقەت بەخىتسىزلىكىنىمۇ چۈشۈنىپ يېتەلمەيدىغان بىر دەلتە ئادەمنىڭ لەقۋالارچە ئىنكاسىلا ئايان بولغان خالاس. موشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالدا سەمەت دىگەن بۇ كالۋا پىرسۇناژ نىمىلەرنى قىلىدۇ،دىگەندە گويا سودىسى پۈتكەن كاززاپ سودىگەرگە ئوخشاش،ئۇ ئايال(بىر ئۆمۈر ۋىسالىغا يېتىشنى ئارزۇ قىلغان خۇپىيانە ئاشىقى)ئېتىپ بەرگەن ئوخشىغان پولۇنى ئىشتىھا بىلەن يەپ،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەلىسى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. روماندىكى تەپسىلات ۋە تەسۋىرلەرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن سەمەت دىگەن بۇ پېرسۇناژنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان بىر گالۋاڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ.››
سەمەت ‹‹خۇپىيانە ئاشىقى››ئۇ ئايال بىلەن ئوچراشقاندا60ياشلارغا كىرىپ قالغان بولۇپ يوقارقى مونۇلۇگ بىر ياشىنىپ قالغان ئادەمنىڭ خارەكتىرىگە باپ كەلگەن،سەمەتنىڭ قارام،نوچى ياشلىق دەۋرى بولغان بولسا ئىدى ئوبزۇرچىنىڭ دىگىنىنى مۇئەيەنلەشتۈرۈشكە بولاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە 40يىل جەريانىدا ياشلىقتىكى ئوتلۇق ھېس-ھاياجانلارمۇ سوۋۇپ پەسكۇيغا چۈشۈپ كېتىدىغان گەپ،يالقۇن روزىچە بولغاندا ئۇلار كۆرۈشۈپلا يوتقانغا كىرىپ كەتسە بولاتتىكەندە.60ياشلارغا بېرىپ قالغان نېكاسىز بىر ئەر بىلەن بىر ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق خىيالدا بولۇش نىمىدىگەن مەنتىقىسىزلىق ھە!ئەگەر شۇنداق بولغاندا ئىدى بۇ ئۇيغۇرغا،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان بىر ھاقارەت بولۇپ قالغان بولاتتى،ھە نىمە بولسا يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر يالقۇن روزىدەك خىيال قىلماپتۇ.
ئۇ يەنە‹‹دوستى قۇۋانغا دىگەن تۆۋەندىكى گېپىدىن ئۇنىڭ مەجرۇھ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ روشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:››دىگەن،ئەمىسە ئۇنىڭغىمۇ قاراپ باقايلى:
‹‹-باينىڭ ھېلىقى خېنىمىنىڭ ئىسسىق قۇينىنى تېپىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇدۇم دىگىنە…بوپتۇ،ئادەم دىگەن شۇ.ھېلىمۇ بولسا ئۇچۇراشتۇق،ئەمدى بىزدىن ئايرىلما!مانا،ماڭا ياردەمچى سالچى بولىسەن،يېڭى ھۆكۈمەت كەلدى،ئەمدى ئىشلىرىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ…ھە ھېلىقى باينىڭ خېنىمىنىڭ گېپىنى قىلە››
بۇ دىيالۇگدىن نەدىمۇ سەمەتنىڭ‹‹مەجرۇھ مەنىۋى دۇنياسى››نى كۆرگىلى بولسۇن!يازغۇچى بۇ يەردە ئىنسان تەبىئىتىنى ئاشكارلاپ بىرىۋاتىدىغۇ.ئالدىدىكى مونۇلۇگدا يالقۇن روزى سەمەتنى‹‹نىمىشقا لەيلىگۈلنىڭ قۇينىغا كىرگۇزمەيسەن››دىسە،بۇنىڭدا‹‹قۇۋان ساڭا باينىڭ خېنىمىنىڭ قۇينىدا نىمە بار››دەۋاتقاندەك قىلىدۇ.بۇ خۇددى ھېلىقى ئەخمەقنىڭ نەيزە بىلەن قالقىنىنىڭ ھېكايىسىدەكلا كۈلكىلىك بىر ئىش بولۇپ قالغان.قۇۋان باينىڭ خېنىمىنىڭ قۇينىغا كىرسە ياشلىق،بەڭباشلىق،مۇھتاجلىق مەزگىلىدە كىردى،بۇنىڭ نىمە خاتاسى بار. ئەگەر‹‹ يېڭى ھۆكۈمەت كەلدى،ئەمدى ئىشلىرىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ…››دىگەن گەپتىن سەمەتنىڭ‹‹مەجرۇھ مەنىۋى دۇنياسى››نى كۆرۋالغىلى بولىدۇ دىسە،بۇ تېخىمۇ يالغان گەپ.چۈنكى يېڭى ھۆكۈمەت كەلگەندە ئامما يېڭى ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ باياشات،خوشال-خورام ياشاشتەك ئۈمىد-ئارمانلىرىنى كۈتۈپ،ئۇنىڭغا چەكسىز مۇھەبىتىنى ئىپادىلەيدۇ ئەلىۋەتتە،بۇ بىر ئەمەلىيەت.يازغۇچى بۇ يەردە ئەمەلىيەتنى يېزىپ روماندا چىنلىق ياراتقان.
دىمەك يالقۇن روزى روماننىڭ كىرىش سۆزىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قىزغىن ھېسىياتتا دىگەن بىر ئېغىز گېپىنى تۇتىۋىلىپلا ئۆز پىكىرىنى يورغىلاتقان.ئەگەر يازغۇچى روماننىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىكى ئەشۇ گەپنى يازمىغان بولسا يالقۇن روزى نىمىنى يازاتتىكىن!
يازغۇچى بۇ رومانىدا سالچىلار تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئەينى دەۋىر رىياللىقىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئىشلارنى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.سالچىلارنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ئۇرۇش-جىدەلدىن يانمايدىغان لۆكچەك ، ئىشقىۋاز،قىمارۋاز،جاھاننىڭ رەپتارى بىلەن كارى بولمايدىغان،ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەنلا ئۆتىدىغان بىر توپ،يالقۇن روزى بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسا مېنىڭچە بۇ رومان ھەقىقەتەن ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ دەپ قارايمەن.
2013-يىلى6-ماي تاماملاندى