11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە سەۋەبلىرى (1-2)
ئاپتورلىرى: پەن گۇاڭ، جاۋ گوجۈن
(تەرجىمىدە نەپرەت)
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلاردا كۈنسېرى چەتلىشىش ۋە بۆلۈنۈش كۆرۈلدى. بىر قىسىم تارماق تەشكىلاتلارنىڭ غازاتلاشتۇرۇش يۆلىنىشى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ چىقتى، تەھدىتى داۋاملىق ئاشتى. باشقا بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىلەن نىسبەتەن مۆتىدىل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىشىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشەپ، ناچار ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلماقچى بولدى. ئاشقۇن تېرورچى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكتىن ھەمدە ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇق كۈرىشى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقى چەكلىك بولىشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە يېڭى يۈزلىنىش ۋە سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنغان ھەمدە بۇ ئاساستا، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىدا چەتلىشىش، غازاتلىشىشى كۆرۈلدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش ۋەزىيىتى بۇ تەشكىلات چېگرا سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى ئارىسىدا باشلامچىلىق ئورنىنى تىكلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
خەتكۈچ: 11-سېنتەبىر ۋەقەسى؛ شەرقىي تۈركىستان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى؛ تېرورلۇق تەشكىلات؛ بۆلگۈنچى تەشكىلات
ئاپتورلار ھەققىدە: پەن گۇاڭ شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو تېرورلۇققا قارشى ماسلاشتۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى. ئاساسلىقى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت، ياۋرو ئاسىيا تەرەققىيات ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ؛ جاۋ گوجۈن شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتورى، ياردەمچى تەتقىقاتچى، ئاساسلىقى ئامېرىكا سىياسىيسى ۋە دېپلوماتىيىسى، ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.
ماقالە مەنبەسى: ھازىرقى زامان خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر
2008-يىلى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى يەنە جانلىنىپ كەتتى، گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە قېتىملىق زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىشنى مەركەزلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى. بىرلا ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي كۈچلىرى بىرلىشىشنى، بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ،« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئالاھىدە جانلىنىپ كەتتى، خەلقئارادا ھەدەپ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن داۋاملىق شوغۇللاندى ھەمدە ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدا باشلامچىلىق ئورنىنى تىكلىشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بۆلۈنىشى، قايتا تەشكىللىنىشى ۋە ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشىشىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. بۇ ماقالىدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى راۋان بايان قىلىندى، ئارقا پەردىسىدىكى چوڭقۇر سەۋەبلەر ھەمدە كۈلگۈسى يۈزلىنىشى تەھلىل قىلىندى.
بىرىنچى: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ چەتلىشىشى، بۆلۈنىشى ۋە غازاتلىشىشى
11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. 2001-يىلى 10، 11-ئايدا، ئامېرىكا ئافغانىستانغا قوزغىغان ئۇرۇشتا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەشىق بازىسى ۋەيران قىلىندى. 22 نەپەر شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشتى، ئەل قائىد تەشكىلاتنىڭ ئاتامانى بىن لادىننىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى بىۋاسىتە قوللىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتمۇ ئاشكارىلاندى.
(1) شۇنىڭدىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ب د ت ھەمدە ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. پاكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستان ئادەملىرىنى بەس-بەستە جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئاتامانى ھەسەن مەخسۇم پاكىستاندا ئېتىپ تاشلاندى. بۇ ۋەزىيەت ئاستىدا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرى پارچە، مەخپىي ھالەتكە كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئافغانىستان، كەشمىر، ئافغانىستان-پاكىستان چېگرىسى ۋە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئورۇنلاشتى.
بىرلا ۋاقىتتا، باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن يىراقلاشتى. ئۆتكەن ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» چېگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ مەبلىغىگە ئېرىشكەن تەشكىلات ئىدى.
(2) ئەمما بۇ ئەھۋال ھازىر مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ئۇيغۇرلار «تېرورچى» دېگەن قالپاقنى كىيىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدا بۇرۇلۇش يۈز بەرگەنلىكتىن، زوراۋانلىق شەكلى بىلەن غەرب بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارالمايدىغان بولدى، شۇڭا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن چەك-چېگرا ئايرىمىسا بولمىدى، بۇ سەۋەبلەر تېرورچى تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى ئارىسىدا پەيدىنپەي چەتلەشتۈردى. ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئاشقۇن تەشكىلاتلىرى ئۆزلىكىدىن تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنمەيدۇ. ئەكسىچە، چەتلەشتۈرۈلگەن تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئىككى يۆلىنىشكە قاراپ بۆلىنىش كېلىپ چىقتى، بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى غازاتلاشتۇرۇش يۆلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى، باشقا بىر قىسىمى نىسبەتەن مۆتىدىل بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلەشتى.
تۆۋەندە نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ غازاتلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نەچچە ئىپادىسىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ:
3.ئالدى بىلەن، ئۇلار يەر شارىۋى غازاتچى كۈچلەر بىلەن بىرلەشتى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ دىننىي تۈسى ئاساسىي جەھەتتىن سۇس بولۇپ، بەزىدە غەربنىڭ ئەركىن دېموكراتىيىسى بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى. ئەمما 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار خەلقئارا تېروروزىمنىڭ كۈنسېرى ئېدىئولوگىلىيىشىۋاتقان تەسىرىگە ئۇچراپ، پەيدىنپەي يەر شارىۋى غازاتنىڭ ئېقىملىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
(4) دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن خەلىپە دۆلىتى قۇرماقچى بولغان خەلقئارالىق غازاتچى تەشكىلات «ھىزبۇت-تەھرىر» پەيدىنپەي بىرىكىپ كەتتى
(5) «ھىزبۇت-تەھرىر» تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تېزلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا. 2008-يىلدىن بۇيان، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» باشچىلىقىدىكى تەشكىلاتلار ئىنتېرنېتتا 4 قېتىم ۋېدىئولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك غازات قىلىشقا قاتتىق قۇتراتتى.
(6) 2008-يىلى 1-ئاي ۋە 3-ئايدا، جۇڭگو ساقچىلىرى ھاجى مۇھەممەد ۋە ئابدۇراخمان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئىككى جىنايەت گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن زور ساندىكى غازاتقا تەشۋىق قىلىش ماتىرىياللىرىنى تېپىپ چىقتى. 2008-يىلى 7-ئايدا، ئۈرۈمچى ساقچىلىرى «غازات تەربىيلەش سىنىپى» نامىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خەلىپە دۆلىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ تەشكىلات مەخپىي «غازات قىلىشنى تەربىيلەش سىنىپى» ئېچىش ياكى قۇرئاندىن ساۋاق بېرىش شەكلىدە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ 10 نەپەر ئەزاسىدا 5 نەپىرى ئايال بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا «غازاتچى ئاچا-سىڭىللار» دېيىشەتتى.
ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدىكى ھۇجۇم قىلىشنى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا پات-پات ئىشلەتتى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى كۆپىنچە توپىلاڭ كۆتۈرۈش، مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن دەرھال قېچىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. ھازىر، يەر شارى «غازاتلاشتۇرۇش» ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ بىر قىسىم خادىملىرى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىگە ئوخشاش ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.
(7) يېقىندا پاش قىلىنغان دېلولاردىن قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى يېقىنقى يىللاردا قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى «ئادەم بومبا» قىلغان؛ 2008-يىلى يۈز بەرگەن نەچچە قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئىككى ئايال ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىغا بۆسۈپ كىرگەن ھەمدە موتسىكلىتتىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باكىنى پارتلاتقان. ساقچىلار تېرورچى ئۇنسۇرلارنى قوغلاپ تۇتقاندا، يەنە ئىككى ئادەم بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلىتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر قىزلار ئىدى. بۇ تىپىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ھۇجۇم نىشانىنى پۇقرالاردىن ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا قاراتتى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى 10 يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ كۆپ قىسىمى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زاتلار ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گەرچە پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋاملىق يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم تېخىمۇ كۆپەيدى. 2008-يىلى ئالدى-كەينى بولۇپ يۈز بەرگەن 23-ماي قورغاس ناھىيىسى ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ۋە 4-ئاۋغۇست قەشقەردىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردۇر. ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتى تېرورلۇق ھۇجۇم نىشانىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىش ئارقىلىق ئاممىدىن كېلىدىغان نارازىلىقنى ئازايتىش ھەمدە خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قېچىشتۇر. ھەتتا غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىستراتىگىيىسى ئۈنۈملۈك بولىشى ناتايىن. 4-ئاۋغۇست ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق ئاشقۇن تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىدە چەتلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاشقۇنلۇقى ۋە ئەسەبىيلىكى قىلچىمۇ پەسەيگىنى يوق. تېخىمۇ كۆپ زىل-زىلە پەيدا قىلىدىغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جۇڭگوغا بولغان تەھدىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بىرلا ۋاقىتتا، باشقا بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» قاتارلىق گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم نىسبەتەن مۆتىدىل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ، بۇ مۆتىدىل تەشكىلاتلار ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان ئوبراز بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، كۈچلىرىنى قايتىدىن توپلاش ئۈمىدىدە بولدى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2004-يىلى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ قۇرۇلىشى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە خېلى زور رىغبەتلەندۈرۈش رولى بولغان.
ئىككىنچى، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىشى
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى چەتلىشىش، غازاتلاشتۇرۇش، تېخىمۇ تېرورىزملاشتۇرۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي كۈچلىرىدە «بۇرۇلۇش ياساش» ئالامەتلىرى تېزلەشتى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» 2004-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» ۋە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» باشچىلىقىدا 13 دۆلەتتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن شەھىرىدە مەخپىي يىغىن ئېچىپ، يېڭى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دەپ نام بەردى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ قۇرۇلىشى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى ئاساسىي ئېقىمى بۇرۇلۇش ياساش باسقۇچىنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئاشقۇن تەشكىلاتلار ۋە نىسبەتەن مۆتىدىل بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرىكىشى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، نىزامنامىسىدا ئۆزىنى «ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىنبىر ئەڭ ئالىي قانۇنلۇق ئورگىنى» دەپ ئاتىدى
(8) بۇ بۇرۇلۇشنىڭ ئۈچ قاتلاملىق مەنىسى بار. بىرىنچىسى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىشى، ئىككىنچىسى ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشىشى، ئۈچىنچىسى خەلقئارالىشىش سالمىقىنى كۈچەيتىشتۇر.
بىرىنچىدىن، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» بولسا شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي كۈچلىرىنىڭ ھەر خىل شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنىڭ گەۋدىلىنىشى. سوغاق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرى بارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنى بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن غوللۇق كۈچ ھاسىل قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشماقچى بولدى. ئەمما 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگۈچە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى يەنىلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، تېخى بىرلىككە كەلگەن كۈچ شەكىللەندۈرمىگەن ئىدى.
(9) 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بەزى مۇھىم شەخىسلىرى :«يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان چوقۇم ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشى كېرەك» دەپ قارىدى.
(10) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بىرلەشمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇ تەشكىلات جۇڭگو خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى تېرورچى تەشكىلات دەپ بېكىتكەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرگەردان تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن «ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى»، «ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى»، «ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار. بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ كاتىباشلىرى يېڭى قۇرۇلغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دا مۇئاۋىن رەئىسلىكتىن كاتىپلىققىچە بولغان چوڭ-كىچىك ۋەزىپىلەرگە ئولتۇردى. خادىملار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۆلگىنچىلىك ماھىيىتىنى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈردى. مۇھىم شەخسلەرنىڭ ھەممىسى جاھىللىق بىلەن بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاكتىپلاردۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ميۇنخېندا تەسىس قىلىنغان «ئەركىن ياۋروپا رادىئو ئىستانسىسى» دا ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلغان، كېيىن «ۋەكىلسىز دۆلەتلەر ھەمدە تەشكىلاتلار تەشكىلاتى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە باش كاتىپ بولغان. ئەركىن ئالىپتىكىن ئۆزىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيىسى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش» قا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچى دەپ قارىغان، چەتئەللەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ باشقا مۇھىم شەخىسلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇلغان، جۇڭگودا بىر مەزگىل تۇرمۇش كەچۈرگەن ناھايىتى ياش سەرگەردانلار. كۆپ قىسىمى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ھەمدە چەتئەل تىلىنى راۋان ئىشلىتەلەيدۇ. مۇنداق خادىملار قۇرۇلمىسى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نى بەلگىلىك خەلقئارالىق نەزەرگە ئىگە قىلغان. غەرب بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشقا تېخىمۇ ماھىر، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باشقا بىر تەرىپى، «مەنىۋى داھىي» نى تىكلەش «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى نامايەن قىلىشتىكى مۇھىم ۋاستە. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نى شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي ئېقىمىنىڭ بىرلىشىش مۇساپىسىدىكى تېخىمۇ تەسىر كۈچكە ۋە ۋەكىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر تەشكىلات دالاي لاماغا ئوخشاش «مەنىۋى داھىي» تىكلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى تەشكىلاتى ئەركىن ئالىپتىكىننى تىكلەپ چىقماقچى بولغان، چۈنكى ئالىپتىكىن «ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى دالاي لاماسى بولالايدىغان شەخس دەپ قارىلاتتى»
(11) بىراق، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ھازىرقى رەئىسى رابىيە قادىر ئالىپتىكىننىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، «مەنىۋى داھىي» لىق نامزاتى بولۇپ قالدى. 2005-يىلى، رابىيە قادىر ئامېرىكىغا كېپىلىككە قويۇپ بېرىلىپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. نۇرغۇن بۆلگۈنچىلەر ئۇنى قەستەن يۆلەپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نامنى بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ «مەنىۋى داھىيسى» قىلىپ چىقماقچى بولدى. شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ «داھىي تىكلەش» ھەرىكىتىگە خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرمۇ ئاكىتىپ ماسلاشتى، مەسىلەن خەلقئارا چوڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنى «ئىنسانىي ھوقۇق پائالىيەتچىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى» دەپ كۆپتۈردى
(12)ئىككىنچىدىن، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشەشكە باشلىشى ھەم شەرقىي تۈركىستان ئىستراتىگىيىسىنىڭ تەڭشىشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشىشى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر تەرىپى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا تەدرىجىي يۈرۈش قىلىش» ئىستراتىگىيىسى قارالمىسى بولۇپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دىكى مۇھىم شەخسلەر ئېنىق ھېس قىلىپ يەتتىكى، بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن قارشىلىشى خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، «نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىل بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان غايە»
(13). شۇڭا ئۇلار پەقەت نىشانىنى ۋاقىتلىق تۆۋەنلەتتى
(14). شۇنداق قىلىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» تەدرىجىي ئىلگىرلەش ۋە ئەمەلىيەتچىللىك ئىستراتىگىيىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «پەيدىنپەي مۇستەقىل بولۇش» لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىستراتىگىيىلىك لايىھىگە «50 يىللىق ئىستراتىگىيىلىك پىلان» دەپ نام بەردى. ئەمەلىيەتچىللىكنى ئاساس قىلغان ھەرىكەت تاكتىكىسىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ پىلان «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» نى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەيدىغان، ئۇزۇن مۇددەت يولغا قويىدىغان سىياسىي پروگرامما دەپ قارىدى، مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈش كېرەك دەپ قارىدى. بىرىنچى باسقۇچ «ئىنسانىي ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىك» تەلەپ قىلىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىلىۋاتقانلىقىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقىنى كەلتۈرۈش. بۇ باسقۇچتا، مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان سىياسىي سەرگەردان تەشكىلات قىلىپ كۆرسەتتى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسىدا «مۇستەقىللىق» دېگەن سۆزدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «ئىنسانىي ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللەتنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى» قاتارلىق تەرەپلەرنى قاتتىق تەكىتلىشى ئىسپات بولالايدۇ
(15) شۇڭا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى نىشانىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى، ئىنسانىي ھوقۇقى» قاتارلىق قىسقا مەزگىللىك پروگراممىلىرىغا ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇۋالدى. ئىككىنچى باسقۇچى خەلقئارا مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرۇش نىشانىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. 2005-يىلى 7-ئايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئاخىرقى نىشان مۇستەقىللىقنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
(16) بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ باياناتچىسى دىلشات مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئاساسىي نىشانى جۇڭگودىن قۇتۇلۇپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم جاكارلىدى ھەمدە ئېيتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى تۈزلا دېدى. (17) كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگونى پارچىلاش «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتىگىيىلىك پىلانى. «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا پەندىنپەي يۈرۈش قىلىش» پەقەت تاكتىكا. غەربنىڭ ئەندىشىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، رابىيە قادىر غەرب ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ قازاقىستان ياكى قىرغىزىستانغا ئوخشاش دىندىن خالىي ھۆكۈمەت بولىدىغانلىقىنى، پاكىستان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئوخشاش ئەسلىيەتچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئوخشاش دۆلەت بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
(18).باشقا بىر تەرەپتىن، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» زوراۋانلىق ئىشلەتمىگەن شەكىلدە سىياسىي تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، «تىنچ، زوراۋانلىقتىن خالىي، دېموكراتىك ئۇسۇلدا» خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەڭ كۆپ تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزدى. مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنى زوراۋانلىق ئىشلەتمەيدىغان، تىنچ، دېموكراتىك شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى، تېرورىزىم بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلدى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىدە «تىنچ، دېموكراتىك شەكىلدە مىللىي تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى ھەل قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
(19) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ تەشۋىقاتلىرى غەرب جەمئىيىتىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قوزغىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر دەسلەپتىلا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نى نوقۇل ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارىدا مۇئامىلە قىلدى. ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن تاكتىكىسىنى تەڭشىشى چېگرا سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى بىلەن بوشلۇقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچەيتتى.
(20)ئاخىرىدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئاكىتىپ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىدىمۇ يېڭى يۈزلىنىش كۆرۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش چېگرا سىرتى ۋە ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئىزچىل نىشانى بولۇپ كەلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىزچىل داغدۇغا قىلماي ھەل قىلىپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تەسىرى يەنىلا دۆلەت ئىچى بىلەن چەكلىنىپ كەلگەن. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلقئارادا تەشۋىقات قىلىپ، خەلقئارالىق تەسىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، ھازىر يولغا قويۇۋاتقان نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جامائەت پىكىرى ۋە ئىدىيىۋى يۆلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا :«بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش» دېدى.
(21) مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەندى، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە خەلقئارا چوڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق كۆزۈتۈش تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسانىي ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلاشتى
(22)«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىق ئىككى يولى بار، بىرى بولسا غەربنىڭ مۇھىم سىياسىئونلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، ھەر خىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ھەمدە ئىنتېرنېتتا تەشۋىق قىلىش شەكلى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. مەسىلەن، 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» گېرمانىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. 2008-يىلى 3-ئايدا، رابىيە قادىر 50 نەچچە ئۇيغۇر ئايالنى ئەگەشتۈرۈپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ھەمدە پۇقرالىق ھوقۇقىنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
(23) باشقا بىر يولى بولسا، چەتئەللەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر بىلەن، بولۇپمۇ تىبەت مۇستەقىللىقى، تەيۋەن مۇستەقىللىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىشنى تېزلەتتى. 2006-يىلى 9-ئايدا، دولقۇن ئەيسا ۋېي جىڭشېڭ فوندى، تىبەت مۇستەقىللىقى قاتارلىق جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر تەشكىللىگەن «ئاسىيا دېموكراتلار ئىتتىپاقى» غا قاتنىشىشقا ئۇرۇندى. 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، رابىيە قادىر گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرۇگ شەھىرىدە سىياسىي پائالىيەت قىلىشتىن ئىلگىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى. 2008-يىلى لىخاسا 14-مارت توپىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ مەدەت بەردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە باشقا جايلاردىكى تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغانلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
(24) رابىيە قادىر يەنە «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» دە ئالاھىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق باستۇرۇشى، باشقىچە قاراشتىكىلەرنى سىغدۇرماسلىقى، كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى ھەمدە كۆچمەنلەر سىياسىتىنى قوللىشى تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىچ بىرلەشتۈردى»، شۇڭا «ئۇيغۇرلار تىبەت خەلقىنىڭ ئىشلىرى قەتئىي قوللايدۇ» دېدى.
(25)ئومۇملاشتۇرغاندا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي كۈچلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەشكىلىي بىرلىشىش، ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشەش ھەمدە خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زورايتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ يېقىندا يەنە جانلىنىپ كېتىشىدەك ئەمەلىيىتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئۆزىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى، خەلقئارادا بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» غا ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قۇرۇلۇش ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەتئەللەردىكى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، تەشكىلاتلاشقانلىقىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش مۇساپىسىدىن بەلگە بېرىدۇ».
(26) دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2004-يىلى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ قۇرۇلىشى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە خېلى زور رىغبەتلەندۈرۈش رولى بولغان.
(27) ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى ئاسىيا تۈرىنىڭ ئەمەلدارى گرىف مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشى «قالتىس نەتىجە، ئەستايىدىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك» دەپ جاكارلىدى
ئىزاھاتلار:
(8) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى
9784.
(9) تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن 50 نەچە بولۇپ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ۋە غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان. ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئىستانبولدا ئىككى نۆۋەت شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى چاقىردى، ئەمما بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ئورگىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى. Yitzhak Shichor, “Virtual Transnationalism:
Uygur Communities in Europe and the Quest for Eastern Turkestan Inde
pendence”, in Stefano Allievi and Jorgen S. Nielsen, ed. , Muslim Networks and Transnational Comm unities in and across Europe, Leiden
Brill, 2003, pp. 281 – 311
(10) ئەكلىن: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى: ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى» http: / /www. w3. cyu. edu. tw / centralasia / chinese /
new6 – 4 /1 – 2
(11) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى. http: / /www. voanews.
com / chinese / archive /2004 – 07 / a – 2004 – 07 – 01 – 19 – 1. cfm.
(12) جاھانگىر پوچا، «ئۇيغۇرنىڭ دالاي لاماسى: رابىيە قادىر» Jehangir Pocha, “Rebiya Kadeer: The UighurDalaiLama”, In
These Tim es,December 7, 2006
(13) يىتزاك شىكور «ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ياكى باشقا گۇرۇھلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ كەلگۈسى» Yitzhak Shichor, “Limp ing on Two Legs: UyghurDiaspora Or2
ganizations and the Prospects for Eastern Turkestan Independence”, Cen2
tral Asia and the Caucasus, No. 6 (48) , December 2007
(14) ئىسرائىلىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «دېموكراتىيە، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە مىللىي تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» قاتارلىق قىممەت قارىشى ھەمدە زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلىشتەك ئەمەلىيەتچىل ئىستراتىگىيە قارالمىسى نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچى بار. چۈنكى بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى «دېموكراتىيە غازات ئۇرۇشى» ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەنى كېڭەيتىش ئىستراتىگىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق؛ باشقا بىر تەرەپتىن، بۇ تەشكىلات تەشۋىقات نۇقتىسىنى مۇستەقىللىققە ئەمەس بەلكى ئىنسانىي ھوقۇق ئۈستىگە قويدى، بۆلگىنچىلىك مەسىلىسىنىڭ سەزگۈرلىكىنى تۆۋەنلەتتى، ئۇلارنى قوللىغان دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمىدى. Yitzhak Shichor,
“Changing the Guard at theWorld Uyghur Congress”, China B rief, Vol.
6, Issue 25, December 19, 2006.
(15) يىتزاك شىكور «ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ياكى باشقا گۇرۇھلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ كەلگۈسى» Yitzhak Shichor, “Limp ing on Two Legs: UyghurDiaspora Or2
ganizations and the Prospects for Eastern Turkestan Independence”, Cen2
tral Asia and the Caucasus, No. 6 (48) , December 2007
(16) ئەكلىن :«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى: ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى» http: / /www. w3. cyu. edu. tw / centralasia / chinese /
new6 – 4 /1 – 2
(17) ئۇيغۇرلار: مىللىي تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق ؛ http: / /www1. chinesenews2
net. com /gb /Ma. . . _14_1_113. html.
(18) جاھانگىر پوچا، «ئۇيغۇرنىڭ دالاي لاماسى: رابىيە قادىر» Jehangir Pocha, “Rebiya Kadeer: The UighurDalaiLama”, In
These Tim es,December 7, 2006
(19) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى»“Foundation of the World Uyghur Congress” April 4,2004, http: / /www.
web. radicalparty. org/p ressreview /p rint_ right. php? func = detail&par =
9784
(20) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ قۇرۇلىشى ھەمدە تاكتىكىسىنى تەڭشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ھەمدە مېدىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىگە تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلىرى. رىچارد رايس، «11-سېنتەبىردىن كېيىن جۇڭگودا ئۇيغۇرلار ۋە ئىنسانىي ھوقۇق سۆزلىرى» ؛Richard
Rice, “Uyghur Ethnicity and Human RightsDiscourse in Post 9 /11 Chi2
na”, V irginia Review of Asian S tudies 2007, http: /www. vcas. wlu. edu /
VRAS/2007 /Rice. pdf.
(21) ياڭ سۇلەن :«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ سىياسىي رېئاللىقى-شەرقىي تۈركىستاننى مىسال قىلىش» http: / /
www. w3. cyu. edu. tw/ centralasia / chinese / sub /1207 /09 – 12
(22) «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى»“Foundation of the World Uyghur Congress” April 4,2004, http: / /www.
web. radicalparty. org/p ressreview /p rint_ right. php? func = detail&par =
9784
(23) ئېرىك ئېكخولم: «ئامېرىكا جۇڭگو مۇسۇلمانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تېرورلۇق پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى» Erik Eckholm, “China Muslim Group Planned Terror, U. S.
Says”, The N ewyork Tim es, August 31, 2002
(24) «ئۇيغۇرلار تىبەتلەرنىڭ ئىشلىرىنى قوللىدى»؛ “Uyghurs support Tibetan cause ”, http: / /www. rfaunp lugged.
wordp ress. com /2008 /03 /18 /newsdesk – uyghurs – support – tibetan –
cause /
(25) Rebiya Kadeer, “Not the Torch of Liberty”, The W ashington
Post, Ap ril 1, 2008, A17.
(26) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دوكلاتى، 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى؛
(27) ياڭ سۇلەن :«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ سىياسىي رېئاللىقى-شەرقىي تۈركىستاننى مىسال قىلىش» http: / /
www. w3. cyu. edu. tw/ centralasia / chinese
(28) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى. http: / /www. voanews.
com / chinese / archive /2004 – 07 / a – 2004 – 07 – 01 – 19 – 1. cfm.
مەنبە: ھازىرقى زامان خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ژۇرنىلىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى، ئۈچىنچى قىسىمى داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ.