قىساسكار جۇڭگو
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونى ئىستراتىگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ئەمەلدارلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە مۇخبىرلارغا ياپونىيىنىڭ «قايتىپ» كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە جۇڭگو بىلەن بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى (دىياۋيۈ ئارىلى) نىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىدا يول قويمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. جۇڭگونىڭ بارغانسېرى كۆپلەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىدا بولىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىككى تەرەپنى سوغاققان بولۇپ ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى.
ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە نائىلاج ماقۇل بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكى يەنىلا ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىغا تايىنىدۇ. بىراق، جۇڭگونى يول قويۇشقا قايىل قىلىش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە بولغان ئىشەنچىسى دېڭىز ئاستىدىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ياكى غەربىي تىنچ ئوكيان ئىستراتىگىيىسىنى كېڭەيتىش ئارزۇسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. يەنە مىللەتنى قايتا يارىتىش ۋە گۈللىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھەم جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى يادرولۇق سەۋەب. ئۆتمۈشتىكى ئىشغالىيەتچى ۋە تارىخىي رەقىبى بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش 60 يىللىق ئارزۇ-ئىستەكتىكى چېكىنىش دەپ قارىلىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى باش مىنىستىر جاۋ زىياڭ جۇڭگونى قايتا قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جىياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ بۇ ئىدىيىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇردى. يېقىندا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت مۇزىيىنىڭ جۇڭگونىڭ «گۈللىنىش يولى» يەرمەنكىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولى» نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
«ئەسلىگە كېلىش» ياكى «گۈللىنىش» جۇڭگو ئاممىسىغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەيلى چوڭ-كىچىك بولسۇن، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تارىخىي رېئاللىق ۋە ئەپسانىنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدۇر. جۇڭگونى مىسالغا ئالساق، كومپارتىيىنىڭ گۈللىنىش ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى مىڭ، چىڭ ئىككى دەۋردىكى دۆلەت كۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېگرىسى 5000 يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتكە تەبىئىي مۇۋاپىق مەڭگۈلۈك ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
1949-يىلى ماۋ زېدوڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت چىڭ دەۋرىنى (1644-1912) قايتا قۇرۇشنى «بۈيۈك جۇڭگو» نىڭ يېقىن مەزگىللىك نىشانى قىلدى ھەمدە مانجۇلار رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىنى ئۇزۇنغىچە ئىدارە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندى. ئەمما چىڭ دەۋرىنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت، شۇڭا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىزچىل ئاچكۆز سىرتقى كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىش خىيالىنى ياسالما ۋە شەخسىيەتچى دەپ قارىدى.
ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) نى ئاتالمىش تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدى ھەمدە 1950-يىلى تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، جۇڭگونىڭ دۆلەت زېمىنىنى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك كېڭەيتتى. كېيىنكى ھەر بىر نۆۋەتلىك كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ماۋ زېدوڭنىڭ بۈيۈك جۇڭگو نىشانىنى جارى قىلدۇرۇشنى ۋەزىپە قىلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۈيۈك جۇڭگومۇ ئۈزلۈكسىز تەڭشەلدى ۋە كېڭەيدى. مەسىلەن 1968-يىلدىن بۇرۇنقى جۇڭگو سېنكاكۇ ئارىلى (دىياۋيۈ ئارىلى) غا ئۇنچە قىزىقىپ كەتمەيتتى، دەل 1968-يىلدىكى بىر جۇغراپىيە تەتقىقاتىدا دېڭىز ئاستىدا مول نېفىت زاپىسىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى.
جۇڭگونىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا بولغان زېمىن تەلىپىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىمۇ ئوخشاش سەۋەبنى باھانە قىلدى. 2009-يىلى، جۇڭگو گۇمانلىق تارىخىي بايانغا ئاساسەن قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى چېگرىسىنىڭ بەلگىسى قويۇلغان «توققۇز ئۈزۈك سىزىق» لىق خەرىتىنى تۇنجى قېتىم سىزىپ چىقتى ھەمدە ب د ت كومىتېتىغا سۇندى، بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ بارلىق دېڭىز ساھەسىگە «مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى» بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆتكەن ئىككى ئەسىردىن باشقا 2000 يىلدا، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىزچىل باشلامچىلىق ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى، ھازىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت ئەڭ چوڭ دۆلەت بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەنپەئەت، ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە قوغدىلىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر رايونى تەرتىپىگە خىرىس قىلدى. بۇ خىل تەرتىپ ھازىرقى زامان جۇڭگونى زور مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ئەمما نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەدەنىيەتلىك جۇڭگونىڭ غايەت زور مۇۋەپپىقىيىتى ھېچقانداق ئالاھىدە ئورۇنغا ئېرىشتۈرەلمەسلىكى جۇڭگونى ئىنتايىن نارازى قىلدى.
ئەخلاق قىممىتى ئۈستۈنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، تارىخىي مۇۋەپپىقىيىتى شانلىق ھەمدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قارىشىدا، بۇنداق ئەھۋال ئادىل بولماسلىقىمۇ تەبىئىي ئەمەس. كىشىلەر شۇڭا تۆۋەن دەرىجىلىك كىچىك دۆلەت ئالدىدا زېمىن ماجىراسىدا يول قويۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك رايون مۇقىملىقىغا تۇتىشىدىغان زۆرۈر يول ئەمەس بەلكى بىر خىل نومۇسلۇق مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقان بۈيۈك جۇڭگو ئۇقۇمى سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسىنى جۇڭگونىڭ شەكلىدە ھەل قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دېرەك بېرىشى ئېھتىمال جۇڭگونىڭ قارا نىيىتىنى رازى قىلىشقا ئامالسىز بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە جۇڭگونىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىدۇ. جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىنى ئوخشاش ھەل قىلىش ئېھتىمال كېيىنكى نىشان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئوباما بىلەن شىنزو ئابې جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرىشىنى باشقۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن تاكتىكا تۈزگەندە، جۇڭگونىڭ گۈللىنىش ئۇقۇمى ئۆتمۈشتىكى شان-شەرىپىنى قايتا قۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھازىرقى رايونلۇق تەرتىپنى مۇستەھكەملەش ئەمەس بەلكى ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىشى كېرەك. بۇ جۇڭگونىڭ قارا نىيىتىنى چەكلەشكە ئامال بولمىغاندىمۇ، ئوباما ۋە شىنزو ئابې جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيە ۋە ھەربىي تاللىشىنى چوقۇم چەكلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: ئاپتورى جون لى سىدنىي ئۇنۋېرسىتېتى خەلقئارا بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفىسسورى ۋە تەتقىقاتچىسى. ئۇ يەنە ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى خۇدسون تەتقىقات ئورگىنىنىڭ خادىمى ھەمدە كانبېرادىكى كوكودا فوندىنىڭ دېرىكتورى

. (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)