6- ئاينىڭ 20 – كۈنى توكيودىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ۋە چەتئەل ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەللىكتىن ئوشۇق گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا ئاخبارات ئېلان قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تا ھازىرغىچە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىكى غايىپ بولغان، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىگە سولانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جەمئىيەتتىن، ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلاردىن، ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ،5 – ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە ئۈندىشىنى، تۈرمىدىكى گۇناھسىز مەھبۇسلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىشىنى ئۆتۈندى.
رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
رابىيە قادىر خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن«مارالبېشى ۋەقەسى» قاتارلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»،«| خەلق گېزىتى» , «ياجوئۇ جوئۇكەن» قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئۇندىن باشقا شياڭگاڭدىكى «سۇمۇرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قاتناشتى. چەتئەلدىكى خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ساھەسىدىن «ئامېرىكا ئاۋازى»،«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» قاتارلىق رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى «ئالجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» رابىيە قادىر خانىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەممىدىن كۆپرەك «نيۇيورك تايمېس» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى سوئال سورىدى.
بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئىلھام مەخمۇت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سائەت ئون ئىككىدىن ئىككى يېرىمغا يېقىن داۋاملاشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.