دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 18-ئىيۇن خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇۋەنتانامودىكى 166 مەھبۇستىن 46 سىنىڭ كەسكىن قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىدا ئوباما ھۆكۈمىتى گۇۋەنتانامو تۈرمىسىدىكى 46 مەھبۇسنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدە ئەيىپلەش بولمىسا ياكى مەھكىمىگە چىقىرىلمىسىمۇ قويۇپ بېرلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى. ھېچبىر شەكىلدە قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان مەھبۇسلار قانۇنشۇناسلار، ھەربىي دائىرلەر ۋە ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن بەلگىلەندى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا 26 يەمەنلىك، 10 ئافغان، 3 سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، 2 كۇۋەيتلىك، 1 كېنىيەلىك، 1 ماراكەشلىك ۋە 1 سومالىيلىق بار.
ھۆكۈمەت، 20 ئەتراپىدىكى مەھبۇسنىڭ سوتقا چىقىرىلىدىغانلىقىغا قارار بەردى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئالاقىدارلىق داۋاسى بىلەن سوتقا تارتىلغان خالىد شەيخ مۇھەممەد ۋە ھىندىنوزىيەلىك ھامبالىمۇ بار. گۇۋەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار. 2001 دە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىقى ۋە سابىق پرېزىدېنت جورجى بوش تەرىپىدىن ئىمزالانغان بىر قارار سايىسىدا ئەيىپلەش قارىتىلماستىن ياكى سوتقا چىقىرىلماستىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 2002-يىلى قۇرۇلغان تۈرمىدە 166 مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. گۇۋەتناتامودىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى يەمەنلىك بولۇپ ئۇلارنىڭ سانى 84 كە يېتىدۇ، مەھبۇسلار 10 يىلدىن كۆپراق ۋاقىتتىن بېرى نېمە جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكىنى بىلمەستىن ۋە ياكى مەھكىمە ئالدىغا چىقىرىلماستىن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇلماقتا. 166 مەھبۇسنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى 100 نەچچە كۈندىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى ئاچلىق ئېلان قىلماقتا.
مەنبە: ئوكيان تورى