چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 ختتايدا 548 ئوقۇغۇچى سۈتتىن زەھەرلەندى

ختتايدا 548 ئوقۇغۇچى سۈتتىن زەھەرلەندى

شىنخۇا تورى 22-ماي خەۋىرى: جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلەرنڭ سانى 548 گە يەتتى، شىنخۇا ئاگېنلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رايوندىكى يەتتە ناھىيەدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەن ۋە چۈشلۈك تامىقى ئارلىقىدا تارقىتىلىدىغان سۈت ياكى پىچىنە-پىرەنىكتىن زەھەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، رايوندىكى 72 باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن 56 سىنىڭ تەسرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن 13 نىڭ ئەھۋالىنىڭ جىددى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

‏يەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان يېزا رايونلىردىكى 450 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ھەقسىز يېمەكلىك تارقاتقان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن بىرلىكە تەكشۈرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، دۆلەتتە يېقىندا يۈز بەرگەن يېمەكلىك مەسىلىلىرىدە گۆش ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى، سۈت ۋە سۈت تالقانلىرى بىلەن نۇرغۇن يېمەكلىكلەردە زىيانلىق ماددىلار بايقالغان ئىدى.
مەنبە: ئوكيان تورى

Leave a Reply

Scroll To Top