يەر شارى تورى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ياپونىيە ھىندىستانغا ياپونىيىدە ئىشلەنگەن ھەربىي ئايروپىلان ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. بۇ ياپونىيىنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەربىي قاتتىق دېتالى ئېكسپورت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. ياپونىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇ كېلىشىم ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونىيىدە 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ھىندىستاننىڭ ياپونىيىدىن US-2 سۇ ئۈستى ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ئىشىنى كېڭىشىدىكەن.
US-2 سۇ ئۈستى ئايروپىلان ھەربىي ئەسلىھەگە تەۋە بولۇپ، ياپونىيە شىنمايۋا سانائىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئۇچۇش مۇساپىسى 4700 كىلومېتىر بولۇپ، دولقۇن ئېگىزلىكى 3 مېتىرغا يېتىدىغان دېڭىز يۈزىگە قونالايدۇ. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى 10 مىليارد يېن باھادا سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە ياپونىيە «نىككېئى سودا گېزىتى» نىڭ باھاسىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ياپونىيىنىڭ قورال سىستېمىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش پەرمانى ئېلان قىلىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياپونىيىدە ئىشلەنگەن قورالنى ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى بولۇپ قالىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ياپونىيە ئېكسپورت قىلغان ھاۋا قاتناش ئەسلىھەسى چوقۇم خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان دائىرىدە بولۇشى كېرەك، چۈنكى ياپونىيە 1967-يىلى ئېلان قىلغان قورال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەۋەر تورى