دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 3-ئىيۇن خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، تاكسىم غازى باغچىسى ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى، رېتىر خەۋەر ئاگېنتلىقى يەتكۈزگەن خەۋەرگە قارىغاندا جون كېررىي، غازى باغچىسى نامايىشلىرىغا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلارنىڭ ئارتۇق كۈچ ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرگە كۈشكۈرتۈشلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. كېررىي ئارتۇق كۈچ ئىشلىتىشكە دائىر كەڭ دائىردە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، “ئامېرىكا تىنچ نامايىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپادە ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغدايدۇ” دېدى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەجلىسى باياناتچىسى Laura Lucas، يەكشەنبە كۈنى تاكسىم غازى باغچىسىدىكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۈرك ھۆكۈمىتى تەرەپنى «نورمال» بولۇشقا چاقىرىق قىلىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ نورمال مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى، ئاقساراي تاكسىم غازى باغچىسى ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار تۈركىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرگە ۋەزىيەتنى تىنچلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئاق ساراي باياناتچىسى Laura Lucas، كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە باياشاتلىقىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش يولىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، توپلىنىش ۋە ئۇيۇشما تەشكىللەشكە ئوخشاش ئاساسى ئەركىنلىكلەرنىڭ قوللىنىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەۋەر تورى