تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەجلىس تەتقىقاتلار مەركىزى «سۈرىيەدە قوراللىق توقۇنۇشلار: ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ نارازىلىقى» نامى ئاستىدا دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويغان ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلار پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس.
ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قوراللار ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا، ئىچكى ئۇرۇش كەسكىنلەشكەن ياكى ھاكىمىيەت ئالماشقان تەقدىردە سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللار ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ خەتەر ئاستىدا قالىدىغانلىقى، بۇ ۋەھىمىلىك ئەھۋالنىڭ ئاز سانلىقلاردىن باشقا، رايونلۇق توقۇنۇشلارغىمۇ يول ئېچىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى تەكىتلىنىپ ئالاقىدار تەرەپلەر ئاگاھلاندۇرۇلدى.
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارشى ھىزبۇللا ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ، كېيىنكى كۈنلەردە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئەسەدنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدىن باشقا، ئۆزىنى قوللايدىغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىمۇ ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ ئەسەد ئاغدۇرۇۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيەدە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولغان 2011-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 14-ئىيۇندىن باشلاپ 1 مىليون 638مىڭ 102گە يەتكەن. ب د ت نىڭ تەخمىن قىلىشىچە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار مۇشۇ پېتى داۋاملاشقان تەقدىردە يىل ئاخىرغىچە مۇساپىرلارنىڭ سانى 3 يېرىم مىليونغا يېتىدىكەن.
ب د ت ئورگانلىرى سۈرىيە كىرزىسى ئۈچۈن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرىنى 4 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن 2013-يىلدا ئىشقا ئاشۇردى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرغىچە بەرگەن ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ قىممىتى 513 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ مۇزاكىرە يولى ئارقىلىق سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئوبامانىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللار ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەربىي پىلاننى ئىشقا سېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى. دوكلاتتا يەنە، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كېلەر يىلىمۇ ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەنبە: TRT