چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 تۈرك كېڭىشى مۇنبىرى يىغىنى باكۇدا چاقىرىلدى

تۈرك كېڭىشى مۇنبىرى يىغىنى باكۇدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىئسپوراغا مەسئۇل مىنىستىرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى مۇنبىرى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلدى.

مۇنبەر يىغىنىغا 44 دۆلەتتىن 500 دىن كۆپرەك كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىئسپورا ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى خەلىل ئاقىنجىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى كەمال يۇرتناچ ئىشتىراك قىلماقتا.

يۇرتناچ، يىغىندا تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرى توغرۇلۇق توختالغان يۇرتناچ، تۈرلۈك ساھەلەردە بۇ دەۋالارغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خوجالى قەتلىئامى ۋە قاراباغ مەسىلىسىگە ئوخشىغان مەسىلىلەردە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك مىخانىزىملارنىڭ ئورنىتىلىدىغانلىقىنى، باكۇ مۇنبىرىنىڭ بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى خەلىل ئاقىنجىمۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، دۇنيادا تۈرك دىئاسپورا ئورگانلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي نوپۇز جەھەتتىن ئاجىز ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا نىشاننىڭ تۈرك دىئاسپورا ئورگانلىرىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يىغىندا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئېلىيېۋ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بىر كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندىن كېيىن تۈرك دۇنياسى دىئسپورالىرىنىڭ ئورتاق باياننامىسىنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 

مەنبە: TRT

Leave a Reply

Scroll To Top