بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋىرى: سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقى (Samsung Electronics) نىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ساپ پايدىسى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ Galaxy مەھسۇلاتىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىكى سېتىشىنىڭ ئېشىشىدىن كەلگەن. كەسپىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ ئەقلىي يانفونلىرى ئالما شىركىتىنىڭ بازىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تارتىۋېلىشقا باشلىغان.
سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ساپ پايدىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 5 تىرىلىئون 50 مىليارد كورىيە ۋونىدىن ئۆرلەپ 7 تىرىلىئون 150 مىليارد كورىيە ۋونى (6 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىپ، تەھلىلچىلەرنىڭ 6 تىرىلىئون 730 مىليارد كورىيە ۋونىلىق مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ سېتىش سوممىسى 45 تىرىلىئون 300 مىليارد كورىيە ۋونىدىن ئېشىپ 52 تىرىلىئون 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
سامسۇڭ ئەقلىي يانفونىغا بولغان ئېھتىياج 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سېتىشقا باشلىغان Galaxy S4 يانفونىنى ھەمدە تېخىمۇ قولايلىق بولغان ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ سېتىشىنىڭ ئېشىشىنى سىلجىتقان. پۈتكۈل يەر شارى يانفون بازىرى كۆلىمى 358 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقىنىڭ مال تارقىتىش مىقدارى ئېھتىمال ئالما شىركىتىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، سامسۇڭنىڭ ئالاقە كەسپىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىنىڭ تېلېۋىزورغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاشماسلىقىنىڭ سامسۇڭغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلەتكەن.
Midas خەلقئارا مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى سېئۇلدا: «سامسۇڭ كېيىنكى نەچچە پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىدۇ، مەن سامسۇڭنىڭ يەرشارىۋى پايدىسىنىڭ ئالما شىركىتىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.
باشقا بىر تەرەپتىن، تەتقىقات شىركىتى Strategy Analytics بوستوندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقى بىرىنچى پەسىلدە يەر شارى ئەقلىي يانفون بازىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone ئېشىش سۈرئىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان.
سامسۇڭ ئەقلىي يانفونىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك مال تارقىتىش مىقدارى %56 ئېشىپ 69 مىليون 400 مىڭ دانە بولغان. ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نىڭ مال تارقىتىش مىقدارى %6.6 ئېشىپ 37 مىليون 400 مىڭ دانە بولغان، LG ئېلېكترون شىركىتى ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. يەر شارى ئەقلىي يانفون مال تارقىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئاشقان بولۇپ 295 مىليونغا يەتكەن، ئاساسلىقى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ 3G مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشكە باشلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ 3G مۇلازىمىتىنى قوللىنىشىنى باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر تەھلىلچىسى: «سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئەقلىي يانفون تارقىتىش مىقدارى ئالما شىركىتىدىن ئىككى ھەسسە دېگۈدەك كۆپ بولدى، ئېشىش سۈرئىتى ئالما شىركىتىدىن 9 ھەسسە كۆپ. سامسۇڭنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك يەر شارى مال تارقىتىش مىقدارى داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلايدۇ» دېگەن.
مەنبە: خەۋەر تورى
م