تەتقىقاتچىلار 12 مىڭ كىشىنىڭ ناشتا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقارغان:
– ئەتتىگەندە ناشتا قىلمايدىغانلاردا قاننىڭ يېپىشقاقلىق، قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى سەھەردە يۇقىرى بولىدىكەن، ۋاھالەنكى ناشتا قىلمىغانلارنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. شۇڭا، ناشتا قىلمايدىغانلار ئاسانلا يۈرەك ۋە سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كېتىدىكەن. كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان ئاغرىقنىڭ ناشتا قىلمايدىغان ناچار ئادىتى بار ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئاچ قورساق تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزاقراق بولۇپ يەنى ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئەتىسى چۈشكىچە بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خۇلېستېرىن تويۇنغان ھالەتتە بولۇپ، ئاسانلا ئۆت خالتىسىنىڭ ئىچىگە تىنىپ قالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇ ئۆتتە تاش بولۇپ شەكىللىنىدىكەن. بەدىنى سېمىزرەك ئوتتۇرا ياش ئاياللار دائىم ناشتا قىلمىسا، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار نەپەر 25 ياشتىن 37 ياشقىچە بولغان 2681 كىشىنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ناشتا قىلمايدىغانلاردا ھەر كۈنى ناشتا قىلىدىغانلارغا قارىغاندا ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى يۈز بېرىش نىسبىتى 50%يۇقىرى بولغان. ئېنسۇلىننىڭ قارشىلىقى قەنت كېسىلىنىڭ ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامىتىدۇر.ناشتا قىلمايدىغانلار ئاسانلا ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولىدىكەن. ناشتا قىلمىغان ھالەتتىمۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى يەنىلا نورمال ئاجرىتىلىدۇ، ئاشقازان قۇرۇق بولغاچقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان يارىسى ياكى ئاشقازان يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناشتا قىلمىغاندا قورساق دائىم ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، چۈشلۈك تاماقنى كۆپرەك يەۋىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى كېرىلىپ كېتىپ، ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىش ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مەنبە.قەشقەر تورى