چاقماق خەۋەر
Home 20 مۇجاھىد قەشقىرى تۈرك خەلقىنى يەنە ھاياجانلاندۇردى
مۇجاھىد قەشقىرى تۈرك خەلقىنى يەنە ھاياجانلاندۇردى

مۇجاھىد قەشقىرى تۈرك خەلقىنى يەنە ھاياجانلاندۇردى

Mujahit-qeshqerli-erdoghan.jpg

مۇجاھىد قەشقىرى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىللە. 2013-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim
Mujahit-qeshqerli-erdoghan-sogha.jpg

مۇجاھىد سەھنىدىن قايتقاندىن كېيىن باش مىنىستىر مۇجاھىدنى قۇچىقىغا ئېلىپ باغرىغا باستى ۋە سوۋغا تەقدىم قىلدى. 2013-يىلى مارت، تۈركىيە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن، 250 مىڭ كىشى شېھىت بولغان چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 96 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن چاناققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، تۈركىيىدە پارلىغان كىچىك ئۇيغۇر يۇلتۇزى مۇجاھىد قەشقىرى «چاناققەلئە» ناملىق داستاننى تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئوقۇپ، يىغىن ئەھلىنى ئۆزىگە رام قىلدى.

بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەش مىنىستىرى، بوسنىيە، ماكادونىيە، پاكىستان، ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئالىي رەھبەرلەرمۇ قاتناشقان ئىدى. مۇجاھىدنىڭ چۈچۈك ئاۋازى بىلەن دېكلاماتسىيە قىلغان «چاناققەلئە» ناملىق داستانى چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرى بىلەن بىرلىشىپ مىنىستىرلارنىڭمۇ كۆز يېشى قىلىشىغا سەۋەب بولدى.

«چاناققەلئە» داستانى تۈركىيە دۆلەت مارشىنىڭ يازغۇچىسى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ تۈركىيىنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ خاتىرىسىگە ئاتاپ يازغان 84 مىسرالىق داستان بولۇپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كەشتىلەنگەن كۆك رەڭلىك كاناۋاي كۆڭلەك كىيگەن مۇجاھىدنىڭ جەڭگىۋار ئاۋازى بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىنغان بۇ داستان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ تەسىرلەندۈردى.

مۇجاھىد سەھنىدىن قايتقاندىن كېيىن باش مىنىستىر مۇجاھىدنى قۇچىقىغا ئېلىپ باغرىغا باستى ۋە سوۋغا تەقدىم قىلدى.

بۇ مۇراسىم پائالىيىتى ئەتىسى كۈنى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا خەۋەر قىلىندى.

مۇجاھىد بۇندىن بۇرۇنمۇ تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نۇرغۇنلىغان پروگراممىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىشىدا شېئىر ئوقۇغاندىن باشقا يەنە، ئەڭ نوپۇزلۇق قاناللارنىڭ بىرى بولغان چولپان قانىلىنىڭ «تالانت سىزدە» ناملىق مۇكاپاتلىق ماھارەت كۆرسىتىش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي شۇنچە ئۇزۇن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلالىشى بىلەن غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

 

مەنبە:-  RFA

Leave a Reply

Scroll To Top