ئابدۇكېرىم راخمان
1995-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «ئاتا تۈرك كۇلتۈر، تىل ۋە تارىخ يۈكسەك قورۇمى»(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نامى)نىڭ باشقۇرۇشىدا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا نەۋرۇز سىمفوزىيۇمى(ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى) ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ئىلمىي پائالىيەتكە ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ئوكرائىنا، ۋىنگىرىيە، گېرمانىيە، بولغارىيە، تۈركىيە، سىپروس قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە قارا قالپاق، ياقۇتىستان، تاتارىستان، قارا چاي قاتارلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىن 60 تىن ئارتۇق ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.
تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودىن مەن «ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز» ناملىق ئىلمىي ماقالەم بىلەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
بۇ خەلقئارا ئىلمىي پائالىيەتنىڭ 2-كۈنى كەچتە، ئەنقەرەدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەيۋەتلىك «نەۋرۇز فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستىۋالدا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قارا قالپاق، تۈركىيە، سىپروس قاتارلىق تۈركىي ئەللەردىنكەلگەن فولكلور سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۆز رايونىدىكى نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىياتىرلاشقان قۇيۇق مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. فېستىۋالغا كونا يىلغا سىمۋول قىلىنغان «قىش بوۋاي» بىلەن ھۆسن جامالىدىن باھار قىياپىتى چاقناپ تۇرىدىغان «باي چېچەك» سىياقىدىكى «باھار قىز» رىياسەتچىلىك قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنڭ باشباقانى(باش مىنىستىرى-زۇڭلىسى) تاڭسۆي چىللەر خانىم ساھىبخان دۆلەتكە ۋاكالىتەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ تەبرىك سۆزىدە، «نەۋرۇز بايرىمى»نىڭ ئۇزاق قەدىمدىن تارتىپ پۈتۈن خەلقنىڭ دۇنياۋى بايرىمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، «نەۋرۇز» – تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى ئىكەنلىكىنى، «نەۋرۇز بايرىمى» – ئىنسانلارغا ياخشى تىلەك، گۈزەل ئارزۇ بېغىشلايدىغان، تەبىئەتنى، ئىنساننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان بايرام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىنىڭ مىسالى بولغان بۇ بايرامنى دۇنياۋى كالېندارلىق بايراملار قاتارىدا قۇتلۇقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى «نەۋرۇز سىمفوزىيۇمى» ۋە «نەۋرۇز فېستىۋالى»دىكى ئەھمىيەتلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە فېستىۋالغا بېغىشلاپ «نەۋرۇز» ناملىق مەخسۇس بىر كالېندار ئىشلەنگەن.