چاقماق خەۋەر
Home 20 كۇتۇپخانا 20 قازارلار ۋە قازار خانلىقى
قازارلار ۋە قازار خانلىقى

قازارلار ۋە قازار خانلىقى

قازارلار ۋە قازار خانلىقى

قازارلار(Khazars) ئادەتتە غەربى تۈركلەر(ئون ئوق)نىڭ بىر قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ،ئەمەلىيەتتە قازارلار  شىمالى ھۇنلار بىلەن قاڭقىللارنىڭ غەربكە كۆچۈپ ياۋروپا بارغان ساراغۇر(Saragur) قەبىلىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ يەنە يەرلىك مىللەت(چېچېن)لەرنىڭ بىر قىىسمىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلار مىلادىيە 2-ئەسىرلەردە رۇسسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە كاسپىي دېڭىزى(قازار دېڭىزى)نىڭ شىمالىدا پەيدا بولغان.

قازارلار(可萨)نىڭ مىللەت تەركىبى كۆپ مەنبەلىك بولۇپ،مىلادىيە 5-ئەسىرلەردىكى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىنىڭ تارىخى ئەسەرلىردە ھەمىشە بىر ئاكاسىر(Akatziroi) دەپ ئاتىلدىغان مىللەتنى تىلغا ئالىدۇ،484-يىلى ئاتىللانىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپتىدە تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنى كاسپىي دېڭىزى(قازار دېڭىزى)نىڭ شىمالى ۋە ئازاق دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان قەبىلە دەپ قارىغان.بەزىلەر قازارلارنى ئاق ئالان دېگەنلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ،بىراق قاڭقىللارنىڭ  قاسار (葛萨) قەبىلىسى ئۇلارنىڭ بىۋاستە كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.

قازارلار يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن،ئۆزلىرنىڭ مىللەت مەنبەسىنى نوھ(ئەلەيھىسالام-ت)نىڭ ئوغلى گومېر(Gomer)،گومېرنىڭ ئوغلى يافەس(Japheth)كىچە باغلايدۇ.يەنە بەزىلەر قازارلارنى نۇشىبىلار(Nushibi)دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.قازارلار شەرقى ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىن شىمالى كاۋكازغىچە بولغان جايلاردا يېرىم ئولتۇراقلاشقان.

قازارلار دەسلەپتە غەربى تۈركلەر ئازراق مۇناسىۋىتى بولۇپ،كېيىن تولۇق مۇستەقىل بولغان.ئۇلار مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىمالى كاۋكازدىن ئىدېل( ۋولگا) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەنكى بويلىردا قۇدرەتلىك  قازار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ھەم يىپەك يولىنىڭ شىمالى قاتنىشىدىكى بىر قەدەر مۇھىم ئۆتەڭگە ئايلانغان.قازار خانلىقى(618-1048)نىڭ زېمىنى شەرقتە بۈگۈنكى خارەزىم،غەربى قازاقىستان ئوبلاستىدىن غەربتە دوناي دەرياسى بىلەن بۈگۈنكى ئۇكرائىنا ۋە داغىستاننىڭ مەركىزىگىچە بولغان جايلارنى،جەنۇبتا گرۇزىيە،چېچىنىيە،قىرىم،كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقى-شىمالى قىسمى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.قازارلار شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە ئەرەب ئېمپىرىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان.

قازارلارنىڭ قاغانى تارقان(Tarkhan) دەپ چاقىرىلدىغان بولۇپ،«قازار››دېگەن سۆز گېرمانچىدا «كاپىر›› دېگەن مەنىنى،گرىكچىدا «ھۇن چەۋەنداز›› دېگەن مەنىنى،رۇسچە ۋە ئىبرايچىدا  «پادىچى›› دېگەن مەنىنى،ئەرەبچىدە «كىچىك كۆز›› دېگەن مەنىنى،ئەرمەنچە ۋە گرۇزىنچىدە«شىمال››دېگەن مەنىنى،تۈركچىدە بولسا «قېچىش،قاچاق›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ.قەدىمقى پېرسىيە تارىخى كىتابلىردا قازارلار بۇلاڭ-تالاڭغا،ئۇزۇن يول يۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا ھېرىسمەن دەپ خاتىرلەنگەن،ئۇزۇن نەيزە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قورالى بولغان.ئاسىيالىقلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىنچە ياشاش ئۇسۇلى قازارلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلارنىمۇ قازارلار دەپ ئاتىغان.1480-يىللاردا،گرۇزىيەدە ئۆزلىرنى قازارلار دەپ ئاتايدىغان تۈركى تىللىق چارۋىچى قەبىلە بار ئىكەن.كېيىنكى كازاك(казаки) ۋە قازاق(Каза́хи)لارنىڭ نامىمۇ مۇشۇ قازار دېگەن نامدىن كەلگەنىكەن.چېچىن تىلىدا «قازار›› دېگەن سۆز ‹‹گۈزەل جىلغا›› دېگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن.

قازار خانلىقىدا قازارلاردىن باشقا يەنە بەلەك تۈركى قەبىلىلەر،پارسىلار،ئوغۇرلار،سلاۋيانلار،گوتلار ۋە كاۋكازلار ياشىغان.پارسچە يېزىلغان «ھۇدۇد ئەل ئالەم››دېگەن كىتابتا قازار خانلىقىنىڭ قاغانىنىڭ تەگئاتى(فامىلە) ئاشىنا دېيىلگەن.

قازارلار شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى بىلەن پېرسىيە ئېمپىرىيەسى ئازەربەيجاننى تالاشقان ۋاقىتتا قازار قاغانى جابىر شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىگە بۆرە(سەركەردىنىڭ ئىسمى) باشچىلىقىدىكى 40 مىڭ ئەسكەر بېرىپ تۇرغان، قازارلار بۇندىن بۇرۇن كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا شەرقى رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇشقانىدى.قازارلار يەنە ئەرەب ئۇمەييە سۇلالىسنىڭ شەرقى ياۋروپاغا بولغان تاجاۋۇزىنى زور كۈچ بىلەن توسقان.

8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا قازالارنىڭ قاغانى شامان دىنىدىن يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،تەخمىنەن 740-يىلى قازار قاغانى بىر يەھۇدى قانلىق سانغۇننىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا يەھۇدى دىنىغا كىرگەن ھەم يەھۇدى دىنىنى قازار خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن،بىر قىسىم پۇقرالار قاغانغا ئەگشىپ يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،لېكىن خانلىقنىڭ كۆپ قىسىم پۇقرالىرى مۇسۇلمان ۋە خرستىئان دىنىغا ئېتىقادى قىلغان.

10-ئەسىردە ئەرەبلەر قازارلارنى يەھۇدىلاردىن پەرقلەنمەيدۇ دەپ قارىغان.قازار خانلىقى 11-ئەسىردە كىيۋرۇس كىنەزلىكى،شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە پەچەنەكلەر(تۈركى قەبىلە)نىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن گۇمران بولغان.ھازىرقى قىرىمىيە(قىرىم) ئىلگىرى قازارىيە دەپ ئاتىلاتتى،نۇرغۇن مىللەتلەر ھازىرمۇ كاسپىي دېڭىزىنى قازار دېڭىزى دەپ ئاتايدۇ.قازارلار ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتتا تەسىر كۈچى ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلغىچە يېتىپ بارغان.

قازارلار ياۋروپادىكى تۈركى قەبىلىلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىكى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۈچ ئاستانىسى بولغان.

بىرىنجىسى: بالانجار(650-820) ،تېرەك دەرياسىنىڭ جەنۇبى تارماق ئېقىنى سۇلاق دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىگە جايلاشقان بولۇپ،722-يىلدىن 723-يىلغىچە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.

ئىككىجىسى:سەمەندەر،ھازىرقى ماخاچقالانىڭ ئەتراپىدا.

ئۈچىنجىسى:ئاتىل(820-1048) ،ئاستىراخاننىڭ شىمالىدا.

قازار خانلىقى 1030-يىلى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە كىيۋرۇس كىنەزلىكىنىڭ ھۇجۇم ئاستىدا گۇمران بولغان،ئۇلارنىڭ يەرلىرى قىپچاقلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن.قازار خانلىقىنىڭ زېمىنى كىيۋرۇس كىنەزلىكى ۋى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى تەرىپىدىن بۆلۈشىۋېىلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم قازارلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ئوتتۇرا-ئاسىيا ۋە ئېدىل(ۋولگا) دەريا ۋادىلىردىكى تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلارغا ئايلانغان.يەنە بىر قىسىم ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان قازار تۈركلىرى رۇسسىيەنىڭ نەچچە قېتىملىق يەھۇدىلارنى قوغلاش دولقۇنىدا توختاۋسىز ھالدا ئوتتۇرا شەرققە قاراپ كۆچكەن ھەم ئاخىرى ئاشكىنازى يەھۇدىلىرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.قازارلارنىڭ يەنە ئۈچ قەبىلىسى پاننونىيە(Pannonia)گە ئەۋەتىلگەن،ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قىرىم تاتارلىرى ۋە قالماقلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

قازار خانلىقىنىڭ تەختى قاغان ۋە قاغانبەگ(Khagan Bek) دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن.ھازىرقى زامان ئەرەب تارىخىچىلىرنىڭ قارىشىچە قازار خانلىقنىڭ قاغانى(ئاشىنا ئۇرۇقىدىن)  مەنىۋى جەھەتتىكى ھۆكۈمران بولۇپ،ھوقۇقى چەكلىك ئىكەن،ئەمەلى ھوقۇق قاغانبەگنىڭ قولىدا بولۇپ ھەربى،مەمۇرى ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەن،قاغان بىلەن قاغانبەگ ئېدىل دەرياسىدىكى بىر ئارالدا تۇردىكەن، قاغاننىڭ 25 خانىشى ۋە 60 توقىلى بولىدىكەن،ئوردىدا يەنە ئاغۋاتلار بولىدىكەن.بۇ ئۇسۇل كېيىنكى ھۇنگىرلار ۋە ئوغۇزلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.

     بىر مۇسۇلمان تارىخچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە،قازارلار ئىككىگگە بۆلۈندىغان بولۇپ تېرىسى ئاق،سېرىق چاچ،كۆك كۆز كەلگەنلىرى ئاق قازار دېيىلدىكەن،تېرىسى قارا كەلگەنلىرى قارا قازار دېيىلدىكەن.ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تۈركى تىللىق دۆلەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايرىش(سىياسى جەھەتتە،ئىرقى جەھەتتە ئەمەس) مەۋجۇد بولۇپ «تېرىسى ئاق›› لىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپنى كۆرسەتسە،«قارا››لىرى ئاددى پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.

قازارلارنىڭ قاغانى ئادەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ ،تۆت ئايدا بىر قېتىم ئۆزىنى كۆرستىدىكەن،كۈندىلىك ئىشلارغا قاغانبەگ مەسئۇل بولىدىكەن،قاغانبەگ كۈندە بىر قېتىم قاغان بىلەن كۆرۈشكىلى كىرىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىكەن.بىر ئەرەب يازغۇچىسى 10-ئەسىردىن كېيىنكى قازار ئاقسۆڭەكلىرى يەھۇدىلار دېگەن.قازار خانلىقى ئاھالىلىرى ئۆزلىرنىڭ ئىككى يەھۇدى،ئىككى مۇسۇلمان،ئىككى خىرىستىئان سوتچىلىرى بولىدىكەن،سىلاۋيانلارنىڭ بولسا باشقا سوتچىسى بولىدىكەن.بەزىلەر قازارلارنىڭ قاغانى بىلەن قاغانبەگنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى ياپونىيەنىڭ تېننوسى بىلەن باكافۇ سانغۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ.

قازارلار غەربى تۈركلەرگە ئوخشاش قىرىمدا تۇدۇن(ئەمەل نامى،Tudun) قويغان بولۇپ،ئۆزىگە تەۋە خانلىقلارنىڭ باشلىقىنى ئىلتەبىر(Elteber)لىككە تەيىنلەيدىكەن.ئۇلارغا ئولپان تاپشۇردىغان قەبىلىلەردىن پەنەچەكلەر،ئوغۇزلار،سابىرلار،قىرىم گوتلىرى،قىرىم ھۇنلىرى،ماجارلار،گىرۇزىنلار،ئەرمەنلەر،ئالانلار،شىمالى كاۋكاز ھۇنلىرى،لەزگىلەر،ئاۋارلار،چەركەزلەر،ئازەرىلەر،شەرقى سىلاۋيانلار،بۇرتاسلار،بۇلغارلار،مولداۋانلار،قاڭقىللارنىڭ “拔塞” قەبىلىسى قاتارلىقلار بار.

خانلىق نامى: قازار خانلىقى(Khazar Khaganate)

باشقا نامى: قازارىيە(Khazaria)

مەۋجۇت ۋاقتى: 618-1408

ئاستانىسى: بالانجار(650-820)،  ئاتىل(820-1048)

تىلى: قازار تىلى

دىنى: تەڭرىچىلىك،شامان دىنى،خرىستيان دىنى،يەھۇدى دىنى،سلاۋيان ئەپسانىلىرى،ئىسلام دىنى

پۇلى: يارماق

قاغانلىرى: 1.توڭ يابغۇ

               2.ئوبادىيە

               3.زىكىرىيە

               4.بۇلان

               5.بېنجامىن

               6.ھارۇن

               7.خان تۇۋان

               8.يوسىف

               9.ماناسسى

تەرجىمە قىلغۇچى:ياغلاقار     مەنبە:

Leave a Reply

Scroll To Top