ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە «بۇلبۇلقارىم» دەپ نام ئالغان مەشھۇر دىنىي زاتلىرىمىزدىن ئابلەت قارىھاجىم 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر ئايرودرومى بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى يولدا ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئەتىگەن سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇ ئاپتوموبىل ھادىسىسىنىڭ قەستەنلىكتىن ياكى سەۋەنلىكتىن بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئاتۇش تىجەن مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولغان ئابلەت قارىھاجىم توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، مەرھۇم 13 يېشىدىلا قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپ، ناھايىتى يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن «بۇلبۇلقارىم» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كېيىن تىجەن مەسچىتىگە ئىمام بولغان. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا سىقىلىپ، ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن ۋە پار-پۇر زاۋۇتى يولى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغان. مەلۇماتلاردا مەرھۇمنىڭ ناھايىتى كۆپ شاگىرتلارنى تەربىيىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇلبۇلقارىم توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتى بولغان گېرمانىيىدىكى زەبىبۇللاھ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىلگەنلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋەتەن ئىچىدىكى تور بەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ قايغۇلىرىنى ھەرخىل يوسۇندا ئىپادىلىمەكتە.
بېزىلەر: «ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، بىدئەتكە رەھىمسىزلەرچە ئوت ئاچقۇچى شىر يۈرەك ئىسلاھاتچى ۋە دەۋەتچى، 13 ياش ۋاقتىدىلا قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ ھەممىنى قايىل قىلىپ بۇلبۇل نامىغا نائىل بولغان مۇرەتتەپ قارى ئابلەت قارى ھاجىم 77 يېشىدا ئاتۇش شەھىرىدە بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئەلۋىدا، ئەلۋىدا، سۆيۈملۈك ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنىڭ دىن يولىدا تىنىمسىز ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلغاي! تارتقان ئەرزىيەتلىرىگە كاتتا ئىنئام بەرگەي، نام-ئەمەللىرىنى ئوڭ تەرەپتىن بېرىپ، ياتقان يەرلىرىنى جەننەتۇل رىزۋاندا قىلغاي، ئامىن!..» دەپ يازسا، يەنە بەزىلىرى: «رەھمەتلىك كەسكىن ئىدى. باي-گاداي دېمەي راستنى-راست قىلاتتى. ئاتۇشتىن باشقا شەھەردىن كېلىپ تەفسىرىنى ئاڭلاپ كېتىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ…. بەزىبىر توسقۇنلۇققىمۇ ئۇچرىغان ئىدى» دېيىشكەن. يەنە بېزىلەر بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان دىنىي زاتلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قازاغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىدىن گۇمانلىنىپ: «توۋا، يېقىندىن بۇيان دىنىي ئالىملىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. ئاتۇشتىن چىققان داڭلىق دىنىي ئالىم رۇستەم قارى ھاجىم، تېكەستە ئولتۇراقلىشىپ قالغان داڭلىق دىنىي ئۆلىما ئابدۇلۋاھاپ قارىھاجىم، ئەيسا قارىھاجىم، ئابلەت قارىھاجىم.. دېگەندەك مەشھۇرلىرىمىز تۇيۇقسىزلا ۋەقە-ھادىسىلەرگە ئۇچراپ تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ؟» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شۈبھىلىرىنى بايان قىلىشماقتا.
بۈگۈن 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مەرھۇم ئابلەت قارىھاجىمنىڭ مېيىت نامىزى ئۆزى ئىلگىرى ئىمام بولغان ئاتۇشتىكى تىجەن مەسچىتىدە بامدات نامىزىدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن. مىڭلىغان خەلق بۇ نامازغا قاتناشقان ۋە مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى باشلىرىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇزۇن سەپ ھاسىل قىلىپ، ھەيۋەت بىلەن تۇپراققا ئۇزاتقان.
مەنبە: RFA