چاقماق خەۋەر
Home 20 كۇتۇپخانا 20 تۇرغۇن ئالماس
تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس ـــ ئاتاقلىق تارىخچى ، ئالىم ۋە شائېر.

تۇرغۇن ئالماس 1924 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ 1934 –يىلىدىن 1939 –يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونى ئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939 – يىلى 9 – ئايدىن 1942- يىلى 8 – ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك سىفەن مەكتەپتە، 1956 – يىلى 6 – ئايدىن 1957 – يىلى6 –ئايغىچە، لۇشۇن ئەدەبىيات شۆيۈنىدە ئوقۇدى. ئۇ 40 –يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگىلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ ، 1941 – يىلى ئېلان قىلغان «قايتمايمىز» ناملىق شېئىرى شائىر ئىجادىنىڭ تۈنجى مېۋىسى ھېساپلىنىدۇ.

تۇرغۇن ئالماس 1942 – يىلى 8 – ئايدا، سابىق ئۆلكىلىك سىفەننى تاماملىغاندىن كېيىن، قاراشەھەر ناھىيسىنىڭ دەنزىل يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولدى. 1943 – يىلى گومىنداڭچىلارنىڭ ھەقىقەتكە قارشى تۆھمەت بىلەن تولۇپ تاشقان «نۇتۇق»لىرىغا قارشى چىققانلىقى ۋە ياشلار ئارىسىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ فاشىستىك دىكتاتۇرىسىغا قارشى دادىل تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. بۇ بىر مەزگىللىك تۈرمە ھاياتىدا ئۇ «تۇتقۇن»، «غېرىپ موماي»، «جەمىلە»، «ئازادلىق مەشئىلى»، «ئىككى تامچەياش»، «چوپان» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئازادلىققا بولغان تەشنالىقىنى ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئازادلىق تېڭىنىڭ ئاتىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.
1946-
يىلىنىڭ بېىشىدا، قاماقتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتى قەشقەرگە پىيادە يېتىپ بېرىپ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىقىغا مىڭبىر مۇشەققەتتە ئېرىشكەن شائىر بۇ مەزگىلدە «تەنلىرىم
ياپراق»، «ياشلىقىم»، «ئانا تۇپراق ئۈچۈن» قاتارلىق يالقۇنلۇق ئىنقىلابىي شېئىرلارنى يېزىپ، خەلق ئاممىسىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشىي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ «تەنلىرىم ياپراق» ناملىق شېئىرى خەلق ئارىسدا ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارالدى.

1946- يىىلى 6- ئاينىڭ 15 – كۈنىدە، «11 ماددىلىق بىتىم» (گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىتىم) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقى (ئاساسەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى) نىڭ ھاياتىدا قىسقامۇددەت ئۆمۈر سۈرگەن دېموكراتىيە، تىنچلىق مەزگىلى باشلاندى. تۇرغۇن ئالماس بۇ ۋاقىتتا قەشقەردىكى ئۇقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا مۇدىر، قوشۇمچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ تەرتىپ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى. بۇ مەزگىلدە شائىر ئۆزىنىڭ«ئۈمىدلىك خىيال»، «جەنۇب ساداسى»، «مۇڭلىرىم» قاتارلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق خەلقنى گومىنداڭ فاشىستلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىردى.

1947 – يىلى 5 – ئايدا، ئەخماتجان قاسىمى، جاڭ جىجۇڭلار جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، تۇرغۇن ئالماس ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپقان خەلق ۋەكىللىرى تەركىبىدە جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ھەققانى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە قايىتقاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئاق تېررورلۇق يەنە ئەۋج ئالدى. مانا شۇنداق خەتەرلىك پەيىتتە شائىر «ساتقۇنغا ئۆلۈم» ناملىق جەڭگىۋار شىئىرىنى يېزىپ، جىياڭ جيېشىنى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مىللى غالچىلىرىنى ئاشكارا دۇمبالىدى.

گومىنداڭ دائىرىلىرى 1947 – يىلى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كىچىسى، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى قورشاپ، تۇرغان ئالماسنى تۇتقۇن قىلىپ، سابىق گومىنداڭ 42- جۈنىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدىكى ھەربىي قاماقخانىسىغا قامىدى. گومىنداڭ سوراقچىلىرى شائىرنى قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىپ، ۋەھشىيلەرچە قىيناپ بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قىلچە تىز پۈكتۈرەلمىدى.

ئۇ سولاقتا ياتقان چاغلىرىدىمۇ «گۈزىلىم» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىقى بىلەن سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىگە يۈزلىنىشى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى نەتىجىسىدە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 1949 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى شائىرنى قاماقتىن بوشىتىشقا مەجبۇر بولدى. تۇرغۇن ئالماس شۇيىلى 8 – ئايدا غۇلجىغا كېلىپ تاكى ئازادلىققىچە «ئالغا» گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى. ئازاتلىقتىن كېيىن، 1950 – يىلىدىن 1953 ـ يىلى 7 – ئايغىچە، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە مەسئۇل خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1953 – يىلى 7 – ئايدىن 1990-يىىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئاخىرىدا تارىخ تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بويان، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ «تارىم شاماللىرى
»
، «تاڭ سەھەر» ناملىق شېئىر توپلاملىرى، «قىزىل بايراق» پوۋېستى، «پىچاق» درامىسى نەشىر قىلىندى ھەمدە «قىزىل بايراق» ناملىق پوۋىستى 1955 – يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن
تاشقىرى خەنزۇ، ئىنگىلىز، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. «پىچاق» درامىسى «جۇڭگو شىجۈي» نەشرىياتىدا 1958 – يىلى خەنزۇچە ئايرىم كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا دائىر 40 پارچەئىلمىي ماقالە يازدى، بۇ ماقالىلەر «تارىم»، «شىنجاڭ مەدىنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، « قەشقەر پىداگوگىكا شۆيۈەنى ئىلمىي ژۇزنىلى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى »، «مىللىي يازغۇچىلار» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ خەنزۇ تىلى (يېزىقى) نى مۇكەممەل بىلگەندىن تاشقىرى رۇس، تۈرك تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

تۇرغۇن ئالماس ئۆزىنىڭ مول ئىجادىيەت مېۋىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. ئۇ باش تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، « قۇتادغۇبىلىگ » تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. تۇرغۇن ئالماس 1980- يىلىدىن باشلاپ ، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ خېلى دەرىجىدە يامانالاشقانلىقىغا قارىماي «ھۇنلارنىڭ قىسقىىچە تارىخى»، «ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى»، «تۈركلەر»، «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى گېرمانىيىدە (ھامبورگدا) نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان بولسا، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق ئەسىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىىلنىپ، نەشىر قىلىندى تۇرغۇن ئالماس، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۈيۈك ھون ئېمپىراتورلىقى ،كۆك تۈرك خانلىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى قاتارلىق مەشھۇر خانلىقلار ۋە باشقا چوڭ كىچىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەقىقىي تارىخى ، ئۇلار ياراتقان پارلاق مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسىرلىرىنى ، مول تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا ، كەڭ ۋە مۇپەسسەل يېزىپ چىقىپ ، ئۇيغۇرلارنى ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ياش ئەۋلادلارنى ئۆز مىللىي تارىخىنى ھەقىقى بىلىش ، ئۆزىنىڭ خانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى . ئىلگىرىكى ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە ئۈمۈدسىزلىك كەيپىياتلىرىدىن قۇتقۇزدى . تۇرغۇن ئالماسنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان 80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدىكى ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئۆز تارىخى يىلتىزىنى ئىزدەش ۋە تارىخ ئۆگۈنۈش دولقۇنى قوزغالدى .بۇ ھال ياشلار ئارىسىدا ئۆز خانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھازىرقى تەقدىرىدىن ئېچىنىش ۋە كېلەچەككە بولغان بۈيۈك ئىستەكلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى
1990-
يىلى ئەتىيازدا تۇرغۇن ئالماسنىڭ « ئۇيغۇرلار »قاتارلىق ئۈچ كىتابى ئۈستىدە چەكلەش بۇيرىقى ئېلان قىلىندى ۋە پۈتكۈل شىنجاڭ بويىچە « ئۈچ كىتابنى تەنقىتلەش» ھەركىتى قوزغالدى . ئەسەر ئاپتورى بولسا ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقوقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىپ ، سىياسىي نەزەر بەنتكە مەھكۇم قىلىندى. «ئۈچ كىتاب » ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ئۈستىدىن چەكلەش ، تەنقىت ۋە تەقىپلەش جارى ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن ، ئەل ئارىسىدا تۇرغۇن ئالماس ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئېتىبار ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيدى. تۇرغۇن ئالماس ئىلگىرى پەقەت تارىخچىلا بولغان بولسا ، ئەمدىلىكتەمىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن جاي ئالدى ، ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەم ئاددىي كىتابلار ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈ ئىزى ئۆچمەيدىغان قىممەتلىك ئابىدىگە ئايلاندى ھاياتىنىڭ يېرىمىنى جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ پىشقەدەم، چىداملىق، غەيرەتلىك ئۇستاز 2001-يىلى 9- ئاينىڭ11-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى

Leave a Reply

Scroll To Top