مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ جەنۋەدىن خەۋەر قىلىشىچە،2013 – يىلى 3 – ئاينىڭ 11 – 14 – كۈنلىرى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلۋاتقان خىرىسلار» ناملىق مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر جەنۋە شەھىرىگە جەم بولدى.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، د ئۇ ق بىلەن بىرگە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىق قىلىشى ھەم ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددى قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.
يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن 10 – مارت كۈنى ۋەكىللەر جەنۋە شەھىرىدە شىۋېتسارىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىن جەريانىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە غەربلىك سىياسىي ئەربابلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە ۋە خىتايدىكى سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
تەپسىلاتىنى ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭلار
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/duq-jenwe-03102013204518.html